ئالتاي تاغ تىزمىسى

ئالتاي تاغ تىزمىسى

ئالتاي تاغ تىزمىسى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ شىمالى ۋە موڭغۇلىيەنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. غەربىي شىمالغا سوزۇلغان رۇسىيە زېمىنىنىڭ چېگرىسىدا. غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان. جۇڭگو، قازاقىستان، رۇسىيە، موڭغۇلىيە زېمىنىنى قاتارلىقلار بىلەن چېگىرلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئالتاي تاغ تىزمىسى
باشقا نامى Алтай
كۆلىمى 1611457 گېكتار
مەنزىرە نۇقتىسى قاناس، بۇلغىن
يىللىق يېغىن مىقدارى 500-700 مىللىمېتىر
خەنزۇچە نامى 阿尔泰山脉
تەۋە رايون شىنجاڭ
كىلمات شارائىتى قۇرۇقلۇق كىلىماتى
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىر
ھايۋانات بايلىقى سۇغۇ، يالمانتاقتاق، بۈركۈت ۋە قىزىل لاچىن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالتاي تاغ تىزمىسىئالتاي تاغ تىزمىسى جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ شىمالى ۋە موڭغۇلىيەنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. غەربىي شىمالغا سوزۇلغان روسىيە زېمىنىنىڭ چېگرىسىدا. غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان. جۇڭگو، قازاقىستان، رۇسىيە، موڭغۇلىيە زېمىنىنى قاتارلىقلار بىلەن چېگىرلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ؛ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئالتاي تېغى ئۇنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 500 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000-3000 مېتىر. ئاساسلىق تاغ ئومۇرتقىسىنىڭ ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ، شىمالىي قىسمىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا دوستلۇق چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4374 مېتىر كېلىدۇ. 

ئالتاي تاغ تىزمىسىئوتتۇرا ئاسىيا تاغ سېستىمىسى ئالتاي تېغى، جۇڭگو، موڭغۇلىيە، رۇسىيە ۋە قازاق لارنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرى، چۆل، قۇملۇقلار بىلەن چېگرالانغان. تەخمىنەن 2000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ ياتقان، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان.

گېئولوگىيە 

گېئولوگىيەلىك تۈزۈلۈش جەھەتتە ئالتاي ئوقۇرى پۈرۈلمە بەلبېغى. تاغ گەۋدىسى ئەڭ دەسلەپتە كالېدون ھەرىكىتىدىن شەككىلەنگەن، تاغ گەۋدىسى ئاساسىي جەھەتتىن يانتۇ تۈزلەڭلىك؛ ھىمالايا تاغ ھاسىل قىلىش ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن تاغ گەۋدىسى داۋاملىشىپ، غەربىي شىمالغا قارىتىلغان ئۈزۈلمە سىلجىشتا ئۆرلىگەن، ئاندىن ھازىرقى ئالتاي تېغى قىياپىتى شەكىللەنگەن. 1931-يىلى 8 بال يەر تەۋرىگەن ھەمدە جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدە ئۈزۈلمە پەيدا قىلغان.

يەر تۈزۈلۈشى

ئالتاي تېغىنىڭ تاغ گەۋدىسى يۇپيۇمىلاق، نىللىت تاغ باغرىغا كەڭ تارقالغان. 2010-يىلى ستاتىستىكا قىلنىشىچە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئايرىم ئايرىم ھالدا 2900-3000 مېتىر، 2600-2700 مېتىر، 1800-2000 مېتىر ۋە 1400-1600 مېتىر بولغان. يەر شەكلىنىڭ ۋېرتىكال زونىلارغا بۆلۈنۈشى روشەن، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئولتۇرۇشقان، ھازىردېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3200 مېتىردىن ئاشقان، دوستلۇق چوققىسى ۋە كۈيتۈن چوققىسىنى مەركەز قىلغان، قەدىمىي مۇزلۇق يەر شەكلى ئېنىق. 

ئالتاي تاغ تىزمىسىئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ قىش پەسلى ئۇزۇن ۋە قاتتىق سوغۇق. 7-ئايدا تېمپىراتۇرىسى ئىللىق، كۈندۈزدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئادەتتە ℃30، بەزىدە  تۆۋەن تېمپىراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇس، لېكىن ئېگىزلىكتىكى كۆپ قىسىم جايلارنىڭ ياز پەسلى ئىنتايىن قىسقا ھەم سالقىن بولىدۇ. غەربىي رايون، بولۇپمۇ ئېگىزلىكى 1524-1981 مېتىر ئارىلىقىدىكى رايونلارنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى يۇقىرى، تەخمىنەن سۇڭ 20-40، يىل بويى ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولغاندا 80 سۇڭ ئېگىزلىكتە بولىدۇ. شەرقتە ئومۇمىي يېغىن مىقدارىنىڭ 3 / 1 ئازىيىپ، بەزى جايلاردا قارمۇ ياغمايدۇ. ئالتاي تاغ تىزمىسى يان مۇزلۇق بىلەن قاپلانغان ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#