ستېندال

ستېندال (1783-1842-يىللار) فرانسىيە تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ستېندال
باشقا نامى 马里-亨利·贝尔
يۇرتى فرانسىيە گېرېنوبل شەھەر
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1842-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
چەتئەلچە نامى Stendhal
خەنزۇچە ئىسمى 司汤达(斯丹达尔)
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1783-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
كەسپى يازغۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1827-يىلى ستېندال فرانسىيەنىڭ «ئەدلىيە ئاخباراتى» گېزىتىدە: ياش يىگىت پېرد بىر پۇلدار ئائىلىدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يۈرۈپ، ئۇ ئائىلىدىكى خوجايىن ئايالنىڭ ئاشنىسى بولۇپ قالغان، كېيىن، بىر خىل كۈنداشلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۇنىڭغا قەست قىلغان، دېگەن بىر ئىجتىمائىي خەۋەرنى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ خەۋەر ستېندالنىڭ ئىلھامىنى قوزغايدۇ، ئۇ ماتېرىيالنى ئوبدان پىششىقلاپ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەت توغرىسىدىكى تونۇشىنى سىڭدۈرۈپ، سىياسىي پۇراق ۋە دەۋر پۇرىقى قويۇق بولغان بىر روماننى يېزىپ چىقىدۇ. دەسلەپتە ئۇ رومانغا «جۇلېئان» دەپ نام بەرگەن، كېيىن سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «قىزىل ۋە قارا» دېگەن نامنى قويغان ھەم «1830-يىلىدىكى ئىشلار» دەپ قوشۇمچە تېما قويغان.

ستېندال ھايات ۋاقتىدا ئەدەبىياتتا ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن. ئۇ ۋاپات بولغاندىمۇ پەقەت سىڭلىسى، نەۋرە ئاكىسى ۋە يازغۇچى مېرىمېي ئۈچەيلەنلا ئۇنىڭ مېيىتىنى ئۇزاتقان. ستېندال ئۆزىنىڭ موشۇنداق سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بالدۇرلا بىلىپ، «1880-يىلىغا بارغاندا مېنى چۈشىنىدىغانلار چىقىدۇ»، « 1935-يىلىغا بارغاندا مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئىگە بولىمەن» دېگەنىدى. ئۇ ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا: «مەن 20-ئەسىر ئۈچۈن يازىمەن» دېگەنىدى. 

ستېندال كىچىكىدىنلا «ئەركسىزلىكتىن ئۆلۈم ياخشىراق» دېگەن ئەقلىيە سۆزگە ئېتىقاد قىلاتتى، ئۇ ئۆمرىدە ناپولېئونغا ئەڭ چوقۇنغان. فرانسىيە قوشۇنى رۇسىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ، 1814-يىلى ناپولېئون ئىمپېرىيەسى ھالاك بولغاندا ئۇ قاتتىق ئازابلانغان. بوربون خانىدانلىقى قايتا تىرىلگەندە ئۇ فرانسىيىدىن كېتىپ، ئىتالىيەدە ئولتۇراقلىشىپ، قايتا تىرىلگەن خانىدانلىق بىلەن قەتئىي قارىمۇقارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن شۇنداقلا ئۇ ئىتالىيەنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلەر تەشكىلاتى كاربونالار پارتىيەسى بىلەن قويۇق باردى-كەلدى قىلغان. 1821-يىلى كاربونالار پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بۇنىڭغا چېتىلىپ قېلىپ، دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئەدەبىيات-سەنئەتنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئۇ ئەدەبىيات جەزمەن دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ.

«قىزىل ۋە قارا» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. روماننىڭ باش پېرسوناژى جۇلېئاننىڭ كېلىپ چىقىشى تۆۋەن، ئەقىللىق، قابىل. ئۇ ناپولېئونغا چوقۇنىدۇ، ناپولېئون دەۋرىدىكى ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە تايىنىپ، بىردىنلا يۇقىرى ئۆرلىشىگە ھەۋەس قىلىدۇ، لېكىن خانلىق ھاكىمىيەت تىرىلگەندىن كېيىن بۇ يول ئاقماي قالىدۇ. ئۇ پوپنىڭ كىرىمى ناپولېئوننىڭ قول ئاستىدىكى داڭلىق گېنېراللارنىڭ كىرىمىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، دىنىي جەمئىيەت يولى ئارقىلىق يۇقىرى ئۆرلەشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ تەقۋادار ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلىدۇ، ئاخىر ئاقسۆڭەكلەر ۋە يۇقىرى تەبىقە جەمئىيىتىگە سوقۇنۇپ كىرىۋالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قارا نىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا، شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمىنىڭ پاش قىلىش خېتى ئۇنىڭ سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلايدۇ، ماركىز قىزى ماتېل بىلەن جۇلېئاننىڭ تويىنى ئەمەلدىن قالدۇرۈۋېتىدۇ. جۇلېئان ئاچچىقىدا شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمىنى ئېتىپ يارىدار قىلىدۇ، سوت ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ. ئەسەردە جۇلېئاننىڭ تراگېدىيەسى ئارقىلىق ئۇششاق بۇرژۇئازىيە بىلەن ئاقسۆڭەك ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر قارىمۇقارشىلىقنى كۆرسىتىپ بېرىپ، بۇرژۇئازىيە جەمئىيىتىدىكى ئادەملەر ئارىسىدىكى چاكىنا پۇل مۇناسىۋىتىنى پاش قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/43779.htm

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#