ھۇت

ھۇت بىر يىل ئىچىدىكى ئىككىنچى ئاي بۇلۇپ، ئادەتتىكى يىلدا 28 كۈن بار،كەبىسە يىلىدا 29 كۈن بار. 

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ھۇت
چەتئەلچە ئاتىلىشى February
تۈرى ئاي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 2月
باشقا نامى فېۋرال
پەسىل قىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھۇت بىر يىل ئىچىدىكى ئىككىنچى ئاي، ئادەتتىكى يىلدا 28 كۈن بار، كەبىسە يىلىدا 29 كۈن بار. تارىختا 2-ئايدا 30 كۈن بولىدىغان ئەھۋال ئۈچ قېتىم كۆرۈلگەن. ھۇت ئىككىنچى ئاينىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى.

2-ئاينىڭ 29-كۈنى

يەر شارىنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنشىنىڭ بىر دەۋرىيلىكى تەخمىنەن 365.2422 كۈن، بىز قوللىنىلىدىغان كالېنداردا ھەر يىلى 365 كۈن، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا،ھەر تۆت يىلدا كالېنداردا بىر كۈن ۋاقىت ئارتۇق. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر تۆت يىلدا بىر كەبىسە كۈنى — يەنى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى كەبىسە كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4-يىلى قەدىمكى رىملىقلار جۇلىئان كالېندارىنى تۈزۈپ تۇنجى مۇشۇنداق يۈرگۈزگەن. لېكىن بۇ قۇياشنىڭ يىللىق ئەمەلىي ئۇزۇنلۇقىدىن يەنىلا پەرقلىق بولغان، شۇڭا ھەر 400 يىلدا ئۈچ كەبىسە كۈنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، مانا بۇ ھازىرقى دۇنياغا ئومۇملاشقان قۇياش كالېندارى − گرېگورى كالېندارى.

2-ئاينىڭ 30-كۈنى 

2-ئاينىڭ 30-كۈنى تارىختا كۆرۈلگەن، بۇنى يىلنامىنىڭ تارىخىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بىز ھازىر قوللىنىۋاتقان يىلنامە قەدىمكى رىم جۇلىئان كالېندارىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 46 -يىلى يىلنامە خېلىلا قالايمىقان، شۇنىڭ بىلەن رىم ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ھۆكۈمرانى جۇلىئان كالېندارنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىدىن تۈزۈپ، يېڭى تۈزۈلگەن كالېندارنى جۇلىئان كالېندارى دەپ ئاتىغان. كالېندار ئۆزگەرتىش بۇيرۇقىدا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن : ھەر ئۈچ يىل ئۆتكەندە بىر كەبىسە يىلى، يەنى ھەر 4 يىلدا بىر كەبىسە يىلى بولىدۇ ؛ ئادەتتىكى يىلدا 365 كۈن بولىدۇ، كەبىسە يىلىدا 366 كۈن بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى 365 كۈننى ئايلارغا بۆلۈش تەپەككۇرغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ، يەنى چوڭ ئاي، كىچىك ئاي دەپ ئايرىلغان، دەل ئالتە چوڭ ئاي ۋە ئالتە كىچىك ئاي قىلىپ ئىشلىتىلگەن. ئەلۋەتتە چوڭ ئاي 31 كۈن، كىچىك ئاي 30 كۈن، ئەمما 12 ئايدا جەمئىي 366 كۈن بۇلۇپ، ئەمەلىي ساندىكى 365 كۈندىن بىر كۈن ئارتۇق. شۇڭا مەلۇم بىر ئاي ئىچىدىن بىر كۈننى قىسقارتىشقا توغرا كېلىدۇ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،يىلنامىدە 2-ئاي ئىچىدىن بىر كۈن ئازايتىلغان.

كېيىن كىشىلەر ھەر تۆت يىلدا بىر كۈن كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، ئەڭ توغرا ئۇسۇل بولسا، ھەر 4 يىلدا بىر كەبىسە يىلى بۇلۇش، لېكىن ھەر يۈز يىل بولغاندا، مەسىلەن، 2100- ، 2200-يىللىرى كەبىسە يىلى ئەمەس، بىراق 400 يىلدا يەنە بىر قېتىم بىر كەبىسە كۈنى بۇلۇشى كېرەك، مەسىلەن، 2000-، 2400-يىللىرى. 2-ئاينىڭ 30-كۈنى مانا مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. 

 مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، 2-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلغانلار ئەڭ ئاز ، شۇنداقلا ئۆمرى ئەڭ قىسقا ( 400 يىلدا ئاران بىر قېتىم تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزەلەيدۇ. ) [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#