دېڭىز ئارمىيەسى

دېڭىز ئارمىيىسى

دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي پاراخوت قىسىملىرى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان، دېڭىز-ئوكيانلاردا جەڭ قىلىدىغان ئارمىيە تۈرى.

ئۇيغۇرچە نامى دېڭىز ئارمىيەسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1950-يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى
چەتئەلچە نامى People's Liberation Army Navy ,PLAN
خەنزۇچە نامى 海军
نامى 中国人民解放军海军
قارىمىقىدىكى فىلوتلار شىمالىي دېڭىز كېمە ئەترىتى؛ شەرقىي دېڭىز كېمە ئەترىتى؛ جەنۇبىي دېڭىز كېمە ئەترىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭىز ئارمىيەسىدېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي پاراخوت قىسىملىرى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان، دېڭىز-ئوكيانلاردا جەڭ قىلىدىغان ئارمىيە تۈرى. 1950-يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى رەھبىرىي ئورگىنى قۇرۇلدى، شەرقىي، جەنۇبىي ۋە شىمالىي دېڭىز فلوتلىرى كەينى-كەينىدىن قۇرۇلدى.

دېڭىز ئارمىيەسىئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى سۇ ئاستى كېمىلىرى قىسمى، سۇ ئۈستى كېمە-قېيىق قىسمى، دېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قىرغاق مۇداپىئە قىسمى قاتارلىق قىسىم تۈرلىرىدىن تەركىب تاپقان. سۇ ئۈستى، سۇ ئاستى ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان دېڭىز ئارمىيەسى دېڭىزدا مۇستەقىل جەڭ قىلىپلا قالماي، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ جەڭ قىلالايدۇ.

دېڭىز ئارمىيەسىسۇ ئاستى كېمىلىرى قىسىمىغا ئادەتتىكى ئېنېرگىيە ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىگە ئىگە تورپېدا بىلەن قوراللانغان سۇ ئاستى كېمىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قوراللانغان سۇ ئاستى كېمىسى سەپلەنگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۈشمەننىڭ ترانسپورت پاراخوتى بىلەن چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى يوقىتىش، دۈشمەننىڭ بازىسى ۋە پورتىنى، قىرغاقتىكى مۇھىم نىشانلىرىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىش، رازۋېدكا قىلىش، سۇ ئاستى كېمىلىرىگە قارشى تۇرۇش، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش، چارلاش ئېلىپ بېرىش، ماددىي ئەشيا ۋە خادىملارنى توشۇشتىن ئىبارەت.

دېڭىز ئارمىيەسىسۇ ئۈستى كېمە-قېيىق قىسىملىرى جەڭ قىلغۇچى كېمە-قېيىق قىسىملىرى بىلەن لاۋازىم كېمە-قېيىق قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۈشمەن كېمە ۋە پاراخوتلىرىنى يوقىتىش، سۇ ئاستى كېمىلىرىگە قارشى جەڭ قىلىش، دۈشمەننىڭ قىرغاقتىكى نىشانلىرىنى ۋەيران قىلىش، قۇرۇقلۇققا چىققۇچى قىسىملارنى توشۇش، دېڭىزدا رازۋېدكا قىلىش، چارلاش ئېلىپ بېرىش، قاراۋۇللۇق قىلىش، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇھاپىزەت قىلىش، قۇتقۇزۇش، خادىملار ۋە ماددىي ئەشيالارنى توشۇشتىن ئىبارەت.

دېڭىز ئارمىيەسىدېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسمى بومباردىمانچى ئايروپىلان، قىرغۇچى ئايروپىلان، زەربىدار ئايروپىلان، سۇ ئاستى كېمىلىرىگە قارشى ئايروپىلان، رازۋېدكا ئايروپىلانى، ترانسپورت ئايروپىلانى قىسىملىرى بىلەن زېنىت توپ، رادار، يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى دۈشمەننىڭ كېمە ۋە پاراخوتلىرىنى يوقىتىش، دۈشمەننىڭ بازىسى، پورتى ۋە قىرغاقتىكى مۇھىم نىشانلىرىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىش، سۇ ئۈستى ۋە سۇ ئاستى كېمىلىرىنىڭ جەڭ ھەرىكىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش، دېڭىز بويىدىكى مۇھىم جايلارنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىگە قاتنىشىش، دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن ماسلىشىپ، ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دېڭىز يۈزىدە رازۋېدكا قىلىش، چارلاش ئېلىپ بېرىش، سۇ ئاستى كېمىسىگە قارشى تۇرۇش، مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش، مىنا تازىلاش، ئالاقىلىشىش، يېتەكلەش، قۇتقۇزۇش، خادىملار ۋە ماددىي ئەشيالارنى توشۇشتىن ئىبارەت.

دېڭىز ئارمىيەسىدېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇلار قۇرۇقلۇققا چىقىش قورالى، قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىشقا ماس كېلىدىغان قوراللار ۋە تېخنىكىلىق سايمانلار بىلەن قوراللانغان. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇستەقىل ياكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەگە ماسلىشىپ قۇرۇقلۇققا چىقىپ، قۇرۇقلۇققا چىقىش ئورنى ۋە مەيدانىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئارقىدىكى ئېشىلونلارنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. 

دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەترىتىگە سەپلەنگەن سۇ ھەم قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان تانكا، يېڭى تىپتىكى برونېۋىك، زەربىدارلىق بىلەن قۇرۇقلۇققا چىققۇچى چوڭ ۋە كىچىك تىپتىكى ھەربىي پاراخوت-قېيىقلار، يېنىك تىپتىكى پىيادىلەر زەمبىرىكى، ئوت پۈركۈگۈچ، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، يېڭى تىپتىكى يېنىك قوراللار ئۇلارنىڭ زەربىدارلىق كۈچىنى تولۇق نامايان قىلالايدۇ.

دېڭىز ئارمىيەسىقىرغاق مۇداپىئە قىسىملىرى دېڭىز قىرغىقى زەمبىرەك قىسمى ۋە دېڭىز قىرغىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمىدىن تەشكىللەنگەن. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بازا، پورت ۋە دېڭىز بويىدىكى مۇھىم جايلارنى قوغداش، دۈشمەن پاراخوتىنى يوقىتىش، قىرغاققا يېقىن قاتناش لىنىيىسىنى قوغداش، سۇ يولىنى قامال قىلىش، دېڭىز بويى رايونلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان پاراخوتلارغا، دېڭىز قىرغىقى، ئاراللاردىكى مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ جەڭ ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/63798.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#