كومپيۇتېر

كومپيۇتېر

كومپيۇتېر ( computer ) ھازىرقى زاماندا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل يۇقىرى سۈرئەتلىك  ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ، سانلىق قىممەت ھېسابلاش ئېلىپ بارىدۇ، يەنە لوگىكىلىق ھېسابلاش ، يەنە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى . تەرتىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىش ،  يۇقىرى سۈرئەتتە نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى ھىسابلاش ئىقتىدارى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە.

ئۇيغۇرچە كومپيۇتېر
ئىنگىلىزچە computer
ئىجاد قىلغۇچى يوھان فون نويمان
خەنزۇچە 电脑
ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى 1946-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كومپيۇتېر ( computer ) ھازىرقى زاماندا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل يۇقىرى سۈرئەتلىك  ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ، سانلىق قىممەت ھېسابلاش ئېلىپ بارىدۇ، يەنە لوگىكىلىق ھېسابلاش ، يەنە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى . تەرتىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىش ،  يۇقىرى سۈرئەتتە نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى ھىسابلاش ئىقتىدارى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە.

قاتتىق دېتال سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىسىدىن تەركىب تاپقان .تۈرلىرى: دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر ، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان  كومپيۇتېر , تور كومپيۇتېرى , شەخسى كومپىيوتۇرى , قىستۇرۇلما كومپيۇتېر دەپ بەش تۈرگە ئايرىلىدۇ ، بىر قەدەر ئىلغار كومپيۇتېرلار:  بىئو كومپيۇتېر ، فوتونلۇق كومپيۇتېر ، كۋانت كومپيۇتېر قاتارلىقلار .

1945 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مورشلاي، ئىككېرت قاتارلىق كىشىلەر دۇنيادىكى تۇنجى كومپيۇتېرنى لايىھىلەپ ياساپ چىققان. ئۇ كومپيۇتېر ئادەمنىڭ قىسمەن تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىپ، ھەتتا ئۇنى ئاز ـ تولا بېيىتقنلىقى ئۈچۈن «ئېلېكترونلۇق مېڭە» دەپمۇ ئاتالغان.

كومپيۇتېر20-ئەسىردىكى ئەڭ زور ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئالاھىدە ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ تېز ھېسابلاش ماشىنىسى10 مىليارد قېتىمدا ھېسابلاپ چىقىرىلىدىغان ھېسابنى بىر سېكۇنتتا تاماملىيالايدۇ، بۇنى ئادەم كۈچى بىلەن ھېسابلاپ ھەرگىزمۇ يېتىشكىلى بولمايدۇ. ھېسابلاش ماشىنىسى يەنە ئادەمنىڭ بەزى سېزىم ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى دوراپ، مەلۇم قائىدە بويىچە ھۆكۈم ۋە ئۇقۇملارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەم مېڭىسى ئورنىدا قىسمەن ئەمگەكلەرنى قىلالايدىغان بولغاچقا، كومپيۇتېر «ئېلېكترونلۇق مېڭە» دەپ نام بېرىلگەن.

  ئەڭ دەسلەپكى كومپيۇتېر ئەنگلىيىلىك ماتىماتىكا ئالىمى بابېتز لايىھىلىگەن پەرق ھېسابلاش ئاپپاراتى بىلەن ئانالىز ئاپپاراتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. پەرق ھېسابلاش ئاپپاراتى پروگرامما لايىھىلەشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قىممەتلىك بىخلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، باربېتزىنى كىشىلەر «زامانىۋى كومپيۇتېرنىڭ پېشىۋاسى»دەپ ئاتاشقان. باربېتز كېيىن ھېسابلاش پروگراممىسىنى كونترول قىلالايدىغان ھەممىباب سىپىر ئاپپاراتىنى ياساپ چىقىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ ماددىي ياردىمى ۋە پۈتكۈل بېساتىدىن ئايرىلىپ قالغان باربېتز بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان.

   ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يەنى 1941 ـ يىلى ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مور ئىنىستىتۇتى ئېلېكتروتېخنىكا فاكۇلىتېتى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە كورپۇس شىتابىغا قاراشلىق ئابېردىن ترايېكتورىيە(ئوق لىنىيىسى) تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرگە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى كۈنىگە ئالتە پارچە ئوت كۈچى جەدۋىلى بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. ئەمما، بىر نەپەر ئۇستا ھېسابچىنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى 60 سېكۇنتلۇق بىر پاي ئوقنىڭ لىنىيىسىنى سۇپىرلىق كومپيۇتېر بىلەن ھېسابلاپ چىقىشى ئۈچۈنلا توپتوغرا 20 سائەت كېتەتتى، بىر پارچە ئوت كۈچى جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن نەچچە يۈز پاي ئوقنىڭ لىنىيىسىنى ھېسابلاپ چىقىشقا توغرا كېلەتتى. دېمەك، ئەينى چاغدىكى ئۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بىر تۈرلۈك تېز ھېسابلاش ئۈسكۈنىسىنى تەقەززا قىلغان. دەل شۇ چاغدا، مور ئېلېكتروتېخنىكا ئىنستىتۇتىدىكى مورشلاي« تېز سۈرئەتلىك ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىش ھەققىدە ئەسلەتمە»دىگەن تېمىدا بىر پارچە دوكلاتنى تەييارلىغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇ دۇكلات كېيىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ENIAC ئۈسكۈنىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسى ئىدى. ENIAC«سانلىق قىممەتنى ئىنتېگراللاش ۋە ھېسابلاش ئۈسكۈنىسى»دېگەن مەنىدە بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى ئېلېكترونلۇق ھسابلاش ماشىنىسى، يەنى كومپيۇتېرنى كۆرسىتىدۇ.

   كېيىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان كومپيۇتېرلاردا ENIAC نىڭ ئونلۇق سىستېما ۋە ئېكىستراپولاتسىيىلىك پراگراممىنى قوللىنىشتەك يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلىغان. كرىستال لامپا ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك توپ زەنجىر كەشىپ قىلغاندىن كېيىن ھەجمى زور دەرىجىدە كىچىكلەپ، ھېسابلاش سۈرئىتى سېكۇنتىغا نەچچە تۈمەن قېتىم ھەتتا نەچچە يۈز مىليون قېتىمغا يەتتى. قىسقىسى، كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى يىلدا بىر قاتلىنىپ، ئىقتىدارى ۋە سىغىمچانلىقى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئون ھەسسىدىن ئۆسۈپ باردى، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلابى كومپۇتېرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئەۋجىگە چىقتى.[1][0]

كومپيۇتېر «ئاجايىپ ماھارەتلىك» بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى يەنىلا ئىنسانلار ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئادەم مېڭىسى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۇ يەنە ئادەم مېڭىسىگە يېتەلمەيدۇ.  

بىرىنچىدىن

كومپيۇتېر پەقەت كىشىلەر بەلگىلەپ بەرگەن پروگرامما بويىچە ئىشلەيدىغان بولغاچقا، تاسادىپىي ئەھۋالغا دۇچ كەلسە ھېچقانداق تەدبىر قوللىنالمايدۇ. ئادەم مېڭىسىنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش، ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش، ئەسلەش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بولغاچقا تاسادىپىي ئەھۋالغا دۇچ كەلسىمۇ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلالايدۇ.

ئىككىنچىدىن

 كومپيۇتېر ئېلېكترونلۇق دېتاللاردىن تەركىب تاپقان بولغاچقا، بىرەر دېتالى بۇزۇلۇپ ياكى ئىشلىمەس بولۇپ قالسا، پۈتكۈل كومپيۇتېر پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئادەم مېڭىسىنىڭ دېتاللىرى بولسا سانى14 مىلياردقا يېتىدىغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بولۇپ، ناۋادا بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ10 /1 زەخىملەنسىمۇ يەنىلا نورمال ئىشلىيەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە زەخىملەنگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلەلەيدۇ.

ئۈچىنچىدىن

ئادەم مېڭىسى ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن نازۇك ھەم ئەپچىل، ئۈنۈمى يۇقىرى. 14 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسىگە ئىگە ئادەم مېڭىسىنىڭ ھەجمى ئاران5.1 كۇب دېتسىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيىسى10 ۋات ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر ئادەم مېڭىسىدىكى نېرۋا ھۈجەيرە سانى بويىچە بىر كومپيۇتېرنى تەقلىدىي ياساپ چىقىشقا توغرا كەلسە، ھەربىر دېتالنىڭ ھەجمى بىر كۇب سانتىمېتىر بولغاندا، بۇ كومپيۇتېرنىڭ ئومۇمىي ھەجمى ناھايىتى زورىيىپ، 10 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. روشەنكى، يۇقىرى ئۈنۈم، ئىشەنچلىك ۋە ئەپچىللىك جەھەتتە، ئادەم مېڭىسى يەنىلا كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈلگىسىدۇر.

كومپيۇتېرنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ ئادەم مېڭىسىنىڭكىدەك بولالماسلىقى، ئۇلارنىڭ «ئاساسىي دېتالى» نىڭ ئوخشىماسلىقىدىندۇر. كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي دېتالى كرىستال لامپا ياكى توپلاشتۇرۇلغان توك يولىدۇر، ئادەم مېڭىسىنىڭ ئاساسىي دېتالى بولسا نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدۇر. ئادەم مېڭىسىگە ئوخشاش مۇئەييەن تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە كومپيۇتېرنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كومپيۇتېرغا نېرۋا ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش ئاساسىي دېتالنى ياساپ چىقىش لازىم. بۇ خىل تەتقىقات ھازىر قەدەممۇقەدەم ئېلىپ بېرىلماقتا. [2]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەشتاش تورى:كومپيۇتېر 

http://www.baxtax.cn/qozam/jemiyet/18527.html

2.

ئىزدە قامۇسى:ئادەم مېڭىسى ۋە كومپيۇتېر 

http://wiki.izda.com/?a=show&id=2222

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#