خەلق مۇرەسسە قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى» 2010–يىلى 8–ئاينىڭ 28–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2010–يىلى 8–ئاينىڭ 28–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国人民调解法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó rén mín diào jiě fǎ
قوللىنىلغان ۋاقتى 2011–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى» خەلق مۇرەسسە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ئىجتىمائىي ئىناق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (34–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى» 2010–يىلى 8–ئاينىڭ 28–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2011–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2010–يىلى 8–ئاينىڭ 28–كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن خەلق مۇرەسسە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ئىجتىمائىي ئىناق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان خەلق مۇرەسسەسى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ سۆز بىلەن قايىل قىلىش، يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئالاقىدارلارنىڭ باراۋەر كېڭىشىشى ئاساسىدا، ئىختىيارىي ھالدا مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى ھەل قىلىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا، تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى كېرەك:

(1) ئالاقىدارلار ئىختىيار قىلىش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدا مۇرەسسە قىلىش؛

(2) قانۇن، نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق؛

(3) ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، مۇرەسسە قىلىمەن دەپ ئالاقىدارلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى كېسىم قىلىش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش يولى قاتارلىق يوللار بىلەن، قانۇن بويىچە قوغدىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىق.

4-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا ھېچقانداق ھەق ئالمايدۇ.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشىغا كەسپىي يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

6-ماددا دۆلەت خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى كېرەكلىك خىراجەت جەھەتتە يولىدا قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ۋە خەلق مۇرەسسە خادىمىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

2-باب خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى

7-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلات.

8-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە شەھەر ئاھالە كومىتېتىدا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئېھتىياجىغا قاراپ، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرىدۇ.

خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئۈچتىن توققۇزغىچە ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭغا بىر مۇدىر قويۇلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، بىر قانچە مۇئاۋىن مۇدىر قويۇلسا بولىدۇ.

خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىدە ئايال ئەزا بولۇشى، كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئادەم سانى ئازراق مىللەتتىن ئەزا بولۇشى كېرەك.

9-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئەزالىرى كەنت ئاھالە يىغىنى ياكى كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى يىغىنى، شەھەر ئاھالە يىغىنىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا قۇرۇلغان خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.

خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ، ئۇدا كۆرسىتىلىپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسىمۇ بولىدۇ.

10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىشى ھەمدە خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى شۇنىڭدەك خادىملىرىنىڭ تەشكىللىنىش ۋە تەڭشىلىش ئەھۋالىدىن شۇ جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

11-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى مۇرەسسە خىزمىتى تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

12-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىش شارائىتى ۋە زۆرۈر ئىش خىراجىتى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

3-باب خەلق مۇرەسسەچىلىرى

13-ماددا خەلق مۇرەسسە خادىملىرى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئەزالىرى ۋە خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى تەكلىپ قىلغان خادىملاردىن بولىدۇ.

14-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ئادىل، دۇرۇس ئىش قىلىدىغان، خەلق مۇرەسسە خىزمىتىگە قىزىقىدىغان ھەمدە مۇئەييەن مەدەنىيەت سەۋىيەسى، سىياسەت سەۋىيەسى ۋە قانۇن بىلىملىرىگە ئىگە قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالاردىن بولۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى خەلق مۇرەسسەچىلىرى كەسپىي جەھەتتە قەرەللىك تەربىيەلىشى كېرەك.

15-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى مۇرەسسە خىزمىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا ئۇلار ئىشلەيدىغان خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كۆرسەتكەن ياكى تەكلىپ قىلغان ئورۇن قالدۇرۇۋېتىدۇ ياكى بوشىتىۋېتىدۇ:

(1) ئالاقىدار بىر تەرەپكە يان بېسىش؛

(2) ئالاقىدارلارنى ھاقارەتلەش؛

(3) پۇل-مال سوراش، ئېلىش ياكى باشقا نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىۋېلىش؛

(4) ئالاقىدارلارنىڭ شەخسىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش.

16-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرىدىن مۇرەسسە خىزمىتى قىلغانلىرىغا مۇۋاپىق ئىش دەخلى ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك؛ مۇرەسسە خىزمىتىنى ئىشلەپ زەخىملىنىپ، مېيىپ بولۇپ، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىرىنىڭ داۋالىنىشىغا، تۇرمۇشىغا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى زۆرۈر ياردەم بېرىشى كېرەك؛ خەلق مۇرەسسە خىزمىتى ئىشلەۋېتىپ قۇربان بولغان خەلق مۇرەسسەچىلىرىنىڭ جورىسى، پەرزەنتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نەپىقە ۋە ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

4-باب مۇرەسسە تەرتىپى

17-ماددا ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشنى خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئۆزلۈكىدىن مۇرەسسە قىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار بىر تەرەپ مۇرەسسە قىلىشقا زادى ئۇنىمىسا، مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ.

18-ماددا ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرى خەلق مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان ماجىرالارنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن، ئالاقىدارلارغا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىگە ئىلتىماس قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويسا بولىدۇ.

19-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇرەسسە قىلىشقا بىر ياكى بىرقانچە خەلق مۇرەسسەچىسىنى بېكىتسە بولىدۇ، ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشقا بىر ياكى بىرقانچە خەلق مۇرەسسەچىسىنى تاللىۋالسىمۇ بولىدۇ.

20-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالاقىدارلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇرەسسەگە ئارىلىشىشقا ئالاقىدارلارنىڭ تۇغقىنى، قوشنىسى، خىزمەتدىشى قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ، مەخسۇس بىلىمى، مەلۇم تەجرىبىسى بار كىشىلەرنى ياكى ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتتىكى كىشىلەرنى تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى شۇ جايدىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن ئادىل، دۇرۇس ئىش قىلىدىغان، مۇرەسسەگە قىزىقىدىغان، ئامما ئېتىراپ قىلىدىغانلىرىنىڭ مۇرەسسەگە ئارىلىشىشىنى قوللىشى كېرەك.

21-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتا، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى، قانۇن، قائىدىلەرنى بىلىشى، ئادالەتنى ياقلىشى كېرەك.

ئەل ئىچىدىكى ماجىرانى ۋاقتىدا، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە مۇرەسسە قىلىش، زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

22-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرادىكى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئالاقىدارلارنىڭ بايانىنى تولۇق ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارنى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى سەۋىرچانلىق بىلەن يېتەكلەپ، ماجىرانى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئالاقىدارلار باراۋەر كېڭەشكەن، ئۆز ئارا ئەپۇ قىلغان، يول قويغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئىختىيارىي ھالدا مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ.

23-ماددا ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى ھوقۇقلارغا ئىگە:

(1) خەلق مۇرەسسەچىسىنى تاللاش ياكى مۇۋاپىق كۆرۈش؛

(2) مۇرەسسەنى قۇبۇل قىلىش، رەت قىلىش ياكى مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش؛

(3) مۇرەسسەنى ئاشكارا قىلىش ياكى ئاشكارا قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىش؛

(4) ئارزۇسىنى ئۆز ئالدىغا ئىپادىلەش، مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئىختىيارلىقى بىلەن ھاسىل قىلىش.

24-ماددا ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسە پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

(1) ماجىرا پاكىتىنى ئەينەن بايان قىلىش؛

(2) مۇرەسسە سورۇنىنىڭ تەرتىپىگە رىئايە قىلىش، خەلق مۇرەسسەچىسىنى ھۆرمەتلەش؛

(3) ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە ھۆرمەت قىلىش.

25-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش جەريانىدا، ماجىرانىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىسا، قاراتمىلىقى بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قۇللىنىشى كېرەك؛ ئامانلىق دېلوسى، جىنايى ئىشلار دېلوسى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ماجىرالارنى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىغا ياكى ئالاقىدار تارماققا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

26-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى ماجىرانى مۇرەسسە قىلىپ باشقا ئېلىپ چىقالمىغاندا، مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدارلارغا ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى كېسىم قىلىش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش،قانۇن يۈرگۈزۈش يولى قاتارلىق يوللار بىلەن، قانۇن بويىچە قوغدىسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

27-ماددا خەلق مۇرەسسەچىلىرى مۇرەسسە قىلىش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك. خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى مۇرەسسە خىزمىتى ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، مۇرەسسە تىزىمى، مۇرەسسە خىزمىتى خاتىرىسى، مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئارخىپلاشتۇرۇشى كېرەك.

5-باب مۇرەسسە كېلىشىمى

28-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندا، مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تەييارلانسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تەييارلاش ھاجەتسىز دەپ قارىغاندا، ئاغزاكى كېلىشىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، خەلق مۇرەسسەچىلىرى كېلىشىم مەزمۇنىنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

29-ماددا مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىگە تۆۋەندىكى ئىشلار يېزىلسا بولىدۇ:

(1) ئالاقىدارلارنىڭ ئاساسىي ئاھۋالى؛

(2) ماجىرانىڭ ئاساسىي پاكىتى، تالاش-تارتىش بولغان ئىش شۇنىڭدەك ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكارلىقى؛

(3) ئالاقىدارلار ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى، ئادا قىلىش ئۇسۇلى، مۆھلىتى.

مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى ئالاقىدارلار ئىمزا قويغان، تامغىسىنى باسقان ياكى بارمىقىنى باسقان، خەلق مۇرەسسەچىسى ئىمزا قويغان ھەمدە خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى تامغا باسقان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىنى ئالاقىدارلار بىر نۇسخىدىن ئالىدۇ، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى بىر نۇسخا ساقلاپ قويىدۇ.

30-ماددا ئاغزاكى مۇرەسسە كېلىشىمى ئالاقىدارلار كېلىشىم ھاسىل قىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

31-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن ھاسىل قىلىنغان مۇرەسسە كېلىشىمى قانۇن جەھەتتە چەكلەش كۈچىگە ئىگە، ئالاقىدارلار ئۇنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ ئادا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكەن مۇجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

32-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلار ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئادا قىلىش ياكى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، ئالاقىدار بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

33-ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ زۆرۈر دەپ قارىغاندا، مۇرەسسە كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن يۈرگۈزۈشتە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە كېلىشىمىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ كۈچىنى قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە كېلىشىمىنى كۈچكە ئىگە دەپ قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، ئالاقىدار بىر تەرەپ ئادا قىلمىغان ياكى تولۇق ئادا قىلمىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە كېلىشىمىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ قانۇن بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرگەندە، ئالاقىدارلار خەلق مۇرەسسە يولى بىلەن، ئەسلىدىكى مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئۆزگەرتسە ياكى يېڭىدىن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

34-ماددا يېزىلار، بازارلار، كوچىلار شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئېھتىياجغا قاراپ، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ، خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرۇپ، ئەل ئىچىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ.

35-ماددا بۇ قانۇن 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/4197829.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#