مارياڭ يېزىسى

مارياڭ يېزىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيەبازىرىغا 130 كىلومېتىر، ناھىيەدىن يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايغىچە بولغان ئارلىق 4500 مېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3100 مېتىر كېلىدۇ، مارياڭ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمى بىلەن دەفتەر يېزىسى، شىمالىي قىسمى بىلەن ۋەچە يېزىسى، جەنۇبىي بىلەن ئەسلىدىكى بۇرۇمسال كەنت ئۆز-ئارا تۇتىشىدۇ، شەرقىي جەنۇبى بىلەن قاغىلىق ناھىيەسى تۇتىشىدۇ. تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى مارياڭ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 7768 كىۋادىرات كىلومېتىر
ماشىنا كودى يېڭى Q
خەنزۇچە ئاتىلىشى 马尔洋乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
تەۋە رايون تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى
تېلفون رايۇن نۇمۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مارياڭ يېزىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرىغا 130 كىلومېتىر كېلىدۇ، ناھىيەدىن يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايغىچە بولغان ئارلىق 4500 مېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3100 مېتىر كېلىدۇ، مارياڭ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمى بىلەن دەفتەر يېزىسى، شىمالىي قىسمى بىلەن ۋەچە يېزىسى، جەنۇبىي بىلەن ئەسلىدىكى بۇرۇمسال كەنت ئۆز-ئارا تۇتىشىدۇ، شەرقىي جەنۇبى بىلەن قاغىلىق ناھىيەسى تۇتىشىدۇ. تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، يەكەن دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرى مار ياڭخې دەرياسىنى بويلاپ  ئېقىپ ئۆتىدۇ، بۇ چېگرا ئىچىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، چېگرا ئىچىدىكى تاغ ئۆزگىچە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈپ  تۇرىدۇ، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ كېلىماتى ۋە يەر شەكلى ناھايىتى مۇرەككەپ، تەۋە دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بۇ يېزىنىڭ ئىككى كىلىمات رايونى بار، سەنۇسى دۆڭ كەنتى، پىلىچى كەنتى، جىرا ۋەخپە كەنتى قاتارلىقلار بۇلۇپ ئىقلىمى بىر قەدەر ئىللىق، تۆت پەسىل ئېنىق، قىروسىز مەزگىل 150 كۈن ئەتراپىدا، قىروسىز مەزگىل 70 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. 

مارياڭ تاجىك تىلىدا «شەپەق» دېگەن مەنىدە. مارياڭ يېزىسى ئازادلىقتىن ئىلگىرى تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ بىر يېزىسى ئىدى، ئازاتلىقتىن كىيىن، 1950-يىلى 3-ئايدا مارياڭ يېزىلىق خەلىق ھۆكۈمىتى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1953-يىلى 3-رايون، 3-يېزىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1959-يىلى مارياڭ يېزىسى خەلق گۇڭشېسى قىلىپ قۇرۇلغان، 1966-يىلى نامىنى ئالغا ئىلگىرىلەش خەلق گۇڭشېسى دەپ قۇرىغان، 1975-يىلى مارياڭ خەلق گۇڭشىسى دىگەن نام ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، 1985-يىلى 2-ئايدا مارياڭ يېزىسى دىگەن نامغا ئۆزگەرتىلىپ ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. 

ياۋايى ھايۋانلاردىن پامىر ئارقىرى، سېرىق ئۆچكە، ئېيىق، يىلپىز، بۆرە، تۈلكە، ياۋاتوشقان، سۇغۇ، ئۇچار قۇشلار، بۈركۈت، قارىغۇجا، قىران بۈركۈت، لاچىن، چاتقال كەكلىكى، تۇرۇلغا، ياۋا ئۆردەك قاتارلىقلار بار. كان بايلىقلىرىدىن قاشتېشى، كرىستال، يۇنمۇ، مىس، ئاليۇمىن، سۇلفۇر قاتارلىقلار بار. دورا ماتېرىياللىرىدىن پامىر قار لەيلىسى، مەرزەنجۇش، قۇرۇمدۇق، يەر مەدىكى، سۇغۇر سېسىقئوتى، ئېفېدرا، ئارپىبەدىيان، ئەڭلىك ئوت قاتارلىقلار بار. 

دې كەنتى

دې كەنتى، يەنى بۇ كەنىت تاجىك تىلىدا «كەنت» دېگەن مەنىدە. دې كەنتى مارياڭ يېزىسىنىڭ  غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، دەفتەر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، كەنت، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر بۇلۇپ ئاددىي تاشيول بار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3400 مېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 924 مىڭ مو، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 126 مىڭ كىلوگرام، ئومۇمىي ئائىلە سانى 116 گە، نۇپۇس سانى 659 ئادەمگە يەتكەن، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، ئاق ئارپا، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار بار. دورا ماتېرىياللىرىدىن پامىر قار لەيلىسى بار، مەرزەنجۇش، قۇرۇمدۇق، يەر مەدىكى، ئەڭلىكئوت، ياۋا بەدىيان قاتارلىقلار بار

سەنۇسى دۆڭ كەنتى

سەنۇسى دۆڭ كەنتى، تاجىك تىلىدا «ئۆرۈك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، مارياڭ يېزىسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزىلىق ھۆكۈمەت چارۋا يولىغا تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇبىي قىسمى ئەسلىدىكى بۇرۇمسال كەنتى بىلەن، شىمالىي قىسمى ۋەچە يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، كىلىماتى ئىللىق، تۆت پەسىل ئېنىق، قىروسىز مەزگىل 150 كۈن ئەتراپىدا. ئومۇمىي ئائىلە سانىنى 82 گە، نوپۇسى475 ئادەمگە، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 549 مىڭ موغا، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى89 مىڭ كىلوگرامغا يەتكەن، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، ئاق ئارپا، پۇرچاق، باقىلە قاتارلىقلار بار. مېۋىلىك دەرەخلەردىن ئۆرۈك، شاپتۇل، ئالۇچا دەرىخى، ئالما، ياڭاق، جىگدە، ئۈجمە قاتارلىقلار بار، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن قۇرۇمدۇق مەرزەنجۇش، ئەڭلىك ئوت قاتارلىقلار بار .

پىلىچى كەنتى

پىلىچى كەنتىنىڭ تاجىك تىلىدىكى مەنىسى «ياغاچ قاچا» دېگەن مەنىدە، مارياڭ يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي بىلەن بولغان ئارىلىقى 85 كىلومېتىر كېلىدۇ، پەقەت قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە  ئاندىن بۇ كەنتىكى كىشلەرنىڭ  ئات ۋە تۆگە مىنىپ ئۆتۈپ كېتۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ دىيىشىدۇ، يەكەن دەرياسى بۇ كەنتنىڭ غەربىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، بۇ كەنت شەرقتە  قاغىلىق ناھىيە شىخشۇ يېزىسى ئارغۇ بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىمالىي قىسمى ئەسلىدىكى بۇرۇمسال كەنتى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئائىلە سانى 76گە، نۇپۇس سانى 422 ئادەمگە، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  706 مو، ئومۇمىي ئاشلىق ئىشلەپچىقرىش ھسۇلات مىقدارى 10.11كىلوگىرامغا يەتكەن، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، پۇرچاق، باقىلە قاتارلىقلار بار. مېۋىلىك دەرەخلەردىن ئۈرۈك ،شاپتۇل، ئالۇچا دەرىخى، جىگدە، ئۈجمە قاتارلىقلاربار. كان بايلىقلىرىدىن قاشتېشى، مىس، قوغۇشۇن، كرىستال، سۈرمە قاتارلىقلار بار، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن قانتېپەر، قۇرۇمدۇق، ئېفېدرا، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار، ئۈچ ئوقۇتۇش نۇقتىسى، ئۈچ ئوقۇتقۇچى، 70 نەپەر ئوقۇغۇچى، تەسىس قىلىنغان كەنت داۋالاش ئورنىدىن ئىككىسى، ئىككى نەپەر دوختۇربار.

جىرا ۋەخپە كەنتى 

 جىرا ۋەخپە كەنتى: جىرانىڭ تاجىك تىلىدىكى مەنىسى«ئاچا-سىڭىل بولغان جىلغا» دېگەن مەنىدە، 1975-يىلدىن باشلاپ بۇ يېزىدا  ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاش، يەرلەرنى سۇغىرىش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يولغا قۇيۇلغان، مارياڭ يېزىسىدىكى ھەر قايسى كەنتىكى دېھقان ئائىلىسى بۇ يەرگە تەڭشىلىپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ھەم دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇلغان، بۇ يېزا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى 43 كىلومېتىر كېلىدۇ، پەقەت چارۋا يولى ۋە سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى بار، يەكەن دەرياسى بۇ كەنتنىڭ شەرقىي قىسمىدە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2500 مېتىر، كىلىماتى ئىللىق، ئائىلە سانى 18، نۇپۇس سان 103، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 182 مو، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، ئاق ئارپا، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار بار، مېۋىلىك دەرەخلەردىن ئۆرۈك، شاپتۇل، جىگدە قاتارلىقلار بار، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەردىن يەر مەدىكى، ئېفېدرا قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#