ئاپتوموبىل

ئاپتوموبىل

ئاپتوموبىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سۆرەپ ماڭىدىغان ھارۋىدىن تەرەققىي قىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاپتوموبىل
چەتئەلچە نامى vehicle،car
خەنزۇچە نامى 汽车
كەشىپ قىلغان ۋاقتى 1886-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاپتوموبىلئاپتوموبىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سۆرەپ ماڭىدىغان ھارۋىدىن تەرەققىي قىلغان. فرانسىيىنىڭ لوئى 16 دەۋرىدە توپچى ئەسكەرلەر كاپىتانى كورنىئو زەمبىرەك سۆرەيدىغان ھارۋىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ ئىككى يىل تىرىشىپ، ئۈچ چاقلىق بىر ياغاچ ھارۋا ياسىغان، ئۇنى پار ماشىنىسى ماڭدۇرىدۇ، تۆت كىشى ئولتۇرۇشقا بولىدۇ، سائەتلىك تېزلىكى5.9 كىلومېتىر، ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى «ئۆزى ماڭار ھارۋا» ھېسابلىنىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۆزى ماڭار ھارۋىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سىرتقى شەكلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغان. 1826-يىلى بولان ئەنگلىيىدە دۇنيادا ئىچىدىن يانىدىغان تۇنجى دۋىگاتېللىق ئاپتوموبىل ياسىدى. ئۇنىڭ ئىككى سىلىندىرى بولۇپ، تۈز يولدا تېز مېڭىپلا قالماي، دۆڭگىمۇ يامىشالايتتى. ئەمما، ئاپتوموبىلنى ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن كىشى گېرمانىيىلىك بىنتىس ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كۆپ يىل قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىپ، بىر سىلىندىرلىق بېنزىن ماتور ياسىدى. ئۇنى 1886-يىلىنىڭ بېشىدا ئۈچ چاقلىق ھارۋىغا ئورناتتى. بۇ ھارۋىنىڭ ئېغىرلىقى 254 كىلوگرام بولۇپ، سائەتلىك تېزلىكى 13 ~16 كىلومېتىر ئىدى. بۇ ئۆزى ماڭار ھارۋا ياسالغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرەپ توسقۇنلۇق قىلغانلىقتىن، رەسمىي سىناپ كۆرۈشكە مۇمكىن بولمىدى. بۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئايالى ئۇققاندىن كېيىن، ماتورنى ئوت ئالدۇرۇپ، ھارۋىدا شەھەرنىڭ ھەممە كوچىلىرىنى بىر ئايلىنىپ، ئەتراپتىكىلەرنى تاڭ قالدۇردى، ئۇزاققا قالماي پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى. كېيىنكى ئۆزى ماڭار ھارۋىلارغا كۆپىنچە بېنزىن ماتور ئورنىتىلغاچقا، كىشىلەر «بېنزىن ھارۋا» (ئاپتوموبىل) دەيدىغان بولدى. گېرمانىيە ميۇنخېن پەن-تېخنىكا مۇزېيى بۇ ئاپتوموبىلنى ساقلىماقتا، ئۇنىڭغا «مۇشۇلا تۇنجى ئاپتوموبىل» دېگەن بەلگە ئېسىلغان.

ئاپتوموبىلھازىر ئاپتوموبىللارنىڭ تۈرى كۆپ، ماتورنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، دىزېل ئاپتوموبىلى ۋە بېنزىن ئاپتوموبىلى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.

بېنزىن ئاپتوموبىلى

بېنزىن ئاپتوموبىلى يەنە تۆت سىلىندىرلىق، سەككىز سىلىندىرلىق، 12 سىلىندىرلىق دېگەندەك كۆپ خىل بولىدۇ. سىلىندىرى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە سىلىق يۈرىدۇ. ئىشلىتىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، يۈك ئاپتوموبىلى، يولۇچىلار كىچىك ئاپتوموبىلى، يولۇچىلار چوڭ ئاپتوموبىلى، يولۇچىمۇ، مالمۇ توشۇغىلى بولىدىغان بولكىۋاي، قورال ماشىنىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ ئالاھىدە ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى، سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئېلېكترون تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل ساھەسىدە بارغانسېرى كۆپ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار ياكى يېرىم ئاپتوماتىك ھەيدەش قۇرۇلمىلىرى بارلىققا كەلمەكتە.

ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل

ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىن، كىشىلەر نېفىت بايلىقىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، يېڭى تىپتىكى بىر خىل ئاپتوموبىلنى كەشىپ قىلدى. بۇنىڭغا بېنزىنمۇ، دىزېلمۇ كەتمەيدۇ، بەلكى ئاككۇمۇلياتورنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە تايىنىپ ماڭىدۇ، مۇنداق ئاپتوموبىل ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل دېيىلىدۇ. 

ئەمەلىيەتتە، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيە ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل ياسىغانىدى. ئۇ قىسقا مۇساپىلىك ترانسپورتقا ئىشلىتىلىدىغان ئاككۇمۇليارتور ئاپتوموبىل ئىدى. ئېلېكترلىك ئاپتوموبىلدا ئادەتتىكى ئاپتوموبىللاردىكى ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنى ئىشلەتمەي، تۇراقلىق توك ئېلېكتر ماتورى بىلەن ئاككۇمۇلياتور ئىشلىتىلىدۇ، ئېلېكتر دۋىگاتېلنى ئاككۇمۇلياتورنىڭ توكى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ، مۇنداق ئاپتوموبىل سائىتىگە40 ~50 كىلومېتىر يول يۈرىدۇ، ئاككۇمۇلياتورنى بىر قېتىم زەرەتلىسە100 ~200 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. 

ھازىرقى ئېلېكترلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %15.75 كە يېتىدۇ، ئادەتتىكى ئاپتوموبىللاردىن %5 چە يۇقىرى بولىدۇ. ئاككۇمۇلياتورلار كېچىسى زەرەتلىنىدۇ. بۇ توك ئىشلىتىشنىڭ تۆۋەن پەللىسى بولغاچقا، گېنېراتورلاردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. 

ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل ئادەتتىكى ئاپتوموبىللاردەك تەركىبىدە قوغۇشۇن، گۈڭگۈرت، ئازوت ئوكسىدى قاتارلىق زىيانلىق گازلارنى چىقىرىپ مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ؛ ئۇنىڭدا گاز چىقىرىدىغان، گاز سۈمۈرىدىغان قۇرۇلمىلار بولمايدۇ، ئىسسىقلىق تارقىتىدىغان چاقپەلەك ۋە ماتورمۇ يوق، ئاۋازى بەكمۇ تۆۋەن. ئوخشاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئاپتوموبىللارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئاۋازى زور دەرىجىدە تۆۋەن بولۇپ، ھېچقانداق زىيىنى يوق. 

ئېلېكترلىك ئاپتوموبىلنىڭ يېتەرسىزلىكىمۇ بار، سۈرئىتى يېقىلغۇ ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا يەتمەيدۇ، بىر قېتىم زەرەتلىسە ئاران 100 ~200 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا ئالىملار زەرەتلىنىش مىقدارى يۇقىرى، زەرەتلىنىش قېتىمى كۆپ ئاككۇمۇلياتورلارنى تەتقىق قىلماقتا.

 دالا ئاپتوموبىلى

دالا ئاپتوموبىلىئەڭ بۇرۇنقى دالا ئاپتوموبىلى جىپ ماشىنىسى ئىدى، بۇ ئاتالغۇ ئىنگلىزچە «peeJ» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ھەربىي لازىمەتلىكلەر بۆلۈمى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش ئۈچۈن، يېنىك تىپتىكى مۇشۇنداق ماشىنىنى ئالاھىدە ياسىغان. ئۇ يولى ناچار دالىلاردا يۈرۈشكە باب كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، دالا ئاپتوموبىلى دەپ ئاتالغان. 

دالا ئاپتوموبىلى پۇختا، يەردىن ئېگىز، تۆتىلا چاقى سۆرەيدۇ، چاق ئارىلىقى چوڭ، °60 لۇق يانتۇلۇقلاردا يۈرەلەيدۇ، تېيىز دەريالاردىن ئۆتەلەيدۇ. ئۇنىڭ سايىۋىنىنى قاتلىغىلى، ئالدىدىكى شامال توسۇش ئەينىكىنىمۇ ياتقۇزغىلى بولىدۇ، مۇنداق بولغاندا يېنىك تىپتىكى قوراللار ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى قاچىلىغىلى بولىدۇ. برون تاختا بىلەن قاپلاپ، ئۇرۇشتا ئىشلەتكىلى، سۇدىن مۇداپىئەلىنىش قېپى ۋە پىرقىرىغۇچ ئورنىتىپ، سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ھەربىي قوماندانلىق قىلىش، سەييارە چارلاش، رازۋېدكا قىلىش، ئۇرۇش مەيدانىدا يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە يېنىك تىپتىكى قوراللارنى سۆرەشكە باب كېلىدۇ.

مۇسابىقە ئاپتوموبىلى 

مۇسابىقە ئاپتوموبىلىيەنە بىر خىل جىپ ماشىنىسى بار، ئۇنىڭ پىكاپقا ئوخشاش قاتتىق سايىۋىنى ۋە ئازادە ماشىنا ئىچى ئەسلىھەلىرى بار، يەنە خېلى كۈچلۈك دۆڭگە يامىشىش ئىقتىدارى بار، ئۇ ھەر خىل دالا مەشغۇلاتلىرى ۋە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە ماس كېلىدۇ. 

ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى ھەر خىل ئاپتوموبىللارنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشتىن باشلانغان، كېيىنچە مەخسۇس ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى بارلىققا كەلدى. ھازىر ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىنىڭ تېزلىك مۇسابىقىسى، تارتىش كۈچى مۇسابىقىسى، ئادەتتىكى تېزلىك مۇسابىقىسى ۋە يۈك ماشىنىسى مۇسابىقىسى دېگەندەك تۈرلىرى بار. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ شەكلى ۋە ئىقتىدارى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، قۇرۇلمىسىمۇ پەرق قىلىدۇ، ھەممىسى مۇسابىقە تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇپ مەخسۇس لايىھىلەنگەن. 

تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىدىغان ئاپتوموبىل مۇسابىقىلىرىدىكى ئاپتوموبىللار قوڭغۇزغا ئوخشاش بولۇپ، يوغان تۆت چاقى، ماشىنا گەۋدىسى بەك پاكار بولۇپ، ئادەتتە بىرلا كىشى ئولتۇرىدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ چاقى ماشىنا گەۋدىسىدىن ئېگىز ۋە كەڭ بولىدۇ، مۇنداق ئاپتوموبىللارنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى تۆۋەن بولۇپ، مۇسابىقە جەريانىدا ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مۇنداق مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىنىڭ مەشغۇلاتى جانلىق، سۈرئىتى تېز بولۇپ، شوپۇرلارنىڭ ياخشى تېخنىكىسى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. 

تاشيولدىمۇ،تۆمۈريولدىمۇ ماڭىدىغان ئاپتوموبىل

تاشيولدىمۇ،تۆمۈريولدىمۇ ماڭىدىغان ئاپتوموبىلمۇنداق يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ تاشيولدىمۇ، تۆمۈريولدىمۇ ماڭالايدىغان ئىقتىدارى بار. تاشيولدىن ئوڭايلا تۆمۈر يولغا چىقىپ ماڭالايدۇ، تۆمۈر يولدىنمۇ ئوڭايلا تاشيولغا چىقىپ ماڭالايدۇ. 

ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى ئاپتوموبىلغا ئوخشايدۇ، پەقەت ئاپتوموبىلغا قارىغاندا بەزى قۇرۇلمىلىرى ئارتۇق. ئادەتتە مۇنداق ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى-كەينى چاقلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئايرىم-ئايرىم كۆتۈرۈپ چۈشۈرگىلى بولىدىغان ۋە يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان ئىككى يېتەكچى چاق بولىدۇ، يېتەكچى چاقلارنى كۆتۈرۈش-چۈشۈرۈش ھىدراۋلىك قۇرۇلما بىلەن كونترول قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىلنىڭ تېگىدىكى تەگلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىشقا بولىدىغان ئايلانما تەخسە ئورنىتىلغان، ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ تۆمۈريولدا بۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 

تاشيولدىمۇ، تۆمۈريولدىمۇ ماڭىدىغان ئاپتوموبىل تاشيولدا ماڭغاندا، يېتەكچى چاقنى يىغىۋېلىپ، رېزىنكە چاق بىلەن ماڭىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى سائىتىگە100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. تۆمۈريولغا چىققاندا، ئايلانما تەخسە رېلىس ئۈستىگە چۈشىدۇ، ماشىنا گەۋدىسى ھىدراۋلىك پرېس بىلەن كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا بىر ئادەم ماشىنىنى ئوڭايلا تۆمۈريولنىڭ يۆنىلىشىگە توغرىلىيالايدۇ، ئاندىن ئايلانما تەخسە يىغىۋېلىنىپ، رېزىنكە چاقلار ئىشقا كىرىشىدۇ، يېتەكچى چاق قۇرۇلمىسى ئاپتوموبىل چاقلىرىنى رېلىس بويلاپ ماڭدۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ناۋادا رېلىس ئۈستىدە توختاپ مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كەلسە، ئىككى جۈپ يېتەكچى چاق ھىدراۋلىك پرېسنىڭ ياردىمىدە تۆت پۇتقا ئوخشاش رېلىستا تىرىلىپ تۇرىدۇ. 

تاشيولدىمۇ، تۆمۈريولدىمۇ ماڭىدىغان ئاپتوموبىلنى تۆمۈريول ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، باشقا ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. كۆپرەك تاشيولدىمۇ، تۆمۈريولدىمۇ ياردەم بېرىش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ كۆۋرۈكلەرنى رېمونت قىلىش، توك لىنىيىلىرىنى رېمونت قىلىش، قاتناش ئاۋارىيىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئۆتەلەيدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#