ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى بولسا ئاخىرقى ئىنچىكە كانايچىلارنىڭ يىراق ئۇچىدىكى ھاۋا يولى ئېلاستىكلىقى ئاجىزلاش ، زىيادە چوڭىيىپ كېتىش , نەپەس يولى ۋە ئۆپكە ھەجمى چوڭىيىپ كەتكەن كېسەللىك ھالىتىدۇر . كېسەللىك سەۋەبى بويىچە ئۆپكە گازلىق ئىششىقى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل بولىدۇ : ياشانغانلارنىڭ ئۆپكە گازلىق ئىششىق كېسىلى , كومېنساتسىيىلىك ئۆپكە ھاۋا ئىششىقى , ئارىلىق ماددىلىق ئۆپكە گازلىق ئىششىقى ، ئوچاق خاراكتېرلىك ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى ، يان خاراكتېرلىك ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى ، توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى .
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۇزاق مۇددەت يۆتىلىش، دەم سىقىلىش ۋە ھاسىراش تۈپەيلىدىن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى يوقىلىپ، نەپەس چىقىرىش قىيىنلىشىپ، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ئىچىدىكى قالدۇق ھاۋا سىرتقا تولۇق چىقىرالماسلىقىتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ئۇزاق مۇددەتلىك يۆتەل، نەپەس قىيىنلىشىش، قول ئۇچى ۋە كالپۇك كۆكىرىش، كۆكرەك چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: بالەنگۇ ئۇرۇقى، ئاق قىچا ئۇرۇقى، غارىقۇن 10 گىرامدىن، ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقى، قەرمانە بەش گىرامدىن، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى چەككىلەپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلگەن دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گىرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: قىزىلگۈل بىر كىلوگرام، شېكەر تۆت كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈلنى ئۈزۈپ، ئەخلەتلىرىنى ئىلغاپ، تاسقاپ، تۆۋەن تەرىپىدىن ئاق يېرىنى كېسىۋېتىپ، بىر ھەسسە گۈلگە تۆت ھەسسە شېكەر ياكى ھەسەلنى ئۆزىگە ئالغۇدەك ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئەينەك شېشىگە قاچىلاپ، ئاغزىنى مەھكەم بېكىتىپ، 40 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇلىدۇ. ئەگەر دورا قۇرۇپ قېتىپ قالسا، ئەرەقى گۇلابتىن بىر ئاز قويۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. sfsef
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈندە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن سەككىز گىرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن كودچۇلا 18 گىرام، گاۋزىبان گۈلى، زۇرانبات، ئۈستقۇددۇس، كەتىرا، نارجىل، چىلغوزا، شاقاقۇل، لاچىندانە ئالتە گىرامدىن، ئاق سەندەل، قەلەمپۇر ئۈچ گىرامدىن، ئامىلە، قارا ھېلىلە 15 گىرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلنىڭ ئۈستىگە سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى گىرامدىن، بەش گىرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.