جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە مەبلەغ فوندى قانۇنى

ئاكسىيە مەبلەغ فوندى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە مەبلەغ فوندى قانۇنى 2003–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە مەبلەغ فوندى قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2003–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى
قوللىنىلغان ۋاقتى 2004-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国证券投资基金法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó zhèng quàn tóu zī jī jīn fǎ
تۈزۈتىلگەن ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 بۇ قانۇن ئاكسىيە مەبلەغ فوندى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش، ئاكسىيە مەبلەغ فوندى ۋە ئاكسىيە بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (71–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە مەبلەغ فوندى قانۇنى» 2012–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە مەبلەغ فوندى قانۇنى» ئېلان قىلىندى، 2013–يىل 6–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2012–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاكسىيە مەبلەغ فوندى قانۇنى» 2003–يىلى 10–ئاينىڭ 28–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

2012–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللانغان.

2013–يىل 6–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نۇسخىسى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14–سانلىق يىغىنىدا تۈزىتىلگەن.

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن ئاكسىيە مەبلەغ فوندى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش، ئاكسىيە مەبلەغ فوندى ۋە ئاكسىيە بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ئوچۇق ياكى يېپىق ھالەتتە مەبلەغ توپلاش يولى بىلەن تەسىس قىلىنغان ئاكسىيە مەبلەغ فوندىنى (تۆۋەندە فوند دېيىلىدۇ) تەسىس قىلىشقا، فوند باشقۇرغۇچى باشقۇرۇشقا، ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ھاۋالىلىك باشقۇرۇشقا، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ قىلىنغان ئاكسىيە مەبلەغ پائالىيىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ، بۇ قانۇندا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانەت قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى» ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

3–ماددا فوندنى باشقۇرغۇچى، ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ۋە فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى مۇشۇ قانۇن بويىچە فوند توختامىدا پۈتۈشۈلىدۇ.

فوندنى باشقۇرغۇچى، ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ھاۋالە قىلىنغان مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ قانۇن ۋە فوند توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىدۇ.

ئوچۇق توپلاش يولى بىلەن تەسىس قىلىنغان فوندنى (تۆۋەندە ئوچۇق توپلانغان فوند دېيىلىدۇ) ئىلكىدە تۇتقۇچى ئىلكىدىكى فوند ئۈلۈشى بويىچە پايدىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە خەۋپ–خەتەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يېپىق توپلاش يولى بىلەن تەسىس قىلىنغان فوند (تۆۋەندە يېپىق توپلانغان فوند دېيىلىدۇ)نىڭ پايدىسىنى تەقسىملەش ۋە خەۋپ–خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىش فوند توختامىدا پۈتۈشۈلىدۇ.

4–ماددا ئاكسىيە مەبلەغ فوند پائالىيىتىدە ئىختىيار قىلىش، ئادىل بولۇش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك كېرەك.

5–ماددا فوند مۈلكىنىڭ قەرزى فوند مۈلكىدىن تۆلىنىدۇ، فوند ئۆلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى مەبلەغ چىقىرىشقا چەك قويغان بولسا، فوند مۈلكى ھەمكارلىقىدا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن فوند توختامىدا مۇشۇ قانۇن بويىچە ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى پۈتۈشكىنى بويىچە بولىدۇ.

فوند مۈلكى فوندنى باشقۇرغۇچى ۋە ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىغا خاس مال–مۈلۈكتىن مۇستەقىل تۇرىدۇ. فوندنى باشقۇرغۇچى ۋە ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى فوند مۈلكىنى ئۆزىنىڭ خاس مۈلكىگە قوشۇۋالسا بولمايدۇ.

فوندنى باشقۇرغۇچى ۋە ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى فوند مۈلكىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن مال–مۈلۈك ۋە پايدىسى فوند مۈلكىگە قوشۇۋېتىلىدۇ.

فوندنى باشقۇرغۇچىلار ۋە ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ياكى ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھېساباتى ئېنىقلىنىدىغانلىرىنىڭ فوند مۈلكى ھېساباتى ئېنىقلىنىدىغان مال–مۈلۈك قاتارىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ.

6–ماددا فوند مۈلۈك ھەقدارلىقىنى فوندنى باشقۇرغۇچى ۋە ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ خاس مال–مۈلۈك قەرزىگە توغرىلىۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئوخشاش بولمىغان فوند مۈلكىنىڭ ھەقدارلىقى ۋە قەرزدارلىقىنى ئۆزئارا توغرىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

7–ماددا فوند مۈلكى بىلەن تۆلەنمەيدىغان قەرزنى فوند مۈلكىدىن مەجبۇرىي تۆلىتىشكە بولمايدۇ.

8–ماددا فوند مۈلكى سېلىنمىسىغا ئالاقىدار باجنى فوند ئۆلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، فوند باشقۇرغۇچى ياكى باشقا ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى دۆلەتنىڭ باج ئېلىشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرىدۇ.

9–ماددا فوندنى باشقۇرغۇچىلار ۋە ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلار فوند مۈلكىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىشتە، فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتى فوند مۇلازىمىتى قىلىشتا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ئېھتىياتچان، تىرىشچان بولۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

فوندنى باشقۇرغۇچىلار فوند مۈلكىنى ئاكسىيەگە مەبلەغ قىلىپ سېلىشتا ئېھتىياتچان تىجارەت قىلىش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان مەبلەغ تاكتىكىسى ۋە خەۋپ–خەتەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا خەۋپ–خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك.

فوند كەسىپكارلىرى فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى ھازىرلىشى، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقىغا ۋە ھەرىكەت قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

10–ماددا فوندنى باشقۇرغۇچىلار، ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئاكسىيە مەبلەغ فوند ساھە جەمئىيىتى (تۆۋەندە فوند ساھە جەمئىيىتى دېيىلىدۇ) قۇرۇپ، ساھە تەلەپچانلىقىغا ئەمەل قىلىپ، ساھە مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ساھە مۇلازىمىتى قىلىپ، ساھە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

11–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئاكسىيە مەبلەغ فوند پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە ئادا قىلىدۇ.

2–باب فوند باشقۇرغۇچى

12–ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان شىركەت ياكى شېرىك كارخانا فوند باشقۇرغۇچى بولىدۇ.

فوند باشقۇرۇش شىركىتى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىغان باشقا ئاپپارات ئوچۇق توپلىغان فوندنى باشقۇرغۇچى بولىدۇ.

13–ماددا ئوچۇق توپلىغان فوندنى باشقۇرىدىغان فوند باشقۇرۇش شىركىتى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش كېرەك:

(1) مۇشۇ قانۇن ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نىزامنامىسى بولۇش؛

(2) رويخەتتىكى كاپىتالى 100 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاز بولماسلىق ھەمدە نەق تاپشۇرغىنى پۇل كاپىتالى بولۇش؛

(3) ئاساسلىق پايچىلىرى پۇل مۇئامىلە كەسپىنى باشقۇرۇش ياكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى باشقۇرۇشتا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولۇش، مالىيە ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي ئىناۋىتى ياخشى بولۇش، مۈلۈك كۆلىمى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇش، يېقىنقى ئۈچ يىلدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان بولۇش؛

(4) فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا يەتكەن بولۇش؛

(5) مۇدىر، نازارەتچىلەر، ئالىي باشقۇرغۇچىلار مۇناسىپ ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇش؛

(6) تەلەپكە لايىق تىجارەت سورۇنى، بىخەتەرلىك، مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە فوند باشقۇرۇش كەسپىگە ئالاقىدار باشقا ئەسلىھەسى بولۇش؛

(7) خېلى ياخشى ئىچكى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى، مۇكەممەل ئىچكى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە خەۋپ–خەتەرنى كونترول قىلىش تۈزۈمى بولۇش؛

(8) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر.

14–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى فوند باشقۇرۇش شىركىتى قۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە مۇشۇ قانۇننىڭ 13–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى؛ تەستىقلىمىغانلىرىدا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

فوند باشقۇرۇش شىركەتلىرىدىن بەشتىن ئارتۇق پاي ھوقۇقىنى ئىلكىدە تۇتقان پايچىلىرىنى، شىركەتنى ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلارنى ئالماشتۇرىدىغانلىرى ياكى چوڭ–چوڭ ئىشلارنى ئۆزگەرتىدىغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى، تەستىقلىمىغانلىرىدا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

15–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى ۋە باشقا كەسىپكارى بولسا بولمايدۇ:

(1) خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى، مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتى، مال–مۈلۈككە چېقىلىش جىنايىتى ياكى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازا بېرىلگەنلەر؛

(2) ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان شىركەت، كارخانىنىڭ ياخشى باشقۇرۇلمىغانلىقىدىن ۋەيرانىچىلىق ھېساباتى ئېنىقلىنىشىدا ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىشىدا شەخسىي جاۋابكارلىقى بار مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، زاۋۇت باشلىقلىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىدىن شۇ شىركەت، كارخانىنىڭ ۋەيرانىچىلىق ھېساباتىنى ئېنىقلاش ئاخىرلاشقىنىغا ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ بىكار قىلىنغىنىغا بەش يىل توشمىغانلىرى؛

(3) شەخسىي قەرزى كۆپرەك بولۇپ، مۆھلىتى توشقاندا قايتۇرۇپ بولالمىغانلار؛

(4) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى تۈپەيلىدىن قوغلاندى قىلىنغان فوند باشقۇرغۇچىلار، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلار، ئاكسىيە بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، ئاكسىيەنى تىزىمغا ئېلىش–راسچوت قىلىش ئاپپاراتى، زاكاز مال بىرژىسى، زاكاز مال شىركىتىنىڭ ۋە باشقا ئاپپاراتلارنىڭ كەسىپكارلىرى شۇنىڭدەك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى؛

(5) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى تۈپەيلىدىن كەسىپكارلىق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان ياكى كەسپىي سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان ئادۋوكاتلار، رويخەتتىكى مەسئۇل بوغالتىرلار ۋە مۈلۈك باھالىغۇچى ئاپپارات، كىنىشكا تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتنىڭ كەسىپكارلىرى، مەبلەغ مەسلىھەتچىلىكى قىلغۇچىلار؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا فوند كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا كىشىلەر.

16–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ئاكسىيە مەبلىغىگە ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى پىششىق بىلىشى، ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتنى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولۇشى، ئالىي باشقۇرغۇچىلار فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتىنىمۇ ھازىرلىشى كېرەك.

17–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئىگىلىك باشقۇرغۇچى ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە قائىدە بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل كىشىلەرنى تەيىنلەش ياكى ئالماشتۇرۇشتا، ئۇ ئىشنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن تەيىنلەش شەرتى بويىچە تەكشۈرۈشىگە يوللاش كېرەك.

18–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باشقا كەسىپكارلىرى، ئۆزى، جورىسى، پايدا–زىيان مۇناسىۋىتى بارلار ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىشتا ئالدى بىلەن فوند باشقۇرغۇچىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە فوند ئۆلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى بىلەن مەنپەئەتتە توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى كېرەك.

ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خادىملار ئارىسىدا ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىشنى مەلۇم قىلىش، تىزىملىتىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

19–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باشقا كەسىپكارلىرىنىڭ فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشىغا ياكى فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ئورۇندا باشقا ھەرقانداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، فوند مۈلكىگە ۋە فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئاكسىيە سودىسى ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

20–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلار تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) قانۇن بويىچە مەبلەغ توپلاش، فوند ئۈلۈشىنى سېتىش ۋە تىزىملىتىش؛

(2) فوندنى ئەنگە ئالدۇرۇش؛

(3) ئۆزى باشقۇرىدىغان ئوخشاش بولمىغان فوند مۈلكىنى ئايرىم باشقۇرۇپ، ئايرىم خاتىرىلەپ ئاكسىيەگە مەبلەغ قىلىپ سېلىش؛

(4) فوند توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە فوند پايدىسىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى بېكىتىپ، پايدىنى فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارغا ۋاقتىدا تەقسىملەپ بېرىش؛

(5) فوندنى بوغالتىرلىق ھېساباتى قىلىش ھەمدە فوند مالىيە–بوغالتىرلىق دوكلاتى تەييارلاش؛

(6) ئوتتۇرا مەزگىللىك ۋە يىللىق فوند دوكلاتى تەييارلاش؛

(7) فوند مۈلكىنىڭ ساپ قىممىتىنى ھېسابلاش ھەمدە ئېلان قىلىش، فوند ئۈلۈشىنى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش، قايتۇرۇۋېلىش باھاسىنى بېكىتىش؛

(8) فوند مۈلكىنى باشقۇرۇش پائالىيىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش؛

(9) بەلگىلىمە بويىچە، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى چاقىرىش؛

(10) فوند مۈلكىنى باشقۇرۇش پائالىيىتىگە دائىر خاتىرە، ھېسابات دەپتىرى، مەلۇمات جەدۋىلى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ساقلاش؛

(11) فوند باشقۇرغۇچىلارنىڭ نامىدا، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ياكى باشقا قانۇن ھەرىكەتلىرىنى قىلىش؛

(12) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

21–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى شۇنىڭدەك باشقا كەسىپكارلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) ئۆزىنىڭ خاس مال–مۈلكىنى ياكى باشقىلارنىڭ مال–مۈلكىنى فوند مۈلكىگە قوشۇپ ئاكسىيەگە مەبلەغ قىلىپ سېلىش؛

(2) ئۆزى باشقۇرىدىغان ئوخشاش بولمىغان فوند مۈلكىگە ئادىل مۇئامىلە قىلماسلىق؛

(3) فوند مۈلكىدىن ياكى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، فوند ئۆلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىدىن باشقا كىشىنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش؛

(4) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىغا پايدا ئالىسەن ياكى زىيىنىڭنى تۆلەپ بېرىمەن، دەپ قائىدىگە خىلاپ ۋەدە بېرىش؛

(5) فوند مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش؛

(6) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئېرىشىۋالغان ئاشكارىلانمىغان ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ، شۇ ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ، سودا قىلىش ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سودا قىلىش ھەققىدە خەۋەر ۋە بېشارەت بېرىش؛

(7) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلماسلىق؛

(8) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىش بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەنئى قىلىشنى بەلگىلىگەن باشقا ئىشلار.

22–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچى ياخشى ئىچكى باشقۇرۇشتا ياخشى قۇرۇلما بەرپا قىلىپ، مۇدىرىيەت، نازارەتچىلىك كومىتېتى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، فوند باشقۇرغۇچىنىڭ مۇستەقىل ئىش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچى پاينى كەسپىي خادىملار ئىلكىدە تۇتۇش پىلانىنى يولغا قويسا، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلسا بولىدۇ.

ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ پايچىكلىرى، مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى ۋە ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

23–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلار فوند باشقۇرۇش ھەققىدىن خەۋپ–خەتەر تەييارلىق فوندى ئاجرىتىشى كېرەك.

ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلار قانۇنغا، قائىدىگە، فوند توختامىغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن فوند مۈلكى ياكى فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچراپ، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولسا، خەۋپ–خەتەر تەييارلىق فوندىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىنسا بولىدۇ.

24–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ پايچىلىرى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، چوڭ–چوڭ ئىشلارنى دوكلات قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك:

(1) ساختا مەبلەغ چىقىرىش ياكى مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش؛

(2) قانۇن بويىچە پايچىلار يىغىنى ياكى مۇدىرىيەت يىغىنىنىڭ قارارىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، فوند باشقۇرغۇچىنىڭ فوند تىجارىتىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئارىلىشىۋېلىش؛

(3) فوند باشقۇرغۇچىدىن فوند مۈلكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش؛

(4) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەنئى قىلىشنى بەلگىلىگەن باشقا ئىشلار.

ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىنىڭ پايچىلىرى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلىرىدا ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىش بولسا ياكى پايچىلار قانۇندا بەلگىلىگەن شەرتكە توشمايدىغان بولۇپ قالسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ، ئىلكىدىكى پاي ھوقۇقى ياكى كونترول قىلغان پاي ھوقۇقىنى فوند باشقۇرغۇچىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن پايچىلار، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلار تەلەپ بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى تۈزىتىشتىن، ئىلكىدىكى پاي ھوقۇقى ياكى كونترول قىلغان پاي ھوقۇقىنى فوند باشقۇرغۇچىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئالاقىدار پايچىلارنىڭ پايچىلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە چەك قويسا بولىدۇ.

25–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلاردىن قانۇنغا، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ياكى ئىچكى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش، خەۋپ–خەتەرنى كونترول قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈمى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن ياكى قىلمىشى شۇ فوند باشقۇرغۇچىنىڭ پۇختا ئىشلىشىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) كەسپىي پائالىيىتىگە چەك قويۇش، قىسمەن ياكى پۈتۈن كەسپىنى توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇش؛

(2) پايدا تەقسىملەشكە چەك قويۇش، مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىغا ئىش ھەققى، پاراۋانلىق تەمىناتى بېرىشكە چەك قويۇش؛

(3) خاس مال–مۈلۈكنى ئۆتۈنۈشكە ياكى خاس مال–مۈلۈكتە باشقا ھوقۇق بەلگىلەشكە چەك قويۇش؛

(4) مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىنى ئالماشتۇرۇشقا بۇيرۇش ياكى ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويۇش؛

(5) ئالاقىدار پايچىلارنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈشكە بۇيرۇش ياكى ئالاقىدار پايچىنىڭ پاي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە چەك قويۇش.

ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچى تۈزەتكەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا دوكلات سۇنۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدا ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كەلسە، قوللىنىلغان ئالاقىدار تەدبىرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە بىكار قىلىش كېرەك.

26–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىدىن تىرىشچان بولۇش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلماي، فوند باشقۇرغۇچىدا قانۇنغا، قائىدىگە ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بولۇشقا ياكى زور خەۋپ–خەتەر پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئالماشتۇرۇۋېتىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

27–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلاردىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلىپ ياكى زور خەۋپ–خەتەر پەيدا قىلىپ، ئاكسىيە بازىرىنىڭ تەرتىپىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈپ، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش، ئۆتكۈزۈۋېلىپ باشقۇرۇشقا باشقا ئاپپاراتنى بېكىتىش، فوند باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق نازارەتچىلىك تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

28–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلغان، قانۇن بويىچە ھاۋالىلىك باشقۇرۇش، ئۆتكۈزۈۋېلىپ باشقۇرۇش بېكىتىلگەن ياكى ھېسابات ئېنىقلىنىۋاتقان مەزگىلدە ياكى زور خەۋپ–خەتەر كۆرۈلگەندە، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن، شۇ فوند باشقۇرغۇچىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا تۆۋەندىكى تەدبىرلەر قوللىنىلسا بولىدۇ:

(1) چېگرادىن چىقىشنى باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئۇلارنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى قانۇن بويىچە توسۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىش؛

(2) مال–مۈلۈكنى يۆتكىۋېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ياكى باشقا ئۇسۇلدا نېرى–بېرى قىلىۋېتىشنى ۋە ياكى مال–مۈلۈكتە باشقا ھوقۇق بەلگىلەشنى مەنئى قىلىشنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانغا ئىلتىماس قىلىش.

29–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاخىرلىشىدۇ:

(1) فوند باشقۇرۇش سالاھىيىتى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان بولسا؛

(2) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛

(3) قانۇن بويىچە تارقىتىۋېتىلگەن، قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلانغان بولسا؛

(4) فوند توختامىدا پۈتۈشكەن باشقا ئەھۋاللار.

30–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاخىرلاشقاندا، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى فوند باشقۇرغۇچىنى ئالتە ئاي ئىچىدە يېڭىدىن بېكىتىشى كېرەك؛ يېڭى فوند باشقۇرغۇچى ۋۇجۇدقا كەلگۈچە، ۋاقىتلىق فوند باشقۇرغۇچىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بېكىتىدۇ.

ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاخىرلاشقاندا، فوند باشقۇرۇشقا دائىر كەسپىي ماتېرىياللارنى ئوبدان ساقلاش، فوند باشقۇرۇش كەسپىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا ئۆتەش، يېڭى فوند باشقۇرغۇچى ياكى ۋاقىتلىق فوند باشقۇرغۇچى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك.

31–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاخىرلاشقاندا، بەلگىلىمە بويىچە بوغالتىرخانىنى فوند مۈلكىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

32–ماددا يېپىق توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىنى قېلىپلاشتۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مۇشۇ بابتىكى پىرىنسىپ بويىچە چىقىرىدۇ.

3–باب فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى

33–ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان سودا بانكىسى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى بولىدۇ.

سودا بانكىسىنىڭ فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ بانكا نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە تەستىقلايدۇ، باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تەستىقلايدۇ.

34–ماددا فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) ساپ مۈلكى ۋە خەۋپ–خەتەرنى كونترول قىلىش كۆرسەتكۈچى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرىدىغان مەخسۇس تارمىقى بولۇش؛

(3) فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كەسپىي خادىملىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا يېتىش؛

(4) فوند مۈلكىنى بىخەتەر ساقلايدىغان شارائىتى بولۇش؛

(5) بىخەتەر، ئۈنۈملۈك راسچوت قىلىش ۋە ھېسابات ئۈزۈش سىستېمىسى بولۇش؛

(6) تەلەپكە لايىق تىجارەت سورۇنى، بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كەسپىگە دائىر باشقا ئەسلىھەسى بولۇش؛

(7) ئىچكى قىسىمدا مۇكەممەل بولغان تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە خەۋپ–خەتەرنى كونترول قىلىش تۈزۈمى بولۇش؛

(8) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، گوۋۇيۈەننىڭ بانكا نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر.

35–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 15–، 18– ۋە 19–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرىدىغان مەخسۇس تارمىقىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باشقا كەسىپكارلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.

مۇشۇ قانۇننىڭ 16–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرىدىغان مەخسۇس تارمىقىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.

36–ماددا فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى بىلەن فوند باشقۇرغۇچىنىڭ بىر ئاپپارات بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مەبلەغ چىقىرىشىغا ياكى پاينى ئىلكىدە تۇتۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

37–ماددا فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) فوند مۈلكىنى بىخەتەر ساقلاش؛

(2) بەلگىلىمە بويىچە فوند مۈلكى مەبلەغ ئىسچوتى ۋە ئاكسىيە ئىسچوتى ئېچىش؛

(3) ھاۋالىلىك باشقۇرۇۋاتقان ئوخشاش بولمىغان فوند مۈلكىگە ئايرىم–ئايرىم ئىسچوت ئېچىپ، فوند مۈلكىنىڭ مۇكەممەل ۋە مۇستەقىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

(4) فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كەسپىي پائالىيىتىگە دائىر خاتىرە، ھېسابات دەپتىرى، مەلۇمات جەدۋىلى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ساقلاش؛

(5) فوند توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە فوند باشقۇرغۇچىنىڭ مەبلەغ سېلىش كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ۋاقتىدا راسچوت قىلىش ۋە ھېسابات ئۈزۈش؛

(6) فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كەسپىي پائالىيىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلانى ئاشكارىلاش؛

(7) فوند مالىيە–بوغالتىرلىق دوكلاتىغا، ئوتتۇرا مەزگىللىك ۋە يىللىق فوند دوكلاتىغا پىكىر تەييارلاش؛

(8) فوند باشقۇرغۇچى ھېسابلاپ چىققان فوند مۈلكىنىڭ ساپ قىممىتىنى ۋە فوند ئۈلۈشىنى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش، قايتۇرۇۋېلىش، باھاسىنى قايتا قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈش؛

(9) بەلگىلىمە بويىچە فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىنى ئېچىش؛

(10) فوند باشقۇرغۇچىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىش؛

(11) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

38–ماددا فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن فوند باشقۇرغۇچىنىڭ مەبلەغ سېلىش بۇيرۇقىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ياكى فوند توختامىدا پۈتۈشكىنىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى سەزگەنلىرى ئۇنى ئىجرا قىلماي، فوند باشقۇرغۇچىغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك.

فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن فوند باشقۇرغۇچىنىڭ سودا تەرتىپى بويىچە كۈچكە ئىگە بولغان مەبلەغ سېلىش بۇيرۇقىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزام ياكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ياكى فوند توختامىدا پۈتۈشكىنىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى سەزگەنلىرى فوند باشقۇرغۇچىغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

39–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 21–، 23– ماددىسىدىكى بەلگىلىمە فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىغا تەتبىقلىنىدۇ.

40 – ماددا فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان بولۇپ قالغان ياكى تىرىشچان بولۇش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلماي، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا زور سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، گوۋۇيۈەننىڭ بانكا نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن ياكى قىلمىشى ھاۋالىلىك باشقۇرۇۋاتقان فوندنىڭ مۇقىم، ساغلام يۈرۈشۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى، گوۋۇيۈەننىڭ بانكا نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئەھۋالغا قاراپ تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) كەسپىي پائالىيىتىگە چەك قويۇش، يېڭى فوند ھاۋالىلىك كەسپىنى توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇش؛

(2) جاۋابكارلىقى بار مەخسۇس فوند ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىسىنى ئالماشتۇرۇشقا بۇيرۇش.

فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى تۈزەتكەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بانكا نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا دوكلات سۇنۇش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالاقىدار تەلەپكە ئۇيغۇن كەلگەن بولسا، قوللانغان ئالاقىدار تەدبىرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە بىكار قىلىش كېرەك.

41–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بانكا نازارەتچىلىك ئاپپاراتى فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:

(1) ئۇدا ئۈچ يىلغىچە فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى يولغا قويمىغانلار؛

(2) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر قىلمىش سادىر قىلغانلار؛

(3) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

42–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاخىرلىشىدۇ:

(1) فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش سالاھىيىتى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان بولسا؛

(2) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغان بولسا؛

(3) قانۇن بويىچە تاقىتىۋېتىلگەن، قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلانغان بولسا؛

(4) فوند توختامىدا پۈتۈشكەن باشقا ئەھۋاللار.

43–ماددا فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاخىرلاشقاندا، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى يېڭى فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنى ئالتە ئاي ئىچىدە بېكىتىشى كېرەك؛ فوندنى يېڭى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ۋۇجۇدقا چىققۇچە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى فوندنى ۋاقتىنچە ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنى بېكىتىپ بېرىدۇ.

فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن مەسئۇلىيىتى ئاخىرلاشقانلىرى فوند مۈلكىنى ۋە فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كەسپىگە دائىر ماتېرىياللارنى ئوبدان ساقلىشى، فوند مۈلكىنى ۋە فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىشى، يېڭى فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ياكى فوندنى ۋاقتىنچە ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك.

44–ماددا فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاخىرلاشقاندا، بەلگىلىمە بويىچە، فوند مۈلكىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشقا بوغالتىرخانىنى تەكلىپ قىلىش ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

4–باب فوندنى يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى ۋە تەشكىلات

45–ماددا فوند توختامىدا فوندنى يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى پۈتۈشۈش كېرەك.

46–ماددا فوند يۈرۈشتۈرۈشتە يېپىق ئۇسۇل، ئوچۇق ئۇسۇل ياكى باشقا ئۇسۇللار قوللىنىلسا بولىدۇ.

يېپىق ئۇسۇلدا يۈرۈشتۈرۈلىدىغان فوند (تۆۋەندە يېپىق فوند دېيىلىدۇ) فوند ئۈلۈشىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى فوند توختامى مۆھلىتىدە تۇراقلىق بولغان، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى قايتۇرۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدىغان فوندنى كۆرسىتىدۇ؛ ئوچۇق ئۇسۇلدا يۈرۈشتۈرۈلىدىغان فوند (تۆۋەندە ئوچۇق فوند دېيىلىدۇ) فوند ئۈلۈشىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى تۇراقسىز بولغان، فوند ئۈلۈشىنى فوند توختامىدا پۈتۈشكەن ۋاقىت ۋە سورۇندا ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىشقا ياكى قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدىغان فوندنى كۆرسىتىدۇ.

باشقا ئۇسۇلدا يۈرۈشتۈرۈلىدىغان فوندنىڭ فوند ئۈلۈشىنى سېتىش، سودىلىشىش، ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش ۋە قايتۇرۇۋېلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئايرىم چىقىرىدۇ.

47–ماددا فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە بولىدۇ:

(1) فوند مۈلكى پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇش؛

(2) ھېسابات ئېنىقلانغاندىن كېيىنكى قالدۇق فوند مۈلكى تەقسىماتىغا قاتنىشىش؛

(3) ئىلكىدىكى فوند ئۈلۈشىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ئىلتىماس قىلىپ قايتۇرۇۋېلىش؛

(4) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى ئېچىشنى بەلگىلىمە بويىچە تەلەپ قىلىش ياكى فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىنى ئېچىش؛

(5) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى قاراپ چىقىدىغان ئىشلاردا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش؛

(6) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى، فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئۈستىدە قانۇن بويىچە دەۋا قىلىش؛

(7) فوند توختامىدا پۈتۈشكەن باشقا ھوقۇقلار.

ئوچۇق توپلانغان فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى ئاشكارىلانغان فوند ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشكە، كۆپەيتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق؛ يېپىق توپلانغان فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە تاقىشىپ قالغاندا فوند مالىيە بوغالتىرلىق دەپتىرى قاتارلىق مالىيە ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق.

48–ماددا فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى بارلىق فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلاردىن تەركىب تاپىدۇ، تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) فوند كۆپەيتىشنى ياكى فوند توختام مۆھلىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلىش؛

(2) فوند توختامىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىشنى ياكى فوند توختامىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلىش؛

(3) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنى ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلىش؛

(4) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ ھەق ئۆلچىمىنى تەڭشەشنى قارار قىلىش؛

(5) فوند توختامىدا پۈتۈشكەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.

49–ماددا فوند توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى دائىملىق ئاپپارات قۇرۇپ، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:

(1) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى ئېچىش؛

(2) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش؛

(3) فوند باشقۇرغۇچىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ ھاۋالىلىك پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش؛

(4) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ ھەق ئۆلچىمىنى تەڭشەشنى ئىلتىماس قىلىش؛

(5) فوند توختامىدا پۈتۈشكەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دائىملىق ئاپپارات فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ؛ ئىش قائىدىسى فوند توختامىدا پۈتۈشۈلىدۇ.

50–ماددا فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى ۋە ئۇنىڭ دائىملىق ئاپپاراتى فوند مەبلىغىنى باشقۇرۇش پائالىيىتىگە بىۋاسىتە قاتناشسا ياكى ئارىلاشسا بولمايدۇ.

5–باب فوندنى ئوچۇق توپلاش

51–ماددا ئوچۇق فوند توپلاشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا رويخەتكە ئالدۇرۇش كېرەك. رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ ئوچۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يول بىلەن فوند توپلاشقا بولمايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئوچۇق فوند توپلاش 200دىن ئېشىپ كەتمىگەن مۇئەييەنسىز ئوبيېكتتىن مۇئەييەن فوند توپلاشنى شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئوچۇق توپلانغان فوندنى فوند باشقۇرغۇچى ۋە فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى باشقۇرۇشى كېرەك.

52–ماددا ئوچۇق فوند توپلاشنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا، فوند باشقۇرغۇچىلىققا بېكىتىلگۈچى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) ئىلتىماس؛

(2) فوند توختام لايىھەسى؛

(3) فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كېلىشىم لايىھەسى؛

(4) فوند توپلاش چۈشەندۈرمە لايىھەسى؛

(5) ئادۋوكاتخانىنىڭ قانۇن پىكرى؛

(6) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تاپشۇرۇشنى بەلگىلىگەن باشقا ھۆججەتلەر.

53–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوند توختامىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:

(1) فوند توپلاش مەقسىتى ۋە فوند نامى؛

(2) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(3) فوند يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى؛

(4) يېپىق فوندقا كىرىدىغان فوند ئۈلۈشىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ۋە فوند توختامىنىڭ مۆھلىتى ياكى ئوچۇق فوندنىڭ ئەڭ تۆۋەن توپلىنىش ئۈلۈشىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى؛

(5) فوند ئۈلۈشىنى سېتىش ۋاقتى، باھاسى ۋە خىراجىتىنى بېكىتىش پىرىنسىپى؛

(6) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى، فوند باشقۇرغۇچى ۋە فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛

(7) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىنى ئېچىش، قارالمىلارنى قاراپ چىقىش، ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى ۋە قائىدىسى؛

(8) فوند ئۈلۈشىنى سېتىش، سودىلىشىش، ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش، قايتۇرۇۋېلىش تەرتىپى، ۋاقتى، ئورنى، خىراجەت ھېسابلاش ئۇسۇلى، شۇنىڭدەك قايتۇرۇۋالىدىغان پۇلنى بېرىش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى؛

(9) فوند پايدىسىنى تەقسىم قىلىش پىرىنسىپى ۋە ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى؛

(10) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىغا بېرىلىدىغان ھەقنىڭ ئاجرىتىلىشى، بېرىلىش ئۇسۇلى ۋە نىسبىتى؛

(11) فوند مۈلكىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىشكە دائىر باشقا خىراجەتلەرنى ئېلىش ۋە بېرىش ئۇسۇلى؛

(12) فوند مۈلكىنىڭ مەبلەغ قىلىپ سېلىنىش يۆنىلىشى ۋە چېكى؛

(13) فوند مۈلكىنىڭ ساپ قىممىتىنى ھېسابلاش ۋە ئېلان قىلىش ئۇسۇلى؛

(14) توپلاشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەلەپكە يەتمىگەن فوندنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى؛

(15) فوند توختامىنى بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش سەۋەبى، تەرتىپى، شۇنىڭدەك فوند مۈلكىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلى؛

(16) تالاش–تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى؛

(17) ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن باشقا ئىشلار.

54–ماددا ئوچۇق فوندنى توپلاش چۈشەندۈرمىسىدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:

(1) فوند توپلاش ئىلتىماسىنى رويخەتكە ئېلىش ھۆججىتىنىڭ نامى ۋە رويخەتكە ئېلىنغان ۋاقتى؛

(2) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛

(3) فوند توختامى ۋە فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كېلىشىمىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى؛

(4) فوند ئۈلۈشىنى سېتىش ۋاقتى، باھاسى، خىراجىتى ۋە مۆھلىتى؛

(5) فوند ئۈلۈشىنى سېتىش ئۇسۇلى، ساتقۇچى ئاپپارات ۋە تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ نامى؛

(6) قانۇن پىكرىنى سۇنغان ئادۋوكاتخانىنىڭ ۋە فوند مۈلكىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغان بوغالتىرخانىنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى؛

(7) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ ھەققىنى ۋە باشقا ئالاقىدار خىراجەتلەرنى ئېلىش، بېرىش ئۇسۇلى ۋە نىسبىتى؛

(8) خەۋپ–خەتەر ئاگاھىنىڭ مەزمۇنى؛

(9) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا مەزمۇنلار.

55–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئوچۇق توپلانغان فوندنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە ئۆزىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈشى، رويخەتكە ئېلىش ياكى ئالماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى؛ رويخەتكە ئالمىغانلىرىدا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

56–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن فوند ئۈلۈشىنى سېتىشقا بولىدۇ.

فوند ئۈلۈشىنى سېتىشقا فوند باشقۇرغۇچى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان فوند ساتقۇچى ئاپپارات مەسئۇل بولىدۇ.

57–ماددا فوند باشقۇرغۇچى فوند ئۈلۈشىنى سېتىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى فوند توپلاش چۈشەندۈرمىسىنى، فوند توختامىنى ۋە باشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھۆججەتلەر راست، توغرا، تولۇق بولۇشى كېرەك.

فوند توپلاشتىكى تەشۋىق–تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش، مۇشۇ قانۇننىڭ 78–ماددىسىدىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىق كېرەك.

58–ماددا فوند باشقۇرغۇچى رويخەتكە ئېلىش ئىجازەت ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە فوند توپلىشى كېرەك. ئالتە ئايدىن كېيىن توپلاشقا كىرىشكەندە، ئەسلىي رويخەت تۈرىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى؛ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا قايتا رويخەت ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك.

فوند توپلاشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ رويخەتكە ئالغان فوند توپلاش مۆھلىتىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. فوند توپلاش مۆھلىتى فوند ئۈلۈشى سېتىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

59–ماددا فوند توپلاش مۆھلىتى توشقاندا، يېپىق فوندتىن توپلانغان فوند ئۈلۈشىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى رويخەتكە ئېلىش رۇخسەت قىلىنغان كۆلىمىنىڭ %80 ىدىن ئاشسا، ئوچۇق فوندتىن توپلانغان فوند ئۈلۈشىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى رويخەتكە ئېلىش رۇخسەت قىلىنغان ئەڭ تۆۋەن توپلىنىش ئۈلۈشىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىدىن ئاشسا ھەمدە فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارنىڭ سانى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن سانغا يەتسە، فوند باشقۇرغۇچى توپلاش مۆھلىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەبلەغ تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتنى مەبلىغىنى تەكشۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىشى، مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا مەبلەغ تەكشۈرتكەنلىك دوكلاتىنى تاپشۇرۇشى، فوندنى ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.

60–ماددا فوند توپلاش مەزگىلىدە توپلىغان مەبلەغنى مەخسۇس ئىسچوتقا كىرگۈزۈش، فوندنى توپلاش ئاخىرلاشقىچە ئۇنىڭغا ھەرقانداق ئادەم تەگمەسلىكى كېرەك.

61–ماددا مەبلەغ سالغۇچى سېتىۋالىدىغان فوند ئۈلۈشىگە پۇل تاپشۇرغاندا، فوند توختامى تۈزۈلگەن بولىدۇ؛ فوند باشقۇرغۇچى مۇشۇ قانۇننىڭ 59–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا فوندنى ئەنگە ئالدۇرغاندا، فوند توختامى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

فوند باشقۇرغۇچىلاردىن فوند توپلاش مۆھلىتى توشقاندا، مۇشۇ قانۇننىڭ 59–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتنى ھازىرلاپ بولالمىغانلىرى تۆۋەندىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) فوند توپلاشتىن كېلىپ چىققان قەرز ۋە خىراجەتنى ئۆزىنىڭ خاس مال–مۈلكى بىلەن تۆلەش؛

(2) مەبلەغ سالغۇچى تاپشۇرغان پۇلنى ھەمدە ئۇنىڭغا قوشۇپ بانكىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمىنى فوند توپلاش مۆھلىتى توشۇپ 30 كۈن ئىچىدە قايتۇرۇش.

6–باب ئوچۇق توپلانغان فوند ئۈلۈشىنى سودىلىشىش، ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش ۋە قايتۇرۇش

62–ماددا فوند ئۈلۈشىنى بازارغا سېلىپ سودا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، فوند باشقۇرغۇچى ئاكسىيە سودا بىرژىسىغا ئىلتىماس سۇنۇشى، ئاكسىيە سودا بىرژىسى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بازارغا سېلىش كېلىشمى ئىمزالىشى كېرەك.

63–ماددا فوند ئۈلۈشىنىڭ بازار سودىسى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

(1) فوند توپلاش مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) فوند توختامىنىڭ مۆھلىتى بەش يىلدىن يۇقىرى بولۇش؛

(3) توپلانغان فوند سوممىسى 200 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاز بولماسلىق؛

(4) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار 1000دىن ئاز بولماسلىق؛

(5) فوند ئۈلۈشىنىڭ بازار سودىسى قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

64–ماددا فوند ئۈلۈشىنىڭ بازار سودىسى قائىدىسىنى ئاكسىيە بىرژىسى چىقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىدۇ.

65 – ماددا فوند ئۈلۈشىنىڭ بازار سودىسىدىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئاكسىيە بىرژىسى بازار سودىسىنى توختىتىۋېتىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ:

(1) مۇشۇ قانۇننىڭ 63–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن بازار سودىسى شەرتىگە توشمايدىغان بولۇپ قالسا؛

(2) فوند توختامىنىڭ مۆھلىتى توشقان بولسا؛

(3) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى بازار سودىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن توختىتىۋېتىشنى قارار قىلغان بولسا؛

(4) فوند توختامىدا پۈتۈشكەن ياكى فوند ئۈلۈشىنىڭ بازار سودىسى قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن بازار سودىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان باشقا ئەھۋاللار.

66–ماددا ئوچۇق فوندقا كىرىدىغان فوند ئۈلۈشىنى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش، قايتۇرۇۋېلىش ۋە تىزىملاشقا فوند باشقۇرغۇچى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان باشقا فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ.

67–ماددا فوند باشقۇرغۇچى ھەر بىر ئىش كۈنىدە فوند ئۈلۈشىنى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش، قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشى كېرەك؛ فوند توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى پۈتۈشكىنى بويىچە بولىدۇ.

مەبلەغ سالغۇچى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش پۇلىنى تۆلىسە، ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋالغان بولىدۇ؛ فوند ئۈلۈشىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات فوند ئۈلۈشىنى بېكىتكەندە، ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى قايتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنسا، قايتۇرۇۋالغان بولىدۇ؛ فوند ئۈلۈشىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات قايتۇرۇشنى بېكىتكەندە، قايتۇرۇش كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

68–ماددا فوند باشقۇرغۇچى قايتۇرۇش پۇلىنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:

(1) فوند باشقۇرغۇچى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن قايتۇرۇش پۇلىنى بېرەلمەيدىغان بولسا؛

(2) ئاكسىيە بىرژىسى بازارنى توختىتىپ تۇرۇشنى قانۇن بويىچە قارار قىلغانلىقتىن، فوند باشقۇرغۇچى شۇ كۈندىكى فوند مۈلكىنىڭ ساپ قىممىتىنى ھېسابلىيالمايدىغان بولسا؛

(3) فوند توختامىدا پۈتۈشكەن باشقا ئالاھىدە ئەھۋاللار.

يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، فوند باشقۇرغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا شۇ كۈنىلا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

مۇشۇ ماددىنىڭ 1–تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال تۈگىگەندىن كېيىن، فوند باشقۇرغۇچى پۇلنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

69–ماددا فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ قايتۇرۇش پۇلىنى بېرىش ئۈچۈن، ئوچۇق فوندتا يېتەرلىك نەق پۇل ياكى ھۆكۈمەت زايومىنى ساقلاپ قويۇش كېرەك. فوند مۈلكىدە ساقلاپ قويىدىغان نەق پۇل ياكى ھۆكۈمەت زايومىنىڭ كونكرېت نىسبىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ.

70–ماددا فوند ئۈلۈشىنى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش، قايتۇرۇش باھاسى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋالىدىغان، قايتۇرۇلىدىغان كۈنىدىكى فوند ئۈلۈشى ساپ قىممىتىنىڭ ئېشىش–چۈشۈشىگە مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرگە قاراپ ھېسابلىنىدۇ.

71–ماددا فوند ئۈلۈشى ساپ قىممىتىنىڭ باھاسىنى خاتا ھېسابلاپ قويغاندا، فوند باشقۇرغۇچى دەرھال تۈزىتىشى ھەمدە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، زىياننىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. باھا ھېسابلاشتىكى خاتالىق فوند ئۈلۈشى ساپ قىممىتىنىڭ %0.5 ىگە يەتكەندە، فوند باشقۇرغۇچى ئېلان چىقىرىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلاردىن فوند ئۈلۈشى ساپ قىممىتى باھاسىنى ھېسابلاشتىكى خاتالىق سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغانلىرى فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

7–باب ئوچۇق توپلانغان فوندنى مەبلەغ قىلىپ سېلىش ۋە ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش

72–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، فوند باشقۇرغۇچى فوند مۈلكىنى ئاكسىيە مەبلىغى قىلىپ سېلىشتا، مۈلۈكنى بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك.

مۈلۈكنى بىرىكتۈرۈش كونكرېت ئۇسۇلى ۋە مەبلەغ نىسبىتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە فوند توختامىدا پۈتۈشۈلىدۇ.

73–ماددا فوند مۈلكىنى تۆۋەندىكىلەرگە مەبلەغ قىلىپ سېلىش كېرەك:

(1) بازارغا سېلىپ سودىلىشىدىغان پاي چېكى، زايوم؛

(2) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ئاكسىيە تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى.

74–ماددا فوند مۈلكىنى تۆۋەندىكى ئىشلارغا مەبلەغ قىلىپ سېلىشقا ياكى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ:

(1) ئاكسىيە سېتىپ بېرىش؛

(2) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارغا قەرز بېرىش ياكى كېپىل بولۇش؛

(3) چەكسىز جاۋابكارلىق مەبلىغى سېلىش؛

(4) باشقا فوند ئۈلۈشى سودىسى قىلىش، لېكىن گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(5) فوند باشقۇرغۇچىسى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىسىغا مەبلەغ چىقىرىش؛

(6) يەڭ ئىچىدە سودىلىشىش، ئاكسىيە سودا باھاسىنى كونترول قىلىۋېلىش ۋە باشقا ناتوغرا ئاكسىيە سودىسى قىلىش؛

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەنئى قىلىشنى بەلگىلىگەن باشقا ئىشلار.

فوند مۈلكىنى ئىشلىتىپ فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭ پاينى كونترول قىلغۇچى پايچى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى ياكى ئۇلار بىلەن باشقا زور پايدا–زىيان مۇناسىۋىتى بولغان شىركەت تارقاتقان ئاكسىيەنى ياكى سېتىپ بېرىش مۆھلىتىدە سېتىپ بېرىدىغان ئاكسىيەنى ئېلىپ–ساتقانلار ياكى باشقا زور باغلىنىشلىق سودا بىلەن شۇغۇللانغانلار فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، مەنپەئەت توقۇنۇشىدىن ساقلىنىشى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

75–ماددا فوند باشقۇرغۇچىلار، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا فوند ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتى بارلار فوند ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلىشى ھەمدە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرنىڭ راست، توغرا ۋە تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

76–ماددا فوند ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتى بارلار گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئاشكارىلاشقا ھەمدە ئاشكارىلىغان ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ فوند توختامىدا پۈتۈشكەن ۋاقىت ۋە ئۇسۇل بويىچە كۆرۈشىگە ۋە كۆپەيتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

77–ماددا ئاشكارىلىنىدىغان فوند ئۇچۇرلىرى:

(1) فوند توپلاش چۈشەندۈرمىسى، فوند توختامى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كېلىشىمى؛

(2) فوند توپلاش ئەھۋالى؛

(3) فوند ئۈلۈشىنىڭ بازار سودىسى ئېلانى؛

(4) فوند مۈلكىنىڭ ساپ قىممىتى، فوند ئۈلۈشىنىڭ ساپ قىممىتى؛

(5) فوند ئۈلۈشىنى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش، قايتۇرۇش باھاسى؛

(6) فوند مۈلكىگە كىرىدىغان مۈلۈكنى بىرىكتۈرۈش پەسىللىك دوكلاتى، مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتى، ئوتتۇرا مەزگىللىك ۋە يىللىق فوند دوكلاتى؛

(7) دەماللىق دوكلات؛

(8) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىنىڭ قارارى؛

(9) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ فوندنى ھاۋالە بىلەن مەخسۇس باشقۇرغۇچى تارمىقىدىكى خادىملىرىنىڭ زور ئۆزگىرىشى؛

(10) فوند مۈلكىگە، فوند باشقۇرۇش كەسپىگە، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك دەۋا ياكى كېسىم ئىشلىرى؛

(11) گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئاشكارىلاشنى بەلگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلار.

78–ماددا فوند ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشتا تۆۋەندىكىلەرگە يول قويۇلمايدۇ:

(1) يالغان خاتىرىلەش، ئازدۇرما بايان قىلىش ياكى مۇھىملىرىنى چۈشۈرۈپ قويۇش؛

(2) ئاكسىيە مەبلىغى سېلىش نەتىجىسىنى مۆلچەرلەش؛

(3) پايدا ئالىسەن ياكى زىيىنىڭنى تۆلەپ بېرىمەن دەپ قائىدىگە خىلاپ ۋەدە بېرىش؛

(4) باشقا فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ياكى فوند ساتقۇچى ئاپپاراتنى خۇنۈكلەشتۈرۈش؛

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەنئى قىلىشنى بەلگىلىگەن باشقا ئىشلار.

8–باب ئوچۇق توپلانغان فوندنىڭ توختامىنى ئۆزگەرتىش، ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە فوند مۈلكىنى ئېنىقلاش

79–ماددا فوند توختامىدا پۈتۈشكىنىگە ياكى فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىنىڭ قارارىغا بىنائەن، فوندنى يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى باشقا فوند بىلەن قوشۇۋېتىشكە بولىدۇ.

80–ماددا يېپىق فوندنى كۆپەيتىشتە ياكى فوند توختامىنىڭ مۆھلىتىنى ئۇزارتىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك:

(1) فوند تىجارەت نەتىجىسى ياخشى بولۇش؛

(2) فوند باشقۇرغۇچىدا يېقىنقى ئىككى يىلدا قانۇن، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ مەمۇرىي جازا ياكى جىنايى جازا بېرىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىگەن بولۇش؛

(3) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى قارار چىقىرىپ ماقۇللىغان بولۇش؛

(4) مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

81–ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، فوند توختامى ئاخىرلىشىدۇ:

(1) فوند توختامى مۆھلىتى توشۇپ ئۇزارتىلمىغان بولسا؛

(2) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان بولسا؛

(3) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاخىرلاشقاندا، مەسئۇلىيەتنى ئالتە ئايغىچە يېڭى فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى يېڭىدىن ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ئۆتكۈزۈۋالمىغان بولسا؛

(4) فوند توختامىدا پۈتۈشكەن باشقا ئەھۋاللار.

82–ماددا فوند توختامى ئاخىرلاشقاندا، فوند باشقۇرغۇچى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، فوند مۈلكىنى ئېنىقلاش كېرەك.

ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ۋە ئالاقىدار ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئېنىقلاش دوكلاتى بوغالتىرخانا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغان ۋە ئادۋوكاتخانا قانۇن پىكرىنى تەييارلىغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ ھەمدە بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىلىدۇ.

83–ماددا ئېنىقلىغاندىن كېيىنكى قالدۇق فوند مۈلكى فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارنىڭ ئىلكىدىكى ئۈلۈشىنىڭ نىسبىتى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.

9–باب ئوچۇق توپلانغان فوندنىڭ ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشى

84–ماددا فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىنى فوند باشقۇرغۇچى چاقىرىدۇ. فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى دائىمىي ئاپپارات قۇرغان بولسا، شۇ دائىمىي ئاپپارات چاقىرىدۇ؛ شۇ دائىمىي ئاپپارات چاقىرمىسا، فوند باشقۇرغۇچى چاقىرىدۇ. فوند باشقۇرغۇچى بۇ يىغىننى چاقىرىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى چاقىرالمىغاندا، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى چاقىرىدۇ.

فوند ئۈلۈشىنىڭ %10ىدىن كۆپرەكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار بىر ئىش توغرىلىق فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلغاندا، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىنىڭ دائىملىق ئاپپاراتىمۇ، فوند باشقۇرغۇچىمۇ، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىمۇ چاقىرمىسا، فوند ئۈلۈشىنىڭ %10ىدىن كۆپرەكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار ئۆز ئالدىغا چاقىرىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

85–ماددا فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى ئېچىشتا، چاقىرغۇچى فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى ئېچىش ۋاقتى، يىغىن شەكلى، قارالمىسى، قاراپ چىقىش تەرتىپى ۋە ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار ھەققىدە ئاز بولغاندا 30 كۈن ئىلگىرى ئېلان چىقىرىشى كېرەك.

فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى ئېلان قىلمىغان ئىشلارنى ئاۋازغا قويسا بولمايدۇ.

86–ماددا فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىنى نەق مەيداندا ئېچىشقىمۇ، خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېچىشقىمۇ بولىدۇ.

ھەر بىر فوند ئۈلۈشىدە بىرلا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى ھەمدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

87–ماددا فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىنى فوند ئۈلۈشىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلار قاتناشقاندىلا ئېچىش كېرەك.

فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارنىڭ فوند ئۈلۈشى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن تۆۋەن بولسا، يىغىن چاقىرغۇچى ئەسلىي ئېلان قىلغان فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىنى ئېچىش ۋاقتىدىن ئۈچ ئاي كېيىن، ئالتە ئاي ئىچىدە، ئەسلىي قارالما ھەققىدە قايتىدىن فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى چاقىرسا بولىدۇ. قايتىدىن ئاچقان فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىنى فوند ئۈلۈشىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلار قاتناشقاندىلا ئېچىش كېرەك.

فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىننىڭ قارالمىلىرىنى يىغىنغا قاتناشقان فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارنىڭ ئىلكىدىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ بېكىتىش كېرەك؛ لېكىن، فوند يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، فوند باشقۇرغۇچى ياكى فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنى ئالماشتۇرۇش، فوند توختامىنى مۆھلەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇش، باشقا فوند بىلەن قوشۇۋېتىشتە يىغىنغا قاتناشقان فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارنىڭ ئىلكىدىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنىدا قارار قىلىنىدىغان ئىشلارنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا قانۇن بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇش ھەمدە بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىش كېرەك.

10–باب فوندنى يېپىق توپلاش

88–ماددا فوندنى يېپىق توپلاشتا لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلاردىن توپلاش لازىم، لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئومۇمىي سانى 200 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچى مۈلكىنىڭ كۆلىمى ياكى كىرىم سەۋىيەسى بەلگىلىمىگە يەتكەن ھەمدە مۇناسىپ خەۋپ–خەتەرنى پەرق ئېتىش ۋە ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، فوند ئۈلۈشىنى لەۋز قىلىپ سېتىۋېلىش سوممىسى بەلگىلەنگەن چەكتىن تۆۋەن بولمىغان ئورۇن ۋە شەخسنى كۆرسىتىدۇ.

لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلەيدۇ.

89–ماددا فوند توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يېپىق توپلىنىدىغان فوندنى فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ھاۋالىلىك باشقۇرۇشى كېرەك.

90–ماددا يېپىق توپلانغان فوندنىڭ باشقۇرغۇچىسى بەلگىلىمە بويىچە فوند ساھە جەمئىيىتىگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئاساسىي ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

91–ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تىزىمغا ئالدۇرماي تۇرۇپ، «فوند» ياكى «فوند باشقۇرۇش»قا ئوخشاش ئىبارىلەر ياكى ئۇنىڭغا يېقىن ناملار بىلەن ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

92–ماددا فوندنى يېپىق توپلاشتا، لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىدىن باشقا ئورۇن ۋە شەخستىن مەبلەغ توپلاشقا، گېزىت–ژۇرنال، رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئالاقە تورى قاتارلىق ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ياكى لېكسىيە، دوكلات يىغىنى، تەھلىل يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مۇئەييەنسىز ئوبيېكتقا تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

93–ماددا يېپىق فوندنى توپلاشتا، فوند توختامى تەييارلاش ھەمدە ئىمزالاش كېرەك. فوند توختامىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:

(1) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى، فوند باشقۇرغۇچى ۋە فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛

(2) فوند يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى؛

(3) فوندقا مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى، سانى ۋە تاپشۇرۇش مۆھلىتى؛

(4) فوندقا مەبلەغ سېلىش دائىرىسى، مەبلەغ سېلىش تاكتىكىسى ۋە مەبلەغ سېلىش چەكلىمىسى؛

(5) فوند پايدىسىنى تەقسىملەش پىرىنسىپى، ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى؛

(6) فوندتىن چىقىرىلىدىغان ئالاقىدار ھەقلەر؛

(7) فوند ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى؛

(8) فوند ئۈلۈشىنى لەۋزە قىلىپ سېتىۋېلىش، قايتۇرۇش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش تەرتىپى ۋە ئۇسۇلى؛

(9) فوند توختامىنى ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش سەۋەبى، تەرتىپى؛

(10) فوند مۈلكىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلى؛

(11) ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن باشقا ئىشلار.

فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ فوند ئۈلۈشىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 88–، 92–ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىش كېرەك.

94–ماددا فوند توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە، فوندنى يېپىق توپلاشتا قىسمەن فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار فوند باشقۇرغۇچى سۈپىتىدە فوندقا مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرسا ھەمدە فوند مۈلكى قەرز ئۈزۈشكە يەتمىگەندە فوند مۈلكى قەرزدە چەكسىز چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە فوندنى يېپىق توپلاشتا، فوند توختامىغا مۇنۇلارنىمۇ يېزىش كېرەك:

(1) چەكسىز چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈسىتىگە ئالغان فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار ۋە باشقا فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛

(2) چەكسىز چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈسىتىگە ئالغان فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش شەرتى ۋە ئالماشتۇرۇش تەرتىپى؛

(3) فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنى كۆپەيتىش، چېكىندۈرۈش شەرتى، تەرتىپى شۇنىڭدەك ئالاقىدار جاۋابكارلىق؛

(4) چەكسىز چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى بىلەن باشقا فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنى ئالماشتۇرۇش تەرتىپى؛

95–ماددا فوندنى يېپىق توپلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، فوند باشقۇرغۇچى فوند ساھە جەمئىيىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم، توپلىغان مەبلەغنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ياكى فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ سانى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتسە، فوند ساھە جەمئىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

يېپىق توپلانغان فوند مۈلكىنى ئاكسىيەگە مەبلەغ قىلىپ سېلىش ئاشكارا تارقىتىلغان پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پاي چېكى، زايومى، فوند ئۈلۈشى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ئاكسىيەلەر ھەم ئۇنىڭ ھاسىلىي تۈرلىرىنى ئېلىش–سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

96–ماددا فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى فوند توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلارغا فوند ئۇچۇرى بېرىشى كېرەك.

97–ماددا يېپىق توپلانغان فوندنى باشقۇرۇش كەسپى بىلەن مەخسۇس توپلانغان فوندنى باشقۇرغۇچىلار، ئۇلارنىڭ پايچىلىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ھەمدە تىجارەت مۆھلىتى، باشقۇرىدىغان فوند مۈلكىنىڭ كۆلىمى بەلگىلەنگەن شەرتكە توشسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرۇش كەسپىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

11–باب فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتى

98–ماددا ئوچۇق توپلانغان فوندنى سېتىش، سېتىپ تۆلەش، فوند ئۈلۈشىنى تىزىملاش، قىممىتىنى مۆلچەرلەش، مەبلەغ مەسلىھەتچىلىكى قىلىش، باھالاش، ئۇچۇر تېخنىكا سىستېمىسى مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق فوند مۇلازىمىتى كەسپى ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇشى ياكى ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

99–ماددا فوند ساتقۇچى ئاپپارات مەبلەغ سالغۇچىنى مەبلەغ سېلىش خەۋپ–خەتىرىدىن تولۇق خەۋەردار قىلىشى ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىنىڭ خەۋپ–خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان خەۋپ–خەتەر دەرىجىسىدىكى فوند مەھسۇلاتىنى سېتىپ بېرىشى كېرەك.

100–ماددا فوند سېتىپ تۆلىگۈچى ئاپپارات بەلگىلىمە بويىچە فوند سېتىش راسچوت مەبلىغىنى تۆلەپ، فوند سېتىش راسچوت مەبلىغىنى بىخەتەر، ۋاقتىدا تۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

101–ماددا فوند سېتىش راسچوت مەبلىغى، فوند ئۈلۈشى فوند ساتقۇچى ئاپپاراتنىڭ، فوند سېتىپ تۆلىگۈچى ئاپپاراتنىڭ ياكى فوند ئۈلۈشىنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئۆز مۈلكىدىن مۇستەقىل تۇرىدۇ. فوند ساتقۇچى ئاپپارات، فوند سېتىپ تۆلىگۈچى ئاپپارات ياكى فوند ئۈلۈشىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات ۋەيران بولغاندا ياكى ھېساباتى ئېنىقلانغاندا، فوند سېتىش راسچوت مەبلىغى ۋە فوند ئۈلۈشى ۋەيران بولغان مال–مۈلۈككە ياكى ئېنىقلانغان مال–مۈلۈككە كىرمەيدۇ. مەبلەغ سالغۇچىنىڭ قەرزى بولمىسا ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولمىسا، فوند سېتىش راسچوت مەبلىغىنى، فوند ئۈلۈشىنى پېچەتلەشكە، توڭلىتىشقا، تۇتۇپ قېلىپ ئاغدۇرۇپ بېرىشكە ياكى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

فوند ساتقۇچى ئاپپارات، فوند سېتىپ تۆلىگۈچى ئاپپارات ۋە فوند ئۈلۈشىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات فوند سېتىش راسچوت مەبلىغى ۋە فوند ئۈلۈشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، مۇستەقىللىقىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ فوند سېتىش راسچوت مەبلىغى ۋە فوند ئۈلۈشىنى ھەرقانداق شەكىل بىلەن ئىشلىتىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

102–ماددا فوند باشقۇرغۇچى فوند ئۈلۈشىنى تىزىملاش، ھېسابلاش، مۆلچەرلەش، مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىكى قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، فوندنى ھېسابلاش، مۆلچەرلەش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، لېكىن فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقىنى ھاۋالە قىلدى دەپلا كەچۈرۈم قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

103–ماددا فوند ئۈلۈشىنى تىزىملاش ئاپپاراتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تىزىملىغان مەلۇماتى فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنىڭ ئاساسىدۇر. فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى فوند ئۈلۈشىنى گۆرۈگە قويسا، گۆرۈگە ھوقۇقى فوند ئۈلۈشىنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتنىڭ گۆرۈگە قويۇشىنى تىزىملىغان ۋاقىتتا بېكىتىلىدۇ.

فوند ئۈلۈشىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملىغان مەلۇماتنى ئوبدان ساقلىشى ھەمدە فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ نامى، سالاھىيەت ئۇچۇرى شۇنىڭدەك فوند ئۈلۈشى تەپسىلاتى قاتارلىق مەلۇماتلارنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئېتىراپ قىلغان ئاپپاراتتا ساقلىشى كېرەك. ساقلاش مۇددىتى فوند ئىسچوتى ئۆچۈرۈلگەن كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، 20 يىلدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

فوند ئۈلۈشىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۆزى تىزىملىغان مەلۇماتنىڭ راست، توغرا، تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، يوشۇرۇشقا، ئويدۇرۇشقا، ئۆزگەرتىۋېتىشكە ياكى يوق قىلىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

104–ماددا فوند مەبلىغى مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرى فوند مەبلىغى مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى قىلىشتا، ئورۇنلۇق ئاساسى بولۇشى، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە تىجارەت نەتىجىسىنى ئەينەن بايان قىلىشى كېرەك، ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن ۋەدە بېرىشىگە ياكى مەبلەغ پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا، مۇلازىمەت قىلىنغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

105–ماددا فوند باھالىغۇچى ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرى راستچىل، ئادىل بولۇشى، قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن كەسىپ قائىدىسىگە بىنائەن فوند باھالىشى، مەبلەغ سالغۇچىنى ئازدۇرۇشنى چەكلەپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مەنپەئەت توقۇنۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

106–ماددا فوند باشقۇرغۇچىنىڭ، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ ۋە فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى سىستېمىسى بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئۇچۇر تېخىنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتىدىن شۇ ئۇچۇر تېخنىكا سىستېمىسىغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

107–ماددا ئادۋوكاتخانا، بوغالتىرخانا فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، فوند كەسپىي پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار قانۇن پىكرى، ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى، ئىچكى كونترول–باھالاش دوكلاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەييارلاشتا، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلىشى، ئاساسلانغان ھۆججەت – ماتېرىياللارنىڭ راست، توغرا، تولۇق بولغان – بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى ۋە دەلىللىشى كېرەك. ئۇلار تەييارلىغان ۋە بەرگەن ماتېرىياللاردا ساختا خاتىرە، ئازدۇرما بايان ياكى چۈشۈپ قالغان مۇھىم مەزمۇنلار سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ مال–مۈلكى زىيانغا ئۇچرىسا، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن بىللە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

108–ماددا فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلىشى، ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، جىددىي ئەھۋال قاتارلىق خەۋپ–خەتەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش زاپاس سىستېمىسى بەرپا قىلىشى، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ ئۇچۇرى، فوند مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈشكە، ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقى كېرەك.

12–باب فوند ساھە جەمئىيىتى

109–ماددا فوند ساھە جەمئىيىتى ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش فوند ساھەسىنىڭ تەلەپچان تەشكىلاتى، ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىسىدۇر.

فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى فوند ساھە جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇشى كېرەك، فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتى فوندى ساھە جەمئىيىتىگە ئەزا بولسا بولىدۇ.

110–ماددا بارلىق ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ئەزالار يىغىنى فوند ساھە جەمئىيىتىنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى بولىدۇ.

فوند ساھە جەمئىيىتىدە كېڭەش تەسىس قىلىنىدۇ. كېڭەش ئەزالىرى نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

111–ماددا فوند ساھە جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىنى ئەزالار يىغىنى چىقىرىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

112–ماددا فوند ساھە جەمئىيىتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

(1) ئەزالارغا ئاكسىيە مەبلىغىگە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ھەققىدە تەربىيە بېرىش ۋە ئۇنىڭغا تەشكىللەش؛

(2) ئەزالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش، ئەزالارنىڭ تەكلىپ ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىش؛

(3) ساھە تەلەپچانلىقى قائىدىسىنى چىقىرىش ۋە يولغا قويۇش، ئەزالار ۋە كەسىپكارلارنىڭ كەسىپ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، تەلەپچانلىق قائىدىسى ۋە جەمئىيەت نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا بەلگىلىمە بويىچە ئىنتىزام چارىسى كۆرۈش؛

(4) ساھە كەسىپكارلىق ئۆلچىمى ۋە كەسىپ قائىدىسىنى چىقىرىش، فوند كەسىپكارلىرىنى كەسپىي ئىمتىھانغا تەشكىللەش، ساپا جەھەتتىن باشقۇرۇش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش؛

(5) ئەزالارغا مۇلازىمەت قىلىش، ساھە بويىچە ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەش، ساھەدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ساھە تەشۋىقاتى قىلىش ۋە مەبلەغ سالغۇچىنى تەربىيەلەش؛

(6) ئەزالار ئوتتۇرىسىدا، ئەزالار بىلەن مۇئامىلىدارلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن فوند كەسپى ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش؛

(7) يېپىق توپلانغان فوندنى قانۇن بويىچە تىزىملاش، ئەنگە ئالدۇرۇش؛

(8) جەمئىيەت نىزامنامىسىدە بەلگىلىگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

13–باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

113–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ:

(1) ئاكسىيە مەبلەغ فوندى ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر قائىدە–نىزاملارنى چىقىرىش ھەمدە تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ياكى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش؛

(2) فوندنى ئەنگە ئېلىش؛

(3) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ۋە باشقا ئاپپاراتلارنىڭ ئاكسىيە مەبلەغ فوند ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىش؛

(4) فوند كەسىپكارلىرىنىڭ سالاھىيەت ئۆلچىمى ۋە ھەرىكەت مىزانىنى چىقىرىش ھەمدە ئۇنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىش؛

(5) فوند ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش؛

(6) فوند ساھە جەمئىيىتىىنىڭ پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش؛

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

114 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى، فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ھەمدە ئۇلاردىن كەسىپكە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يوللاشنى تەلەپ قىلىش؛

(2) قانۇنغا خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەنلىكىدىن گۇمان قىلىنغان سورۇنغا كىرىپ تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش؛

(3) ئالاقىدارلار ۋە تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخستىن ئەھۋال ئىگىلەش، ئۇلاردىن تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە ئالاقىدار ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىش؛

(4) تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك مال–مۈلۈك ھوقۇق تىزىمى، ئالاقە خاتىرىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى كۆرۈش ۋە كۆپەيتىۋېلىش؛

(5) ئالاقىدارلار ۋە تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاكسىيە سودا خاتىرىسى، تىزىملانغان نامىنى يۆتكەش خاتىرىسى، مالىيە بوغالتىرلىق ماتېرىيالى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ھۆججەت–ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش، يۆتكىۋېتىش، يوشۇرۇپ قويۇش ياكى بۇزۇۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ھۆججەت–ماتېرىياللارنى پېچەتلەش؛

(6) ئالاقىدارلار ۋە تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مەبلەغ ئىسچوتى، ئاكسىيە ئىسچوتى ۋە بانكا ئىسچوتىنى تەكشۈرۈش؛ دېلوغا چېتىشلىق مەبلىغى، ئاكسىيەسىنى يۆتكىۋەتكەن ياكى يۆتكىۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقى ۋە ياكى مۇھىم دەلىل – ئىسپاتنى يوشۇرغانلىقى، ئويدۇرغانلىقى، يوق قىلىۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، توڭلىتىشقا ياكى پېچەتلەشكە بولىدۇ.

(7) ئاكسىيە سودا بازىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش، يەڭ ئىچىدە سودىلىشىش قاتارلىق ئاكسىيەگە دائىر قانۇنغا خىلاپ چوڭ – چوڭ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشتە، گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقەدىكى ئالاقىدارلارنىڭ ئاكسىيە سودىسىغا چەك قويۇلسا بولىدۇ، لېكىن چەك قويۇلغان مۆھلەت 15 سودا كۈنىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغانلىرىدا 15 سودا كۈنى ئۇزارتىلسا بولىدۇ.

115–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، تەكشۈرۈشتە ئىككىدىن ئاز بولماسلىقى ھەمدە قانۇنلۇق كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشتە بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

116–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشى، ئادىل، پاك بولۇشى، نازارەتنى قوبۇل قىلىشى، ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالماسلىقى كېرەك.

117–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغاندا، تەكشۈرۈلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ماسلىشىشى، ئالاقىدار ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىشى، رەت قىلماسلىقى، توسقۇنلۇق قىلماسلىقى ۋە يوشۇرماسلىقى كېرەك.

118–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت گۇمانى پەيدا قىلغانلارنى بايقىسا، دېلونى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

119–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ياكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان ئاپپاراتتا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ.

14–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

120–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن فوند باشقۇرۇش شىركىتى قۇرغان ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئوچۇق توپلانغان فوندنى باشقۇرۇش كەسپىنى يولغا قويغانلارنى ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ياكى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 1 مىليون يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

فوند باشقۇرغۇچى شىركەتلەردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بەشتىن يۇقىرى پاي ھوقۇقىنى ئىلكىدە تۇتقان پايچىكنى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىنى ياكى باشقا مۇھىم ئىشلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

121–ماددا فوند باشقۇرغۇچىنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باشقا كەسىپكارلىرى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرىدىغان مەخسۇس تارمىقىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باشقا كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 18–ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

فوند باشقۇرغۇچىلار ۋە فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 18–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

122–ماددا فوند باشقۇرغۇچىنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باشقا كەسىپكارلىرى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرىدىغان مەخسۇس تارمىقىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باشقا كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 19–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 1 مىليون يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

123–ماددا فوند باشقۇرغۇچىلار، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، فوند مۈلكىنى ئايرىم – ئايرىم باشقۇرمىغان ياكى ئىسچوت بويىچە باشقۇرمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

124–ماددا فوند باشقۇرغۇچىلار، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باشقا كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 21–ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بىر مىليون يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، بىرمىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ فوند باشقۇرغۇچىلار، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

فوند باشقۇرغۇچىلار، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇدىرلىرى، نازارەتچىلىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە باشقا كەسىپكارلىرىنىڭ فوند مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئىشلىتىۋېلىپ ئېرىشكەن مال – مۈلكى ۋە پايدىسى فوند مۈلكىگە قوشۇۋېتىلىدۇ. لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

125–ماددا فوند باشقۇرغۇچىلارنىڭ پايچىلىرى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 24–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 1 مىليون يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند ياكى ئاكسىيە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

126–ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يولغا قويغانلار توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 1 مىليون يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

127–ماددا فوند باشقۇرغۇچىلار، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزئارا مەبلەغ چىقارغان ياكى بىر–بىرىنىڭ پېيىنى ئىلكىدە تۇتقانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

128–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن فوندنى ئوچۇق توپلىغانلار ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يول بىلەن توپلىغانلار توختىتىشقا، توپلىغان فوندنى ۋە بانكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل ئۆسۈمىنى قوشۇپ قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، توپلىغان فوند سوممىسىنىڭ %1ىدىن يۇقىرى، %5ىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

129–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 60–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، توپلانغان مەبلەغنى ئىشلەتكەنلەر قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

130–ماددا فوند باشقۇرغۇچىلار، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 74–ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىنىڭ 1–تارماقچىسىدىن 5–تارماقچىلىرىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا ۋە 7–تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 74–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

فوند باشقۇرغۇچىلار، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ فوند مۈلكىدىن پايدىلىنىپ ئېرىشكەن مال–مۈلكى ۋە پايدىسى فوند مۈلكىگە قوشۇۋېتىلىدۇ. لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

131–ماددا فوند باشقۇرغۇچىلار، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 74–ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىنىڭ 6–تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلگەندىن باشقا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ.

132–ماددا فوند ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتى بارلاردىن فوند ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان ياكى ئاشكارىلىغان ئۇچۇردا ساختا خاتىرە، ئازدۇرما بايان ياكى چۈشۈپ قالغان مۇھىم مەزمۇن بولغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

133–ماددا فوند باشقۇرغۇچىلار ياكى فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار يىغىنى ئېچىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ.

134–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تىزىملاتماي تۇرۇپ، ‹‹فوند›› ياكى ‹‹فوند باشقۇرۇش›› دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن ياكى شۇنىڭغا يېقىن ناملار بىلەن ئاكسىيە مەبلەغ پائالىيىتى قىلغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 1 مىليون يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

135–ماددا فوند باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېپىق توپلىنىدىغان فوند توپلىنىپ بولغاندا ئەنگە ئالدۇرمىغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

136 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىدىن باشقا ئورۇن ياكى شەخستىن فوندنى يېپىق توپلىغان ياكى ئۇلارغا فوند ئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 1 مىليون يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

137–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن فوندنى ئوچۇق توپلاش مۇلازىمىتى قىلغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 300 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

138–ماددا فوند ساتقۇچى ئاپپاراتلاردىن مەبلەغ سېلىش خەۋپ–خەتىرىنى مەبلەغ سالغۇچىغا تولۇق ئاشكارىلىمىغان ھەمدە ئۇلارنى خەۋپ–خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ماس كەلمەيدىغان فوند مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشقا ئازدۇرغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى فوند مۇلازىمەت كەسپىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

139–ماددا فوندنى سېتىپ تۆلىگۈچى ئاپپاراتلاردىن سېتىلغان فوند راسچوت فوندىنى تۆلەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى فوند مۇلازىمەت كەسپىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

140–ماددا فوند سېتىش راسچوت مەبلىغى ياكى فوند ئۈلۈشىنى ئىشلىتىۋالغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 1 مىليون يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

141–ماددا فوند ئۈلۈشىنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتلاردىن فوند ئۈلۈشى تىزىم مەلۇماتلىرىنى ئوبدان ساقلىمىغان ياكى زاپاس ساقلىمىغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى فوند مۇلازىمەت كەسپىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

فوند ئۈلۈشىنى تىزىملىغۇچى ئاپپاراتلاردىن فوند ئۈلۈشى تىزىم مەلۇماتىنى يوشۇرغان، ئويدۇرغان، ئۆزگەرتكەن، يوق قىلىۋەتكەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە فوند مۇلازىمەت كەسپىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

142–ماددا فوند مەبلەغ مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتلىرى، فوند باھالىغۇچى ئاپپاراتلار ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەبلەغ مەسلىھەتچىلىكى، فوند باھالاش مۇلازىمىتى قىلغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى فوند مۇلازىمەت كەسپىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

143–ماددا ئۇچۇر تېخنىكا سىستېمىسى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرىغا ئۇچۇر تېخنىكا سىستېمىغا دائىر ماتېرىياللارنى بېرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ئۇچۇر تېخنىكا سىستېمىسى ماتېرىياللىرىنى بېرىشتە ساختىلىق قىلغان، مۇھىم مەزمۇنلارنى چۈشۈرۈپ قويغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

144–ماددا بوغالتىرخانىلار، ئادۋوكاتخانىلاردىن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغان، ھۆججىتىدە ساختا خاتىرە، ئازدۇرما بايان ياكى چۈشۈپ قالغان مۇھىم مەزمۇن بولغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، كەسپىي كىرىمى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئالاقىدار كەسپىي ئىجازىتى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە كەسپىي كىرىمىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

145–ماددا فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدىن جىددىي تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خەۋپ – خەتەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش زاپاس سىستېمىسى بەرپا قىلمىغان ياكى فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىغا فوند مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈشكە ئالاقىدار بولغان، ئاشكارىلانمايدىغان ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى فوند مۇلازىمەت كەسپىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، فوند كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

146–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، فوند مۈلكى، فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى ياكى مەبلەغ سالغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

فوند باشقۇرغۇچىلار، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچىلاردىن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ياكى فوند توختامىدا پۈتۈشكىنىگە خىلاپلىق قىلىپ، فوند مۈلكى ياكى فوند ئۆلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ئورتاق قىلمىش تۈپەيلىدىن، فوند مۈلكىنى ياكى فوند ئۈلۈشىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

147–ماددا ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل–مال سورىغان ياكى ئالغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

148–ماددا ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان، لېكىن زورلۇق ئىشلەتمىگەن، تەھدىت سالمىغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

149–ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قىلمىشى ئېغىر بولغان ئالاقىدار جاۋابكارلارغا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.

150–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

151–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە جەرىمانە، ئىشتىراف تاپشۇرۇشى، مال–مۈلكى بىرلا ۋاقىتتا تۆلەشكە چىقىش قىلمىسا، ئالدى بىلەن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

152–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ۋە فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئۈستىگە ئالىدىغان ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقى ۋە تاپشۇرىدىغان جەرىمانە، ئىشتىرافنى فوند باشقۇرغۇچى، فوندنى ھاۋالىلىك باشقۇرغۇچى ۋە فوند مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئۆزىنىڭ خاس مال–مۈلكىدىن چىقىرىدۇ.

قانۇن بويىچە ئېلىنغان جەرىمانە، ئىشتىراف ۋە مۇسادىرە قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى دۆلەت خەزىنىسىگە تولۇق تاپشۇرۇش كېرەك.

15–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

153–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگراسى ئىچىدە چېگرا سىرتىدىكى ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش يولى بىلەن فوند توپلاشتا شۇنىڭدەك چېگرا سىرتىدىكى لايەقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلار چېگرا ئىچىدە ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىشتا گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

154–ماددا مەبلەغنى ئوچۇق ياكى يېپىق توپلاپ، ئاكسىيە مەبلىغى سېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان شىركەتنىڭ ياكى ھەمشېرىك كارخانىنىڭ مۈلكىنى فوند باشقۇرغۇچى ياكى ئادەتتىكى ھەمشېرىك باشقۇرسا، ئۇلارنىڭ ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

155–ماددا بۇ قانۇن 2013–يىلى 6–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/248748.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#