گۈلياسىمەن

گۈلياسىمەن

گۈلياسىمەن تاجىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، گۈلياسىمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى گۈلياسىمەن
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 千日红
تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۈلياسىمەنگۈلياسىمەن تاجىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، گۈلياسىمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، ئېگىزلىكى 30 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ پۈتۈن تېنىنى كۈمۈش رەڭ، يۇمشاق تۈكچىلەر ئوراپ تۇرىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، شەكلى سوقىچاق ياكى ئۇزۇنراق سوقىچاق، گىرۋىكى تولۇق، ئۇچى بىراقلا ئۇچلىنىپ، قىسقا تىكەن ھاسىل قىلىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى شار شەكلىدە بولۇپ، غولىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ؛ گۈلىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن كېلىدۇ؛ مېۋىسى كىچىك، ياپىلاقراق، دۈگىلەك شەكىلدە بولىدۇ.

كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

ھۆل ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ئېچىلغان ۋاقتىدا ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

گۈلياسىمەنگۈلياسىمەندىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆكيۆتەل ۋە زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

گۈلياسىمەندىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، كۆز خىرەلىشىش ۋە سۈيدۈك راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

12 گرام گۈلياسىمەننى سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىچىپ بەرسە، زىققە، يۆتەل، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، كۆز ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#