ئاچچىق تاۋۇز

ئاچچىق تاۋۇز

شەكلى يۇمىلاق، كىچىك  ئانار چوڭلۇقىدا، سىرتقى يۈزى سىلىق، ئاچ سېرىق رەڭدە، ئىچىدە ئۇرۇقى بار.

دورا نامى ئاچچىق تاۋۇز
تۇنۇش نامى شەھمەنزەل
ئوردۇچە نامى ئەندىرائىن
ئەرەبچە نامى شاھمى خەنزەنلى، شاھىقاندەرى ، خـەيـرۇز تەلىـخ. شەھـمـى مەنـزەل
خەلقئارا ترانسىپىكسىيىسى Aqqik tawuz
خەنزۇچە نامى 瓜蒌
تەمى ئاچچىق
ۋاقتى 9-، 11-ئايلار
پەسىل كۈز
دورىلىق ئورنى قۇرۇتۇلغان مېۋىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاچچىق تاۋۇزغەيرىي تەبىئىي بەلغەم ۋە سەۋدا خىلىتىنى سۈرۈش، مېڭىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، بەلغەمنى بوشىتىش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، يەل ۋە ئىششىقلارنى تارقىتىش.

خاس تەسىرى: غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنى سۈرگۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى: كۆپ ئىشلىتىلسە ئىسسىق مىجەز كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى: فارماكولوگىيىلىك تەسىرى.

1 . ئاچچىقتاۋۇز 33 گرام ، سۇڭپىياز 6 گرام، زاراڭزا چېچىكى9 گرام، شاپتۇل مېغىزى 9 ~ 15 گرام، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، توسالغۇلارنى ئېچىپ، ئىششىق ياندۇرۇپ، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ئاچچىقتاۋۇز 18 گرام، مامكاپتىن 60 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، سۈيىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. ئاچچىقتاۋۇزنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىدىن 6 گرام  نىشاستە، ئەرەب يېلىمى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەم بوشىتىپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى سۈرىدۇ.

4. ئاچچىقتاۋۇزنى سېرىقئوت، رۇم بەدىيان ۋە ئايارەج بىلەن قوشۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم، سەۋدا خىلىتىنى سۈرۈپ، مالىخولىيا، سەرئى، ماخاۋ كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ.

مىقدارى: 2.5 ~ 3 گرام.

ئورۇنباسارى: ئابدىمىلىك ياكى باراۋەر مىقداردا قىچا، ئادراسمان.

تۈزەتكۈچىسى:  نىشاستە، كەتىرا، ئەرەب يېلىمى.

يىغىش:  مېۋىسى پىشىپ سارغايغاندا ئۈزۈپ يېغۋىلىنىدۇ.

ساقلاش: شامالدا قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

 ھەبىبى ھەنزەل، ھەببى قۇقىيا، مەتبۇخى ئەفتىمۇن.

سۇلۇق ئىششىق، سېرىقلىق چۈشۈش، ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى، يېرىم باش ئاغرىش، سەۋدا ۋە بەلغەمدىن بولغان باشنىڭ ئېغىرلىقى، يۈرەكنىڭ مۇجۇپ ئاغرىشى، پالەچ، لەقۋا، تۇتقاقلىق، چىش ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى، ئۇنۇتقاقلىق، يۆتەل، دېمى سىقىلىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە %6 ئەتراپىدا گلۇكوزىد، سىتروللول (citrullel)، فىتوسىتىرىرول (phytosterot) كولۇسىنتىن (colocynthin) قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=47

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=47

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#