تۇتىيا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۇتىيا بولسا مەدەن جىنىس ئائىلىسىدىكى مىس بىلەن گۈڭگۈرتنىڭ تېرابنى ئېرىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان بىر خىل مەدەن.كۆك،ئاق، سېرىققا مايىل تۈگمە شەكىللىك ۋەزنى ئېغىر، پۇراقسىز، بىمەززە تەملىك كېلىدۇ. پاكىستان، ئەرەبىستاندىن چىقىدۇ.
1. چىش مىلىكى بوشاپ كېتىش، تىل ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا، 0.2 گرام تۇتىيانى ئېلىپ، قايناق سۇغا چىلاپ، قايناق سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاپ بەرسە بولىدۇ.
2. كۆزگە قاناتسىمان گۆش ئۈنۈپ قېلىش، كۆپ ياش ئېقىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا 0.1 گرام تۇتىيانى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە بولىدۇ.
3. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشتا، تۇتىيا، مەرۋايىت، سۈرمىلەرنى سوقۇپ، ئەرەقى بەدىيان بىلەن نەمدەپ، كۆزگ سۈرمە قىلسا بولىدۇ.
كۆھلى رۇشنائى
كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق، چىش مىلىكى بوشاپ كېتىش، قان بۇزۇلۇش، جوزام،قىچىشقاق، كۆزگە قاناشمان گۆش ئۈنۈپ قېلىش، كۆزگە سۇ چۈشۈش، تولا تاش ئېقىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى . [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.