جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنى (1998-يىل 8-ئاينىڭ 29 –كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18-يىغىنىنىڭ ‹‹(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنى) غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن). 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنى
ئېلان قىلغان ئۇرۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى
يولغا قويۇلغان ۋاقىت 1999-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国高等教育法
تۈزىتىلگەن ۋاقىت ۋاقتى 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنى (1998-يىل 8-ئاينىڭ 29 –كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18-يىغىنىنىڭ ‹‹(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي مائارىپ قانۇنى) غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن). 

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە مائارىپ قانۇنىغا بىنائەن چىقىرىلدى. 

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ئالىي مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئالىي مائارىپ دېگىنىمىز، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى تاماملاش ئاساسىدا يولغا قويۇلىدىغان مائارىپنى كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا دۆلەت ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. 

4-ماددا ئالىي مائارىپ دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بىلەن بىرلىشىشى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، ئېستېتىكا جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ چىقىشى شەرت. 

5-ماددا ئالىي مائارىپنىڭ ۋەزىپىسى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىققا، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، پەن–تېخنىكا، مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. 

6-ماددا دۆلەت ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئاچىدۇ ھەمدە ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنى كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن پائال راۋاجلاندۇرىدۇ. دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي گۇرۇھلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەم پۇقرالار قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قانۇن بويىچە ئالىي مەكتەپ ئېچىشقا، ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى قوللاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 

7-ماددا دۆلەت سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالىي مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئالىي مائارىپ قۇرۇلمىسى ۋە بايلىق تەقسىماتىنى سەرخىللاشتۇرىدۇ، ئالىي مائارىپنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. 

8-ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ. 

9-ماددا پۇقرالار ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ. دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر دۆلەت بەلگىلىگەن قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشى شەرت، مېيىپلىكنى سەۋەب قىلىپ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ. 

10-ماددا دۆلەت ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيىتى جەھەتلەردىكى ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر ئىلمىي تەتقىقات، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيىتى قىلىشتا، قانۇنغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. 

11-ماددا ئالىي مەكتەپلەر جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش، دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى كېرەك. 

12-ماددا دۆلەت ئالىي مەكتەپلەر ئارا، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق ئۆز ئارا تولۇقلاپ، مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ. دۆلەت ئالىي مائارىپ ئىشلىرى جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. 

13-ماددا گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويچە ئالىي مائارىپ ئىشلىرىغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدۇ، ئاساسلىقى جايلار ئۈچۈن ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان ۋە گوۋۇيۈەن باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەن ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرىدۇ. 

14-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە ئالىي مائارىپ خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن، ئاساسلىقى پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئالىي مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. 

2-باب ئالىي مائارىپنىڭ ئاساسىي تۈزۈملىرى 

15-ماددا ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى مائارىپى ۋە غەيرىي ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالىي مائارىپتا پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمى ۋە پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدە بولمىغان تەلىم-تەربىيە شەكلى قوللىنىلىدۇ.دۆلەت ئالىي مائارىپنى رادىيو-تېلېۋىزىيە، سىرتتىن ئوقۇتۇش ۋە باشقا يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش شەكلى بىلەن يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىدۇ.

16-ماددا ئالىي ئوقۇش تارىخى مائارىپى مەخسۇس كۇرس مائارىپى، تولۇق كۇرس مائارىپى ۋە ئاسپىراتلار مائارىپى دەپ ئايرىلىدۇ.ئالىي ئوقۇش تارىخى مائارىپى تۆۋەندىكى ئوقۇش ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

(1) مەخسۇس كۇرس مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارغا شۇ كەسىپ جەھەتتە زۆرۈر بولغان ئاساس نەزەرىيە، مەخسۇس بىلىملەرنى ئىگىلىتىپ، ئۇلارنى شۇ كەسىپ بويچە ئەمەلىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئاساسىي ماھارەت ۋە دەسلەپكى ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش كېرەك؛

(2) تولۇق كۇرس مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارغا شۇ پەن، شۇ كەسىپ جەھەتتە زۆرۈر بولغان ئاساس نەزەرىيە ۋە ئاساسىي بىلىملەرنى، شۇ كەسىپتە زۆرۈر بولغان ئاساسىي ماھارەت، ئۇسۇل ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى بىر قەدەر سىستېمىلىق ئىگىلىتىپ، ئۇلارنى شۇ كەسىپ بويىچە ئەمەلىي خىزمەت ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى دەسلەپكى ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش كېرەك؛

(3) ماگىستىر ئاسپىرانتلار مائارىپى ئوقۇغۇچىلارغا شۇ پەن جەھەتتە پۇختا ئاساس نەزەرىيە ۋە سىستېمىلىق كەسپىي بىلىملەرنى ئىگىلىتىپ، مۇناسىپ ماھارەت، ئۇسۇل ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلىتىپ، ئۇلارنى شۇ كەسىپ بويىچە ئەمەلىي خىزمەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشى كېرەك. دوكتور ئاسپرانتلار مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارغا شۇ پەن جەھەتتە پۇختا، كەڭ ئاساس نەزەرىيە، سىستېمىلىق، چوڭقۇر كەسپىي بىلىم، مۇناسىپ ماھارەت ۋە ئۇسۇللارنى ئىگىلىتىپ، ئۇلارنى شۇ پەن بويىچە ئىجادىي ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى ۋە ئەمەلىي خىزمەت بىلەن مۇستەقىل شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

17-ماددا مەخسۇس كۇرس مائارىپىنىڭ ئاساسىي ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە، تولۇق كۇرس مائارىپىنىڭ ئاساسىي ئوقۇش مۇددىتى تۆت يىلدىن بەش يىلغىچە، ماگىستىر ئاسپرانتلار مائارىپىنىڭ ئاساسىي ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە، دوكتور ئاسپىراتلار مائارىپىنىڭ ئاساسىي ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن تۆت يىلغىچە بولىدۇ. پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدە بولمىغان ئالىي ئوقۇش تارىخى مائارىپىنىڭ ئوقۇش مۇددىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، مەسئۇل بولغان مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇددىتىنى تەڭشىسە بولىدۇ.

18-ماددا ئالىي مائارىپنى ئالىي مەكتەپلەر ۋە باشقا ئالىي مائارىپ ئاپپاراتلىرى يولغا قويىدۇ.ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە مۇستەقىل قۇرۇلغان ئىنستىتۇتلار ئاساسلىقى تولۇق كۇرس ۋە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى مائارىپنى يولغا قويىدۇ. ئالىي تېخنىكوملار مەخسۇس كۇرس مائارىپىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئاسپىرانتلار مائارىپى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.باشقا ئالىي مائارىپ ئاپپاراتلىرى غەيرىي ئوقۇش تارىخى ئالىي مائارىپىنى يولغا قويىدۇ.

19-ماددا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى پۈتكۈزگەن ياكى شۇنىڭغا تەڭ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇپ، مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يولغا قويغان ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنسا، مەخسۇس كۇرس ياكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ياكى شۇنىڭغا تەڭ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇپ، مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يولغا قويغان ئالىي مەكتەپلەرگە ياكى تەستىق بىلەن ئاسپىرانتلار مائارىپى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىملىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرىغا قوبۇل قىلىنسا، ماگىستىر ئاسپىرانتى سۈپىتىدە مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.ماگىستىر ئاسپرانتلىقنى پۈتكۈزگەن ياكى شۇنىڭغا تەڭ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇپ، مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يولغا قويغان ئالىي مەكتەپلەرگە ياكى تەستىق بىلەن ئاسپىرانتلار مائارىپ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرىغا قوبۇل قىلىنسا، دوكتور ئاسپرانت سۈپىتىدە مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.ئالاھىدە پەن ۋە كەسىپتە تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوكتور ئاسپىرانت سۈپىتىدە مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىگە بىۋاسىتە ئېرىشىشىگە يول قويۇلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

20-ماددا ئالىي ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا شۇ ئالىي مەكتەپ ياكى تەستىق بىلەن ئاسپىرانتلار مائارىپ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتى ئۇلارنىڭ ئوقۇش مۇددىتى، ئوقۇش نەتىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.غەيرىي ئوقۇش تارىخى ئالىي مائارىپىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا شۇ ئالىي مەكتەپ ياكى باشقا ئالىي مائارىپ ئاپپاراتى مۇناسىپ ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ. ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسىگە مۇددىتى ۋە ئوقۇش مەزمۇنى يېزىلىشى كېرەك.

21-ماددا دۆلەت ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغانلارغا مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ئوقۇش گۇۋاھنامىسى بېرىلىدۇ.

22-ماددا دۆلەت ئىلمىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئىلمىي ئۇنۋان باكلاۋۇر، ماگىستىر ۋە دوكتور دەپ ئايرىلىدۇ.پۇقرالاردىن ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىپ ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئوقۇش سەۋىيەسىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئىلمىي ئۇنۋان ئۆلچىمىگە يەتكۈزگەنلىرى ئىلمىي ئۇنۋان بەرگۈچى ئورۇنغا مۇناسىپ ئىلمىي ئۇنۋان بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

23-ماددا ئالىي مەكتەپ ۋە باشقا ئالىي مائارىپ ئاپپاراتلىرى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ۋە ئۆزىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىغا قاراپ، داۋاملاشما مائارىپنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

3-باب ئالىي مەكتەپ قۇرۇش

24-ماددا ئالىي مەكتەپ قۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ ئالىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىغا، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك.

25-ماددا ئالىي مەكتەپ قۇرۇشتا، مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك.ئۇنىۋېرسىتېتلار ياكى مۇستەقىل قۇرۇلىدىغان ئىنستىتۇتلار يەنە بىر قەدەر كۈچلۈك ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات كۈچىگە، بىر قەدەر يۇقىرى ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات سەۋىيەسىگە ۋە مۇناسىپ كۆلەمگە ئىگە بولۇشى، تولۇق كۇرس ۋە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى مائارىپنى يولغا قويالايدىغان بولۇشى كېرەك.ئۇنىۋېرسىتېتلار يەنە دۆلەت بەلگىلىگەن ئۈچتىن ئارتۇق پەن تۈرىنى ئاساسلىق پەن قىلغان بولۇشى شەرت. ئالىي مەكتەپ قۇرۇشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن تۈزۈپ چىقىدۇ.باشقا ئالىي مائارىپ ئاپپاراتى قۇرۇشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن مۇناسىۋەتلىك تارماق ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن پىرىنسىپلار بويىچە تۈزۈپ چىقىدۇ.

26-ماددا ئالىي مەكتەپ قۇرۇشتا، ئۇنىڭ قاتلىمى، تىپى، تەسىس قىلغان پەن تۈرى، كۆلىمى، ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات سەۋىيەسىگە ئاساسەن، مۇناسىپ نامنى قوللىنىش كېرەك.

27-ماددا ئالىي مەكتەپ قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) ئىلتىماس دوكلاتى؛

(2) مۇمكىنلىك دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرى؛

(3) نىزامنامە؛

(4) تەستىقلىغۇچى ئورگان مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ماتېرىياللار.

28-ماددا ئالىي مەكتەپ نىزامنامىسىدە تۆۋەندىكى ئىشلار بەلگىلىنىشى كېرەك:

(1) مەكتەپ نامى، ئادرېسى؛

(2) مەكتەپ ئېچىش مەقسىتى؛

(3) مەكتەپ كۆلىمى؛

(4) پەن تۈرلىرى؛

(5) تەلىم-تەربىيە شەكلى؛

(6) ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى؛

(7) خىراجەت مەنبەسى، مال-مۈلكى ۋە مالىيە تۈزۈمى؛

(8) مەكتەپ ئاچقۇچى بىلەن مەكتەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت؛

(9) نىزامنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەرتىپى؛

(10) نىزامنامىدە بەلگىلەش زۆرۈر بولغان باشقا ئىشلار.

29-ماددا مەخسۇس كۇرس مائارىپى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مائارىپنى يولغا قويىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇشنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلايدۇ؛ مەخسۇس مائارىپنى يولغا قويىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ باشقا ئالىي مائارىپ ئاپپاراتى قۇرۇشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلايدۇ. ئالىي مەكتەپ ۋە باشقا ئالىي مائارىپ ئاپپاراتىنى قۇرۇشنى تەستىقلاشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.ئالىي مەكتەپ قۇرۇشنى تەستىقلاشتا، مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن باھالاش ئاپپاراتىغا باھالىتىش كېرەك.ئالىي مەكتەپ ۋە باشقا ئالىي مائارىپ ئاپپاراتىنى ئايرىش، بىرلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش، نامىنى، تۈرىنى ۋە باشقا مۇھىم ئىشلارنى ئۆزگەرتىشنى مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تەستىقلىغۇچى ئورگان تەستىقلايدۇ؛ نىزامنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەكشۈرىدۇ.

4-باب ئالىي مەكتەپنىڭ تەشكىلى ۋە پائالىيىتى

30-ماددا ئالىي مەكتەپلەر قۇرۇش تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. ئالىي مەكتەپ مۇدىرى ئالىي مەكتەپنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ.ئالىي مەكتەپلەر ھەق تەلەپ پائالىيىتىدە قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

31-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

32-ماددا ئالىي مەكتەپلەر جەمئىيەت ئېھتىياجى، مەكتەپ شارائىتى ۋە دۆلەت بېكىتكەن مەكتەپ كۆلىمىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، فاكۇلتېت، پەنلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئۆز ئالدىغا تەڭشەيدۇ.

33-ماددا ئالىي مەكتەپلەر پەن، كەسىپلەرنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ.

34-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆز ئالدىغا ئوقۇتۇش پىلانى تۈزىدۇ، دەرسلىك تەييارلايدۇ، ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەيدۇ.

35-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىلمىي تەتقىقات، تېخنىكا يارىتىش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت پائالىيىتىنى ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرىدۇ.دۆلەت ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي گۇرۇھلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ئىلمىي تەتقىقات، تېخنىكا يارىتىش ۋە كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ خىل شەكىلدە ھەمكارلىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.دۆلەت شارائىتى بار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىلمىي تەتقىقات بازىسىغا ئايلىنىشىغا مەدەت بېرىدۇ.

36-ماددا ئالىي مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، چېگرا سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرىدۇ.

37-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ئەمەلىي ئېھتىياج ۋە ئىخچام بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى، ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات، مەمۇرىي فۇنكسىيە تارماقلىرى قاتارلىق ئىچكى تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى تەشكىل قىلىش ۋە خادىملارنى سەپلەشنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدۇ؛ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى باھالاپ ۋەزىپە ئۆتەشكە تەكلىپ قىلىدۇ، ياردەم پۇل ۋە ئىش ھەققى تەقسىماتىنى تەڭشەيدۇ.

38-ماددا ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ ئاچقۇچى تەمىنلىگەن مال-مۈلۈك، دۆلەت مالىيەسىدىن بېرىلگەن ياردەم، ئىئانە قىلىنغان مال-مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ.ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتىگە ئىشلىتىدىغان مال-مۈلۈكنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

39-ماددا دۆلەت ئاچقان ئالىي مەكتەپلەردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاساسىي قاتلام كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاساسىي قاتلام كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە، مەكتەپ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى مۇستەقىل، مەسئۇللۇق بىلەن يۈرگۈزۈشىنى قوللايدۇ، ئۇنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى ئاساسەن مۇنۇلار: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتى ۋە ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش، مەكتەپنىڭ ئىچكى تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ نامزاتىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش، مەكتەپنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مەركەز قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مەكتەپ ئېچىشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

40-ماددا ئالىي مەكتەپنىڭ مۇدىرىلىقىنى مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتلىرىنى ھازىرلىغان پۇقرا ئۈستىگە ئالىدۇ. ئالىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەيىنلىنىدۇ ۋە قالدۇرۇلىدۇ.

41-ماددا ئالىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە باشقا مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى، كونكرېت قائىدە-تۈزۈم ۋە يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈش ھەمدە يولغا قويۇشقا تەشكىللەش؛

(2) ئوقۇتۇش پائالىيىتى، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسىنى تەشكىللەش؛

(3) ئىچكى تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى قۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش، مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر نامزاتىنى كۆرسىتىش، ئىچكى تەشكىلىي ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش؛

(4) ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ئىچكى قىسىمدىكى باشقا خىزمەتچىلەرنى ۋەزىپە ئۆتەشكە تەكلىپ قىلىش ۋە ۋەزىپىدىن بوشىتىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش ھەمدە مۇكاپاتلاش ياكى ئۇلارغا چارە كۆرۈش؛

(5) يىللىق خىراجەت خامچوت لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش، مەكتەپ مۈلكىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش، مەكتەپنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛

(6) نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقى. ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى مۇدىرلار خىزمەت يىغىنى ياكى مەكتەپ ئىشلىرى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

42-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ئىلىم ھەيئىتى قۇرىدۇ، ئۇ تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

(1) پەن قۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى، ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات پىلان لايىھەسىنى قاراپ چىقىش؛

(2) ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاش؛(3) ئىلىم ماجىراسىنى تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش؛

(4) ئىلىم-پەنگە ئائىت ناتوغرا قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش، بېكىتىش؛

(5) نىزامنامىگە ئاساسەن، ئىلىم تەرەققىياتى، ئىلىم باھالاش، ئىلىم قائىدىسىنى قاراپ چىقىش ۋە بېكىتىشكە دائىر باشقا ئىشلار.

43-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلىي شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىككە قاتنىشىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

44-ماددا ئالىي مەكتەپلەر شۇ مەكتەپتە مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى، مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىشى ھەمدە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ياكى 3-تەرەپ كەسپىي ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلىپ، ئالىي مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى، ئۈنۈمى ۋە مائارىپ سۈپىتىنى باھالاشقا مەسئۇل بولىدۇ. باھالاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

5-باب ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقا مائارىپ خىزمەتچىلىرى

45-ماددا ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقا مائارىپ خىزمەتچىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ، خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولىدۇ.

46-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىدىيە-ئەخلاقى ياخشى بولغان، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ياكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، مۇناسىپ تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىرى لاياقەتلىك ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشسە بولىدۇ. ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ياكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغان پۇقرالاردىن بەلگىلىك ئارتۇقچىلىقى بارلىرى دۆلەتلىك ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن، لاياقەتلىك ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغانلىرىمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشسە بولىدۇ.

47-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسى مەكتەپ ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن تەسىس قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدە ئاسسىستېنت، لېكتور، دوتسېنت، پىروفېسسور تەسىس قىلىنىدۇ.ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشتە تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك:

(1) ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇش؛

(2) شۇ پەننىڭ ئاساس نەزەرىيەسىنى سىستېمىلىق ئىگىلىگەن بولۇش؛

(3) ۋەزىپىسىگە يارىشا تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولۇش؛

(4) ۋەزىپىسىگە يارىشا دەرس ئۆتۈش ۋە بەلگىلەنگەن دەرس سائىتى بويىچە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇش؛پىروفېسسور، دوتسېنتلار ۋەزىپە ئۆتەشنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئاساسىي شەرتلىرىنى ھازىرلىغاندىن باشقا، يەنە شۇ پەندە سىستېمىلىق ھەم پۇختا ئاساس نەزەرىيە ۋە بىر قەدەر مول ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى، ئوقۇتۇش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇشى، ئىلمىي ماقالىسى ياكى ئەسىرى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن ياكى ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى گەۋدىلىك بولۇشى كېرەك.ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنىڭ كونكرېت شەرتلىرىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

48-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ بىلەن ۋەزىپىگە قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئوقۇتقۇچىلاردىن باھالاشتا ۋەزىپە ئۆتەش شەرتلىرىنى ھازىرلىغان دەپ قارالغانلىرىنى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، شەرتى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بويىچە تەكلىپ بىلەن ۋەزىپىگە قويىدۇ.ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ بىلەن ۋەزىپىگە قويۇشتا ئىككى تەرەپ باراۋەرلىك، ئىختىيارلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، ئالىي مەكتەپ مۇدىرى تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ۋەزىپە ئۆتەشكە تەكلىپ قىلىش توختامى تۈزۈشى كېرەك.

49-ماددا ئالىي مەكتەپنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا مائارىپ خىزمەتچىلىرى تۈزۈمى قولغا قويۇلىدۇ، ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ياردەمچىلىرى ۋە باشقا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىغا كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى ئۆتەشكە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

50-ماددا دۆلەت ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقا مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقا مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت شارائىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى تەدبىر قوللىنىپ ياخشىلايدۇ.

51-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشقا قاتنىشىشى، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار، باشقۇرغۇچىلار ۋە ئوقۇتۇش ياردەمچىلىرى ھەم باشقا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي ئىپادىسى، كەسىپ ئەخلاقى، كەسپىي سەۋىيەسى ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى سىناپ، سىناق نەتىجىسىنى ۋەزىپە ئۆتەشكە تەكلىپ قىلىش ياكى ۋەزىپىدىن بوشىتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇكاپاتلاش ياكى چارە كۆرۈشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.

52-ماددا ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتۇش ياردەمچىلىرى ھەم باشقا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئوقۇتۇش ۋە ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

6-باب ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى

53-ماددا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى، ئۇستازلىرىنى ھۆرمەتلىشى، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق ۋە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشى، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشى، ياخشى ئىدىيە-ئەخلاققا ئىگە بولۇشى، بىر قەدەر يۇقىرى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەتنى ئىگىلىشى كېرەك.ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

54-ماددا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك.ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلى ئېلىشنى ياكى ئوقۇش پۇلىنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

55-ماددا دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىدۇ ھەمدە ئالىي مەكتەپلەر، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي گۇرۇھلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەم شەخسلەرنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تۈرلۈك شەكىلدىكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ، ئەخلاقلىق ھەم بىلىملىك ئوقۇغۇچىلار، دۆلەت بەلگىلەنگەن كەسىپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن رايونلارغا بېرىپ ئىشلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.دۆلەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ياردەم پۇلى فوندى ۋە ئوقۇش قەرز پۇلى تەسىس قىلىدۇ ھەمدە ئالىي مەكتەپلەر، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي گۇرۇھلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەم شەخسلەرنى تۈرلۈك شەكىلدىكى ئوقۇش ياردەم پۇلى تەسىس قىلىپ، ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.ئوقۇش قەرز پۇلى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالغان ئوقۇغۇچىلار مۇناسىپ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك.

56-ماددا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ۋە ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ، لېكىن ئوقۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا تەسىر يەتكۈزسە بولمايدۇ.ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ۋە ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى ھەمدە ئۇلارنى يېتەكلىشى ۋە باشقۇرۇشى كېرەك.

57-ماددا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى قۇرسا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن دائىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ، مەكتەپنىڭ رەھبەرلىكى ۋە باشقۇرۇشىغا بويسۇنىدۇ.

58-ماددا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىدىيە-ئەخلاقتا لاياقەتلىك بولغان، بەلگىلەنگەن ئوقۇش مۇددىتى ئىچىدە بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى ئوقۇپ بولۇپ، نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلىرى ياكى ئوقۇش نومۇرىغا ئېرىشكەنلىرى ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

59-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇش تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.دۆلەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى چەت، ياقا، جاپالىق جايلارغا بېرىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

7-باب ئالىي مائارىپ سېلىنمىسى ۋە شارائىت كاپالىتى

60-ماددا ئالىي مائارىپتا ئۇيۇشتۇرغۇچىلار سېلىنما سېلىش ئاساس قىلىنغان، تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلەش تەننەرخىنى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئالىدىغان، ئالىي مەكتەپلەر كۆپ خىل يوللار بىلەن خىراجەت توپلايدىغان مېخانىزم يولغا قويۇلىدۇ.گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ قانۇنىنىڭ 56-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت باشقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ خىراجىتىنىڭ پەيدىنپەي ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.دۆلەت كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي گۇرۇھلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەم شەخسلەرنى ئالىي مائارىپقا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

61-ماددا ئالىي مەكتەپ ئاچقۇچىلار مەكتەپ باشقۇرۇش خىراجىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، مەكتەپ ئېچىشقا سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

62-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تەننەرخىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپنىڭ يىللىق خىراجەت چىقىم ئۆلچىمىنى ۋە خىراجەت غەملەش ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلەيدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يىللىق خىراجەت چىقىم ئۆلچىمىنى ۋە خىراجەت غەملەش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇنى مەكتەپ ئاچقۇچىلار ۋە ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ باشقۇرۇش خىراجىتىنى غەملەشنىڭ تۈپ ئاساسى قىلىدۇ.

63-ماددا دۆلەت ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كىتاب-ماتېرىياللارنى، ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات ئۈسكۈنىلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا ھەمدە مەكتەپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر ئىگىلىك باشقۇرۇش ياكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە باشقا پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن قىلغان كىرىمنى ئالىي مەكتەپ باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ.

64-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ئالغان ئوقۇش پۇلىنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە باشقۇرۇشى ۋە ئىشلىتىشى كېرەك. باشقا ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

65-ماددا ئالىي مەكتەپلەر مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ خىراجىتىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ ۋە قاتتىق باشقۇرۇپ، مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مالىيە پائالىيىتى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىنىشى كېرەك.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

66-ماددا ئالىي مائارىپ پائالىيىتىدە مائارىپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مائارىپ قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

67-ماددا جۇڭگو چېگراسى سىرتىدىكى شەخسلەر دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغان ھەمدە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇسا، تەتقىقات ئېلىپ بارسا، ئىلىم ئالماشتۇرسا ياكى ئوقۇتقۇچىلىق قىلسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى دۆلەت قوغدايدۇ.

68-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئالىي مەكتەپ دېگىنىمىز، ئۇنىۋېرسىتېتلار، مۇستەقىل قۇرۇلغان ئىنستىتۇتلار ۋە ئالىي تېخنىكوملارنى، جۈملىدىن كەسپىي ئالىي مەكتەپ ۋە چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ قانۇندا ئېيتىلغان باشقا ئالىي مائارىپ ئاپپاراتى دېگىنىمىز، ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەستىق ئارقىلىق ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىن باشقا، ئالىي مائارىپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.بۇ قانۇندىكى ئالىي مەكتەپلەرگە دائىر بەلگىلىمىلەر باشقا ئالىي مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە تەستىق بىلەن ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن ئالىي مەكتەپلەرگىلا تەتبىقلىنىدىغان بەلگىلىمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا.


(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/129895.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#