خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشى

خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشى

«دۇڭگۇ دېڭىز جېڭىدە ئاسمانۇ-زېمىن تۈتەككە تولدى، توپ ئوقلىرى لەرزىدىن كېمىلەر ئۆرۈلدى، چۆكتى» بۇ، جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدىكى خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى ئىدى. 

نامى خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشى
ئورنى سېرىق دېڭىزنىڭ دادۇڭگۇ دېڭىز تەۋەسى
خەنزۇچە نامى 黄海海战/中日甲午战争
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار جۇڭگو (چىڭ سۇلالىسى)، ياپۇنىيە
ۋاقتى 1894-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشى«دۇڭگۇ دېڭىز جېڭىدە ئاسمانۇ-زېمىن تۈتەككە تولدى، توپ ئوقلىرى لەرزىدىن كېمىلەر ئۆرۈلدى، چۆكتى» بۇ، جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدىكى خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى ئىدى. 

1894-يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي دېڭىز فلوتى يالۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىدىكى دادۇڭگۇدا دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، غەربىي جەنۇبتىكى دېڭىز يۈزىدە ئامېرىكا دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان دېڭىز فلوتىنىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ تېز سۈرئەتتە كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. دېڭىز ئارمىيە ياساۋۇلى دىڭ رۇچاڭ شۇ ھامان پاراخوتلارنىڭ جەڭگە تەييارلىنىپ سەپ تارتىپ تۇرۇشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئامېرىكا بايرىقى ئېسىلغان 12 ھەربىي پاراخوتتىن تەشكىللەنگەن فلوت يېقىنلاشقاندىن كېيىن، بىردىنلا بايرىقىنى ياپونىيە دۆلەت بايرىقىغا ئالماشتۇردى ھەمدە سەپ تۈزۈپ شىمالىي دېڭىز فلوتىنى توپقا تۇتتى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە خۇاڭخەي دېڭىز ئۇرۇشى پارتلىدى.

خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشىجەڭ باشلىنىپلا شىمالىي دېڭىز فلوتىنىڭ ياساۋۇلى دىڭ رۇچاڭ يارىلاندى. «دىڭيۈەن» ناملىق بايراقدار پاراخوتنىڭ باشلىقى ليۇ بۇچەن ئۇنىڭ ئورنىدا جەڭگە قوماندانلىق قىلدى. شىددەتلىك جەڭدە شىمالىي دېڭىز فلوتىنىڭ «جىيۈەن» ناملىق پاراخوتىغا زەمبىرەك ئوقى تېگىپ قىڭغىيىپ قالدى، ئوق-دورا تۈگىگەندىن كېيىن پاراخوت باشلىقى دېڭ شىچاڭ پاراخوتنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «جىيې» ناملىق ئاساسلىق ھەربىي پاراخوتىغا قاراپ شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەپ دۈشمەن پاراخوتى بىلەن بىللە تۈگەشمەكچى بولدى. بەختكە قارشى دۈشمەننىڭ سۇ مىناسى تېگىپ پاراخوتتىكى 250 نەچچە كىشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

«جىڭيۈەن» ناملىق پاراخوت

خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشى«جىڭيۈەن» ناملىق پاراخوتقا زەمبىرەك ئوقى تېگىپ ئوت كەتتى. ئۇ دۈشمەن پاراخوتىغا قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقاندا، يەنە سۇ مىناسى تەگدى. پاراخوت ئاستا-ئاستا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندا، پاراخوت باشلىقى لىن يۇڭشىڭ ۋە لەشكەرلەر يەنىلا سالماقلىق بىلەن تاكى پاراخوت چۆكۈپ كەتكەنگە قەدەر دۈشمەن پاراخوتىنى توپقا تۇتتى. «جېنيۈەن» ناملىق پاراخوتنىڭ پاراخوت باشلىقى لىن تەيسېڭ ياپونىيە فلوتىنىڭ «سۇڭداۋ» ناملىق بايراقدار پاراخوتىنى توپقا تۇتۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، «سۇڭداۋ» ناملىق پاراخوتتىكى ئوق-دورىلارنى پارتلىتىپ 100 نەچچە دۈشمەننى ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى، دېڭىز ئۇرۇشى بەش سائەت داۋاملاشتى، ياپونىيىنىڭ «سۇڭداۋ» ناملىق بايراقدار پاراخوتى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. » جىيې «ناملىق پاراخوتىنىڭمۇ پەقەت جازىسىلا قېپقېلىپ، جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتتى. ياپونىيە دېڭىز فلوتى شىمالىي دېڭىز فلوتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ھېچقانداق نەپكە ئېرىشەلمىگەچكە جەڭدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.

جۇڭگو شىمالىي دېڭىز فلوتىنىڭ بەش ھەربىي پاراخوتى زىيانغا ئۇچرىدى. مىڭغا يېقىن ئادىمى ئۆلدى ياكى يارىلاندى. ئۇرۇشتىن كېيىن لى خۇڭجاڭ شىمالىي دېڭىز فلوتىغا ۋېيخەيۋېي ھەربىي پورتىغا كىرىپ پاناھلىنىشنى بۇيرۇپ، دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئىككى قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن شىمالىي دېڭىز فلوتى ئاخىر ھالاك بولدى.

خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشىخۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشى ناھايىتى شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلدى، بۇنداق جەڭ دۇنيا يېقىنقى زامان دېڭىز ئۇرۇشى تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدۇ. ئۇرۇشتا شىمالى دېڭىز ئارمىيىسىدىن 800 دىن كۆپ ئادەم يارلانغان ۋە قازا قىلغان. ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بەش ھەربىي پاراخوتى ئېغىر زەخىملىنىپ، 600 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلدى ياكى يارىلاندى. 

خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشىشىمالىي دېڭىز ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ، سېرىق دېڭىزنى تىزگىنلەش ھوقۇقى مەغلۇب بولدى. جۇڭگو شىمالىي دېڭىز فلوتىنىڭ بەش ھەربىي پاراخوتى زىيانغا ئۇچرىدى. مىڭغا يېقىن ئادىمى ئۆلدى ياكى يارىلاندى. ئۇرۇشتىن كېيىن لى خۇڭجاڭ شىمالىي دېڭىز فلوتىغا ۋېيخەيۋېي ھەربىي پورتىغا كىرىپ پاناھلىنىشنى بۇيرۇپ، دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئىككى قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن شىمالىي دېڭىز فلوتى ئاخىر ھالاك بولدى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#