ئاي كېمىسى

ئاي كېمىسى

 ئاي كېمىسى ئايغا قونغاندىن كېيىن، بۆلمىنىڭ ئىشىكىدىن بىر شوتا چىققان. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى شوتىدىن مېڭىپ، ئاي كېمىسىدىن چۈشۈپ ئاي يېرىگە دەسسىگەن. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاي كېمىسى
خەنزۇچە نامى 登月船

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاي كېمىسى1969-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكىلىق ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئولتۇرغان «ئاپوللو Ⅺ» ناملىق ئالەم كېمىسى ئايغا قونغاندا، ئاي كېمىسى ۋە ئاي ئاپتوموبىلى(لونو خود) ئىشلەتكەن. 

ئاي كېمىسى «ئاپوللو» ئۇچار كېمىگە قاچىلانغان بولۇپ، ئالەم كېمىسىنىڭ بالا كېمىسى بولغان. توشۇغۇچى راكېتا ئاي ئوربىتىسىغا ئېلىپ چىققان «ئاپوللو» ئالەم كېمىسى چۈشىدىغان يەرنىڭ شەكلىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، ئايغا قونۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاندىن ئاي كېمىسىنى قويۇپ بەرگەن، ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۇنى ھەيدەپ ئايغا قونغان. ئاي كېمىسى ئايغا قونغاندىن كېيىن، بۆلمىنىڭ ئىشىكىدىن بىر شوتا چىققان. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى شوتىدىن مېڭىپ، ئاي كېمىسىدىن چۈشۈپ ئاي يېرىگە دەسسىگەن. 

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئايدا ئالەم كىيىمى، بېشىغا دۇبۇلغا، پۇتىغا يۈرۈش ئۆتۈك كىيگەن، ئۆشنىسىگە يەنە سومكا ئېسىۋالغان. بۇ سومكىغا ئالەم ئۇچقۇچىسى نەپەس ئالىدىغان ئوكسىگېن، ئالەم كىيىمى ئىچىدىكى تېمپېراتورا ۋە بېسىمنى تەڭشەيدىغان ئۈسكۈنىلەر قاچىلانغان. نەتىجىدە ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئېغىرلىقى 150 كىلوگرامغا يەتتى. ئەمما، ئاينىڭ تارتىشى يەر شارىدىن كىچىك بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئايدىكى ئېغىرلىقى 30 كىلوگراممۇ كەلمىدى، پۇتىنىڭ يەرگە سۈركىلىش كۈچى كىچىك، ئېغىرلىق مەركىزى كەينىگە چۈشىدىغانلىقتىن، كىشى ئايدا ماڭغاندا ئوڭايلا ئوڭدىسىغا يىقىلىدۇ. شۇڭا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پۇتلىرىنى جۈپلەپ سەكرەپ ماڭدى. 

ئايدا ھەرىكەت قىلىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلەشكە قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىدىن بىر ئاي ئاپتوموبىلى ئالغاچ چىققان. بۇ ئاپتوموبىل ئىككى ئادەمنى ئېلىپ ئايدا ماڭالايدۇ، يەنە چېكىنەلەيدۇ، ئايلىنالايدۇ، دۆڭگە چىقالايدۇ، سۈرئىتى ۋېلىسىپىتتىن تېز. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، ئاي كېمىسىدىن بىرنەچچە كىلومېتىر يىراق يەرلەرگىچە بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئەۋرىشكە يىغدى؛ يەنە رادىئو ئارقىلىق ئانا كېمىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالاقە قىلىپ تۇردى.

تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاي كېمىسى ئايدىن ئۇچۇپ، ئانا كېمە بىلەن چېتىلدى. ئايغا چىققان ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۇچار كېمىنىڭ قوماندانلىق بۆلمىسىگە قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئاي كېمىسى ئانا كېمىدىن ئاجراپ، ئايغا قايتىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئۇچار كېمىدىكى راكېتا ئوت ئېلىپ كەينىگە قاراپ ئۇچتى، ئاتموسفېرا قەۋىتىگە يېقىنلاشقاندا، ئۇچار كېمىنىڭ قوماندانلىق بۆلمىسى راكېتادىن ئاجرالدى، قوماندانلىق بۆلمىسى يەر شارى ئاتموسفېرا قەۋىتىگە كىرىپ، تىنچ ئوكيانغا چۈشتى ۋە شۇ يەردىن سۈزۈۋېلىندى. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#