كاۋا دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كاۋا (خام دورا)
  2. كاۋا (ئۆسۈملۈك)
خام دورا
كاۋا

كاۋا كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، پېلەك تاشلاپ ئۆسىدىغان، سامان غوللۇق، كاۋىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ توغرا كەسمە يۈزى بەش بۇرجەك شەكىلدە، گۈلى سېرىق كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كاۋا
تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 南瓜

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كاۋاكاۋا كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، پېلەك تاشلاپ ئۆسىدىغان، سامان غوللۇق، كاۋىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ توغرا كەسمە يۈزى بەش بۇرجەك شەكىلدە، گۈلى سېرىق كېلىدۇ. ئۇنىڭ مانتا كاۋىسى، تونۇر كاۋىسى ۋە سەي كاۋىسى قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلىرى بولۇپ، مېۋىسىنىڭ شەكلىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئادەتتە ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىدۇ.

دورىغا كاۋا ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە ساپىقى، گۆشى ۋە پىلىكى ئىشلىتىلىدۇ.

كاۋا ئۆسۈملۈكى پىشقاندا كېيىن ئۈزۈپ ئېلىش ۋاقتىدا ساپىقىنى ئېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، كاۋىنى يېگەن ۋاقىتتا ئۇرۇقىنى ئېلىپ، يۇيۇپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ، ئىشلىتىش ۋاقتىدا سوقۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەددە چۈشۈرۈش، سۈت پەيدا قىلىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، ھامىلە ئاسراش خۇسۇسىيىتىگە خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 30 ~ 60 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

كاۋاكاۋا ئۇرۇقىدىن 60 ~ 130 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، شامىسى بىلەن قوشۇپ ئاچ قورساققا بىراقلا ئىچىپ، 1 ~ 2 سائەتتىن كېيىن تازىلانغان شوردىن 25 گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سازاڭ مەددىسىنى چۈشۈرىدۇ.

130 گرام كاۋا پىلىكىنى قورۇپ سارغايتىپ، 35 گرام سۇسىز زەمچىنى سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، بالىلاردىكى ھۆل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

15 گرام كاۋا ئۇرۇقىنى سوقۇپ ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر قوشۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئۇدا 3 ~ 5 كۈن ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە، سۈت ۋە مەنىينى كۆپەيتىدۇ.

كاۋا ساپىقىدىن 3 ~ 5 تالدىن قاينىتىپ، كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئۇدا 5 ~ 7 كۈن ئىچىپ بەرسە، ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

خام كاۋا گۆشىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، كۆيۈپ ۋە ئوق تېگىپ يارىلانغان يارىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

كاۋا ساپىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كۆيدۈرۈپ كۆمۈر ھالەتكە كەلتۈرۈپ، يۇمشاق سوقۇپ، يارا ئاغزىغا سەپسە، تەگكەن ئوقنى چىقىرىدۇ. 

ھۆل كاۋا يوپۇرمىقى ۋە زىرىقتىن 70 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#