سوغۇققا ئەڭ چىداملىق ئۆردەك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنى كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيان سوغۇققا چىداملىق ھايۋانلارنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ كەلدى. شىمالىي قۇتۇپ «ئاھالە» سى ئىچىدە سوغۇققا ئۇنىڭدىنمۇ چىداملىقى بارمۇ؟ يېقىندا نورۋىگىيە ئالىملىرى شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ھايۋانلار ئۈستىدە سوغۇققا چىداھلىق بېرىش جەھەتتىن بىر قېتىم سىناق ئېلىپ باردى. سىناق نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سوغۇققا چىداشتا چىمپىيونلۇقنى شىمالىي قۇتۇپ ئاق ئېيىقىغا ئەمەس، بەلكى شىمالىي قۇتۇپ ئۆردىكىگە بېرىش كېرەككەن. چۈنكى شىمالىي قۇتۇپ ئۆردىكى نۆلدىن تۆۋەن 110 سېلتسىيە گرادۇس سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا، تيولېن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئاق ئېيىق بولسا ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن تۇرىدىكەن. ئاق ئېيىق نۆلدىن تۆۋەن 80 سېلتسىيە گرادۇس سوغۇققىلا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن. شىمالىي قۇتۇپ ئۆردىكىنىڭ قاتتىق سوغۇققا چىداشلىق بېرەلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ پېيىنىڭ ئاستىدا بىر قەۋەت تىۋىت بولۇپ، خۇددى يۇڭ ئەدىيالدەك پۈتۈن بەدىنىنى ئوراپ تۇرىدىكەن، شۇڭا ئۇ سوغۇقنى ئۆتكۈزمەي پۈتۈن بەدىنىنى ئىسسىق تۇتىدىكەن.

يىل بويى شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا ياشايدىغان بۇ خىل ئۆردەكنىڭ پۈتۈن تېنى قارا، ئاق تۈك-پەيلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئادەتتە ئېغىرلىقى 5.6 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۇلار توپلىشىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، چەر يازنىڭ ئاخىرىدا ئۇۋا سېلىپ، باش كۈزدە تۇخۇم چىقىرىدۇ. بىر ئۇۋىدا تۆت-بەش تۇخۇم بولىدۇ. تۇخۇمنى 25 كۈنچە بېسىپ ياتقاندىن كېيىن، چۆجىسى تۇخۇمنى يېرىپ چىقىدۇ. ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئانا ئۆردەك چۆجىلىرىنى سۇدا چېنىقتۇرىدۇ. ۋە ئۇلارغا ئۇزۇق تېپىشنى ئۆگىتىدۇ. چۆجىلىرى كېلىش ئالدىدا تۇرغان قاتتىق سوغۇقنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئوبدان ئۇزۇقلىنىپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىسى تېخىمۇ قىزىقكى، شىمالىي قۇتۇپ ئۆردىكى قار ئۈستىدە ئۇخلاشتا، ئوڭدىسىغىمۇ ياتمايدۇ، يېنىچىمۇ ياتمايدۇ، بەلكى بىر پۇتى بىلەن ئۆرە تۇرۇپ يەنە بىر پۇتىنى قورسىقىدىكى يۇڭى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ، بىر پۇتى ھارسا، يەنە بىر پۇتىنى ئالماشتۇرىدۇ، ئىككى پۇتىنى نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شىمالىي قۇتۇپ ئۆردىكىنىڭ گۆشى مايلىق، يۇمشاق، تەملىك بولۇپ، بەك مېزىلىك كېلىدۇ. يۇڭى ئالپىنىسىتلار كىيىمى ۋە قۇتۇپتا سوغۇق ئۆتمەيدىغان كىيىم تەييارلاشتا خېلى يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#