ئېفىئوپىيە

ئېفىئوپىيە

ئېفىئوپىيە فىدىراتىپ دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى (ئىنگىلىز تىلى: Federal Democratic Republic of Ethiopia )  شەرقىي ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېرىترىيە، سۇدان، كېنىيە ۋە سومالى بىلەن قوشنا. پايتەختى ئاددىس ئەبېبە.

ئۇيغۇرچە نامى ئېفىئوپىيە فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ئېفىئوپىيە
پايتەختى ئاددىس ئەبېبە
نوپۇسى 96 مىليون 510 مىڭ (2014-يىل)
يەر مەيدانى 1 مىليون 104 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 埃塞俄比亚联邦民主共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئافرىقا قىتئەسى
دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى، ئامھارا تىلى، ئىنگىلىز تىلى
نوپۇس زىچلىقى 82.4/ كىۋادرات كىلومېتىر (2011-يىل)
ئىنگىلىزچە نامى The Federal Democratic Republic of Ethiopia

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېفىئوپىيەئېفىئوپىيە فىدىراتىپ دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى (ئىنگىلىز تىلى: Federal Democratic Republic of Ethiopia )  شەرقىي ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېرىترىيە، سۇدان، كېنىيە ۋە سومالى بىلەن قوشنا. پايتەختى ئاددىس ئەبېبە. پايتەخت نوپۇسى 3 مىليون 500 مىڭ. يەر مەيدانى: 1،227،127 كۋادرات كىلومېتىر. ئېفىئوپىيەنىڭ تىل ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇپ ھام-سام تىل سېستىمىسىدىكى ئەرەب تىلى بىلەن بىللە سام تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە ئامخارا تىلى دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئىنگىلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. 

ئېفىئوپىيەئېفىئوپىيە تارىختا ئاقسۇم، ئابسېنىيە، ھەبەشىستان دىگەن ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، مىلادىيىدىن 1000 يىل ئىلگىرى مىسىر ئەتراپىدىن كەلگەن ھاملار بۇجايدىكى ئىپتىدائىي نېگىر قەبىلىلىرىنى قوغلىۋېتىپ، ئولتۇراقلىشىىپ قالغان. كېيىن سۈرىيەدىن كەلگەن ساملار ئېفىئوپىيىگە كۆچۈپ كەلگەن ھەمدە ھاملارنى بويسۇندۇرۇپ، ئاقسۇم خانلىقىنى قۇرغان. مىلادىيىدىن 4- ئەسىرگە كەلگەندە، سۇرىيىدىن كەلگەن ئىككى نەپەر دىن تارقاتقۇچى بۇ رايونغا كېلىپ خرىستىئان دىنىنى تارقاتقان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېفىئوپىيىنىڭ خرىستىئانلىرى بىلەن مىسىرنىڭ خرىستىئان چېركاۋلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان.

7- ئەسىرلەردە ئىسلام دىنىنىڭ ئافرىقىغا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېفىئوپىيە خرىستىئان خاندانلىقىنىڭ سىرت بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى كۈنسايىن ئازلاپ كەتكەن ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى گۈللەنگەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە شىمالدىكى خىرىستان دىنى رايونلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ، مىڭ يىلغا يېقىن بېكىنمە ھالەتتە تۇرغان. 16- ئەسىردە، ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى بىلەن پورتۇگالىيىلىكلەر بۇ رايونغا كەينى - كەينىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. كېيىن مىسىر، ئەنگلىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ رايوننى ئۆزىگە قاراتقان.

1890- يىلى ئىتالىيە ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، ئېفىئوپىيىنى ئۆزىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت دەپ جاكارلىغان. 1896- يىلى 3- ئايدا، ئېفىئوپىيە قوشۇنى ئىتالىيە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۆلەم تۆلەشكە ھەم ئېفىئوپىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1935- يىلى 10- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئىتالىيە ئېفىئوپىيىگە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 

1936- يىلى 5- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئىتالىيە ئېفىئوپىيە، ئېرىترىيە ۋە ئىتالىيىگە تەۋە سومالىنى بىرلەشتۈرۈپ «ئىتالىيىگە تەۋە شەرقىي ئافرىقا ئىمپېرىيسى» نى قۇرغان. 1941- يىلىغا كەلگەندە، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى پۈتكۈل ئېفىئوپىيىنى كونترول قىلغان، شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئەنگلىيىگە چىقىپ كەتكەن سېررالىس1 ئەدىس ئەبېبەگە قايتىپ كېلىپ، تەختكە ئولتۇرغان. 60- يىللاردىن بۇيان، خەلقنىڭ سېررالىس ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرىشى بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشكەن، 1974- يىلى 2- ئايدا ئېفىئوپىيىدە قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، 9- ئاينىڭ 12- كۈنى پادىشاھلىق تۈزۈم بىكار قىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ئېفىئوپىيە ئۆزىنى سوتسىيالىستىك دۆلەت دەپ جاكارلىغان.

1977  - يىلى 2- ئايدا مىنگىستۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. 1984- يىلى 9- ئايدا مىنگىستۇ «ئېفىئوپىيە مەڭگۈ ئىنقىلابىيلىىققا ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ ماركسىزم- لېنىنىزمغا بولغان ئېتىىقادىمىز قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ» دېگەن.1987 -يىلى 2- ئايدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغان. 9- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئېفىئوپىيە جەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.

1989-يىلى 2- ئايدا، تىگرې خەلق ئازادلىق فرونتى ئېرىترىيە خەلق ئازادلىق فرونتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، تىگرې مەمۇرىي رايونىنىڭ مەركىزى مېكېلىنى ئىشغال قىلىدۇ.

1991- يىلى 5- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئېفىئوپىيىگە 14 يىلى ھۆكۈمرانلىق قىلغان زۇڭتۇڭ مىنگىستۇ خەلق ئىنقىلابىي فرونتى قاتارلىق ئۆكتىچىلەر قوشۇنىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى ئاستىدا، نائىلاج زىمبابۇۋىغا پاناھلىق تىلەپ كېتىدۇ. شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى، خەلق ئىنقىلابىنىڭ فرونتى قوشۇنلىرى پايتەخت ئاددىس ئەبېبەنى ئىشغال قىلىپ، مىنگىستۇ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

1994- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى، پارلامېنت «ئېفىئوپىيە ئىتتىپاقداش دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇن لايىھىسى »نى رەسمىي ماقۇللىدى. 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئېفىئوپىيىدە تۇنجى قېتىملىق چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلدى. سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە«ئېفىئوپىيە ئىنقىلابىي فرونتى» مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلدى. شۇ كۈنى ئېفىئوپىيە ئىتتىپاقداش دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلدى، يەنە شۇ كۈنى نىگاسو جىدادا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. بۇنىڭ بىلەن، ئېفىئوپىيىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرى ئاخىرلاشتى. ئېفىئوپىيەنىڭ يېقىنقى زاماندىكى كېڭىيىش تارىخى خەرىتىسى (2-دۇنيا ئۇرۇشتىن كېيىن ئىشغال قىلىنىپ،1991-يىلى مۇستەقىل بولغان ئېرىتېرىيە خەرىتىگە بېرىلمىدى).

ئېفىئوپىيەنىڭ ئەسلىدە بايرىقى يوق بولۇپ، ياۋروپالىقلارنىڭ تەسىرىدە 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپلا ئېفىئوپىيە يېشىل ،سېرىق ،قىزىل رەڭلىك توغرا يوللۇق بايراقنى ئىشلەتكەن . ئېفىئوپىيە ھازىرقى زامان تارىخىدا مۇستەقىل دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان تۇنجى ئافرىقا دۆلىتىدۇر . ئۇ ئافرىقا قىتئەسىدىكى قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، 3000 يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، تارختا بۇ رەڭلەر كوپتىك چېركاۋىنىڭ ئىبادەت يوسۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ، ئېفىئوپىيە خەلقى ياقتۇرىدىغان ئۈچ خىل رەڭ ئارقىلىق ساداقەتلىك ، ئۈمىد ۋە مېھىر- شەپقەتتىن ئىبارەت 3 خىل گۈزەل ئەخلاقنى ئىپادىلىگەن . بۇ ئۈچ خىل رەڭ يەنە ئېفىئوپىيە نىڭ ئۈچ رايۇنى-تاكلې(قىزىل )، ئامخارا(سېرىق)،سېئويە(يېشىل) نى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايراق 1974-يىلى رەسمى قوللىنىلغان .

ئېفىئوپىيەئېفىئوپىيە كۆپ مىللەتلىك شۇنداقلا مىللەت تەركىبى مۇرەككەپ دۆلەت بولۇپ، 2014-يىلىدىكى نوپۇسى 96 مىليون 510 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئورومولار %32، ئامخارالار %30، تېگرىلار %6، سومالىلار %6، گۇاراگى %4 ، سىدامولار %3، باشقا مىللەت ۋە قەبىلىلەر %18 نى ئىگەللەيدۇ. 

ئاھالىسىنىڭ %50 ى ئىسلام دىنىغا، %45 ى ئېفىئوپىيە پىروۋۇسلاۋىيە دىنىغا، %10 پىروتىستانت دىنىغا، %5 ى ئافرىقىنىڭ ئىپتىدائىي دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

ئېفىئوپىيەنىڭ تىل ئەھۋالى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ ھام-سام تىل سېستىمىسىدىكى ئەرەب تىلى بىلەن بىللە سام تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە ئامخارا تىلى دۆلەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئەنگىلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. 

مەملىكەت بويىچە چوڭراق تىل بولغان ھام-سام تىل سېستىمىسى قۇشتى تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە ئورومو ، سومالى، ئافار قاتارلىق تىللار تۇرمۇشتا كەڭ قوللانسىمۇ ئەمما مەكتەپ ۋە كىتاپ گېزىتلاردا ئەرەب تىلىنى ئىشلىتىدۇ. تارىخى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىتاليان تىلى ۋە فرانسۇز تىلى ئېفىئوپىيەدە مائارىپتا ئالدىن ئوقۇتۇلىدىغان تىل قىلىپ بەلگىلەنگەن.

ئېفىئوپىيەئېفىئوپىيەنىڭ پۇلى بىر، 2002-يىلى 8.56 بىر = بىر دوللار، 2004-يىلى  8.63 بىر = بىر دوللار، 2006-يىلى 8.69 بى ر= بىر دوللار ، 2008-يىلى 9.57 بىر = بىر دوللار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

دۆلەت بايرىقى

ئېفىئوپىيە بايرىقىنىڭ ئوتتۇرسىدا دۆلەت گېربىنىڭ شەكلى بار . بايراقتىكى يېشىل رەڭ مۇنبە تۇپراققا ، ئىللىق كىلىماتقا ۋە مول ئۆسۈملۈك بايلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئۇ يەنە ئۈمىد ۋارلىقنىڭ سىمۋولى . سېرىق رەڭ تىنىچلىق ۋە مېھرىبانلىقنىڭ سىمۋولى ، قىزىل رەڭ ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىشىنىڭ سىمۋولى .

دۆلەت گېربى

ئېفىئوپىيە يۇمىلاق شەكىللىك گېرب بولۇپ ،كۆك رەڭ يۇمىلاق شەكىلنىڭ ئۈستىدە نۇر چاقناپ تۇرغان ئالتۇن رەڭلىك بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بار . كۆك رەڭ تىنىچلىقنىڭ سىمۋولى بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز كۆپ خىللىق ۋە بىرلىككە كېلىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ . سېرىق نۇر گۈللىنىش ، روناق تېپىشنىڭ سىمۋولى .

ئېفىئوپىيەئېفىئوپىيە ئەسلىدە بىر نەچچە دۆلەت بولۇپ، ياۋروپادىكى خىرىستان ئەللەرنىڭ ئامخارالارنى يۆلەش سىياسىتى تۈپەيلىدىن، ئامخارالار بارا-بارا كۈچىيىپ ئەتراپتىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ زىمىنىنى قوشۇۋالغان. ھازىر گەرچە فىدىراتىپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولغان بولسىمۇ ئەنئەنە ۋە ئىقتىساد ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى پەرق تۈپەيلى ئامخارالار يەنىلا دۆلەتنىڭ ئالى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلمەكتە. ئېفىئوپىيەدە پارلامېنت ئىچكى كابىنېتى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. زۇڭلى رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى كابىنېت ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگان بولۇپ، خەلق ۋەكىللىرى پالاتاسىغا مەسئۇل بولىدۇ. 

پارلامېنت خەلق ۋەكىللەر پالاتاسى ۋە فېدېراتسىيە پالاتاسىدىن تەركىب تاپقان، ئالدىنقىسى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل. فىدېراتسىيە پالاتاسى ھەرقايسى شتاتلار كۆرسەتكەن 120 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان. ئېفىئوپىيە مىللەتلەر بويىچە چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان 9شىتات ۋە ئاددېس-ئەبىبە، دىرىداۋا دىن ئىبارەت ئىككى بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن تەركىپ تاپقان. ئېفىئوپىيە ب د ت ۋە ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى.

ئېفىئوپىيەئېفىئوپىيە يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى سەۋىيىسى بەكمۇ تۆۋەن، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئېفىئوپىيەدە پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ %80 دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى دۆلەت ئىچكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %49 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ %85 دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىدۇر.

70-يىللاردا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا تەخمىنەن 300 مىڭ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن سىياسى مالىمانچىلىق ئاقىۋەتتە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسەتلەرنىڭ تۈزۈلىشىگە تۈرتكە بولغانلىقتىن، 1995-1996 يىلى ئاشلىق مەھسۇلاتى 10 مىليون توننىغا يېتىپ، تارىخىي رېكورىت يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، 30 يىلدىن بۇيان ئېفىئوپىيە تۇنجى قېتىم ئاشلىقتا ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان بولدى. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن: مۇخ، بۇغداي، قوناق، كۆممىقوناق، ئارپا، ياڭيۇ، پۇرچاق قاتارلىقلار، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن- قەھۋە، پاختا، كەندىر، خۇاسىڭ، ئاپتاپپەرەس، ئابدىمىلىك، قارىمۇچ، بانان، خورما، تاماكا، لىمون، شېكەر قومۇش، چىكىت، زىغىر، تالالىق ئاگاۋى قاتارلىقلار بار. ئېفىئوپىيە قەھۋەنىڭ ئانا ماكانى، ئېفىئوپىيەنىڭ كالا، قوي چارۋا سانى ئافرىقا بويىچە 1- ئورۇندا، دۇنيا بويىچە 10- ئورۇندا تۇرىدۇ. ئون نەچچە يىللىق ئىچكى ئۇرۇش، تەبىئىي ئاپەت، شۇنىڭدەك ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامۇۋاپىق سىياسىتى تۈپەيلىدىن، ئېفىئوپىيە ئىقتىسادى ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان. يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، خۇسۇسىي ئىگىلىككە قارىتا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى قوللانغانلىقتىن، ئىقتىساد بىرقەدەر تېز ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان.

1992- يىلدىن 1996- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %7 گە يەتكەن. 1997- يىللىق دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6 مىليارد 339 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئېفىئوپىيەنى ئافرىقىدىكى مۇھىم سىتىراتىگىيىلىك ھەمرا قاتارىدا كۆرۈپ بىر تۈركۈم قوللاش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى.

شۇنىڭ بىلەن ئېفىئوپىيەنىڭ يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى %10 ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، ئېفىئوپىيىنىڭ سانائىتى ئاساسەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساس قىلىدۇ. زامانىۋى سانائىتى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا. 2008-يىلى ئېفىئوپىيەنىڭ يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى %8 دىن يۇقىرى بولغان بولۇپ، مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى 25مىلىيارد 320 مىليون دوللار ، كىشى بېشىغا 800 دوللار توغرا كەلگەن. ئېفىئوپىيە نامرات بولغانلىقتىن زامانىۋى قاتناش ۋە ئېلىكتىر ئىشلىرى تەرەققى قىلمىغان، 2007-يىلى 1-ئايغا قەدەر ئېفىئوپىيەدە مۇقىم تېلىفون ئىشلەتكۈچىسى 880 مىڭ، كۆچمە تېلىفون ئىشلەتكۈچىسى بىر مىليون 208 مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى 291 مىڭ بولغان.

ئېفىئوپىيە1951- يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئالى مەكتەپ ـ ئەددس ئەبېبە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغان، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قارمىقىدا 17 ئىنستىتۇت بار. نۆۋەتتە، ئون يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا ھەقسىز. 1974- يىلىدىن بۇيان، ئېفىئوپىيىدە كەڭ كۆلەملىك ساۋاتسىزلىقنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما ئورومو ۋە باشقا بىر مۇنچە مىللەتلەرنىڭ يېزىقى بولمىغانلىقتىن دۆلەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات ئىشلىرىدا ئېغىر يۈك بولۇپ قالماقتا .[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#