نىلۇپەر ئۇرۇقى

نىلۇپەر ئۇرۇقى

نىلۇپەر ئۇرۇقى بولسا  ئۆسۈملۈك نىلۇپەرنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، (نىلۇپەر ئۇرۇقى) نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، تۇتۇش، مەنىينى قويالتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار.

ئۇيغۇرچە نامى نىلۇپەر ئۇرۇقى
ئەرەبچە نامى بەزرۇلكەرنە بۇلما
ئىنگلىزچە Lotus Seed
تەمى تەمى تاتلىق، سەل قېرىق تەمى بار.
ۋاقتى 10-،11- ئايلار
خەنزۇچە ئاتىلىشى 莲子
پارسچە نامى تۇخۇمى نىلۇپەر
ئوردۇچە نامى كەنۇلكەتكى بىج
چىقىش ئورنى ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىدىن، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نىلۇپەر ئۇرۇقىنىلۇپەر ئۇرۇقى بولسا  نىلۇپەر ئائىلىسىدىكى سۇدا ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىلۇپەرنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، (نىلۇپەر ئۇرۇقى) نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇرۇقى ئىللىپىس ياكى شار شەكىللىك، سىرتقى يۈزى قىزىلغا مايىل خورما رەڭ ياكى خورما رەڭدە، سىرتىدا ئۇزۇنىسىغا كەتكەن سىزىقچە ۋە رەتسىز قورۇقلار بار. ئۇرۇق پوستى نېپىز،تەمى تاتلىق، سەل قېرىق تەمى بار. 10-،11- ئايلاردا مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن ئۇرۇقىنى ئايرىپ ئېلىپ يېغۋىلىنىدۇ،  ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىدىن، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

ئۆت ۋە تالنى قۇۋۋەتلەش، قىزىتما قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، تۇتۇش، مەنىينى قويالتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش.

خاس تەسىرى

ئۆتنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

ئەكىس تەسىرى

سوغۇق مىزاج كىشىلەردە باش قېيىش پەيدا قىلىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

قېرىشنى كېچىكتۈرۈش تەسىرى بار.

ئۇرۇق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كراخمال رافىنوز (Rafinose)، ئاقسىل، ماي، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، تۆمۈر (Fe)، فوسفور (P)، كالتسىي (Ca) قاتارلىقلار بار.


نىلۇپەر ئۇرۇقى1. نىلۇپەرنىڭ مېغىزىنى سۇدا ئېزىپ، سۈزۈپ ئىچكۈزسە، بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش ۋە ئۇسسۇزلۇقنى توختىتىدۇ.

2. نىلۇپەر ئۇرۇقى مېغىزىدىن 6 گرام يەپ بەرسە، بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىش، مەنىي سۈيۈلۈپ كېتىشكە پايدا قىلىدۇ.

3. پوستىدىن ئاجرىتىلغان نىلۇپەر ئۇرۇقىدن 30 گرام، ھۆل چۈچۈكبۇيىدىن 20 گرام ئېلىپ 500 مىللىلىتىر سۇدا 200 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىنى كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خااكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى ۋە ئۈچەي تۇبېركۇليوزىدىكى ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى

مىقدارى

5 ~ 3 گرام

ساقلاش

قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

 ھەسەل، تۇخۇم

ئورۇنباسارى

سېرىق ئوت ئۇرۇقى

نىلۇپەر ئۇرۇقى قاينىتىلمىسى.

كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)

ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=218

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#