كالۋىن

كالۋىن فرانسىيە لىك تېئولوگ بولۇپ، 16-ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا دىننىي ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە يۈرگۈزگەن پىكرى 400 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق ئىنقىلابقا سەۋەبچى بولدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى كالۋىن
باشقا نامى Jean Chauvin،喀尔文、克尔文、卢卡纽斯
يۇرتى فرانسىيەنىڭ نېۋايىن شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1564-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 约翰·加尔文
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1509-يىلى
كەسپى تېئولوگ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كالۋىنكالۋىن فرانسىيە لىك تېئولوگ بولۇپ، 16-ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا دىننىي ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە يۈرگۈزگەن پىكرى 400 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق ئىنقىلابقا سەۋەبچى بولدى. 

كالۋىن تېئولوگىيە، ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى، شەخسىي ئەخلاق، خىزمەت ئادەتلىرى قاتارلىق ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ناھايىتى زور شۆھرەت قازانغان ھەمدە كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا نۇرغۇن يىللار تەسىر كۆرسەتكەن. 

كالۋىن 1509-يىلى فرانسىيە نىڭ نېۋايىن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، پارىژ شۆيۈەنى ۋە ئورلىئان ئۇنىۋېرسىتېتىدە قانۇن ئۆگەنگەن ھەمدە بورگىستا ئاتاقلىق قانۇنشۇناسلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان. 

كالۋىن سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى، ليۇتېر «95 ماددىلىق تىزىس» نى ۋىتتېبېرگ چېركاۋىنىڭ دارۋازىسىغا چاپلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پروتېستانت دىنى ئىسلاھاتىنىڭ ئۇلىنى سالغان، كالۋىن ياشلىق دەۋرىدە ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ پروتېستانت دىنى غا ئېتىقاد قىلغان. ئۇ ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پارىژدىن ئايرىلىپ، شۋېتسارىيىنڭ بازېل دېگەن يېرىدە ئەسلى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان. كالۋىن ئۇ يەردە تېئولوگىيە ئۆگىنىشكە بېرىلىپ كەتتى. 27 يېشىدا ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «خرىستىئان دىنىنىڭ پرىنسىپلىرى» دېگەن كىتابنى ئېلان قىلدى. بۇ كىتابتا ئۇ پروتېستانت دىنى نىڭ نوپۇزلۇق باياناتچىسى بولۇپ قالغان. 

1536-يىلى كالۋىن پروتېستانت دىنى كەڭ تارقالغان ۋە مۇستەھكەملەنگەن جەنۋەنى زىيارەت قىلدى. تەكلىپكە بىنائەن «ئىنجىل» دىن دەرس بەرگەن. بىراق ئۇ دىنىي ئىسلاھاتنى يۈرگۈزۈشتە بەك ئالدىراپ كەتكەنلىكتىن كالۋىن بىلەن جەنۋەلىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولغان. 

كالۋىن1538-يىلى كالۋىن جەنۋەدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. بىراق 1541-يىلغا كەلگەندە ئۇ يەنە جەنۋەگە تەكلىپ قىلىنغان. تاكى 1564-يىلى ئالەمدىن ئۆتكۈنچە ئۇ بۇ يەرنىڭ دىننىي داھىيسى ۋە خېلى ئابرويلۇق سىياسىي داھىيسى بولۇپ قالغان.

كالۋىن جەنۋەدە ئىستىبدات بولۇۋالمىغانىدى. چۈنكى، جەنۋە شەھىرى پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. شۇنداقلا 25 كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر كومىتېت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇراتتى. كالۋىن بولسا بۇ كومىتېتنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئەگەر بۇ كومىتېتىكى كۆپ ساندىكى ئەزالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىسە ھەر ۋاقىت ئەملىدىن ئېلىپ تاشلىنىش خەۋپى بار ئىدى (دەرۋەقە 1538-يىلى قوغلاندى قىلىنغان) . پەقەت 1555-يىلدىن كېيىن كالۋىن ئاندىن جەنۋەدە ئۆزى خالىغانچە ئىش يۈرگۈزەلەيدىغان ھۆكۈمرانغا ئايلاندى. 

كالۋىننىڭ رەھبەرلىكىدە، جەنۋە ئوتتۇرا ياۋروپادا پروتېستانت دىنى نىڭ ئەڭ چوڭ مەركىزى بولۇپ قالدى. كالۋىن باشقا دۆلەتلەرگە بولۇپمۇ فرانسىيە گە پروتېستانت دىنى نى داۋاملىق تارقىتىپ، جەنۋەنى «پرۇتېستانت دىنىنىڭ رىمى» غا ئايلاندۇرماقچى بولدى. 

كالۋىن دىننىي ئېتىقادتا كەچۈرۈمچىلەردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ قارشى چىققۇچىلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن تاقابىل تۇراتتى، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانى سېرژىت بولغان. سېرۋىت ئىسپانىيلىك تېئولوگ، چىش دوختۇرى بولۇپ، ئۇ ئۈچ بىرلىك تەلىماتىغا ئىشەنمەيتتى. سېرۋىت 1553-يىلى جەنۋەگە كەلگەن، كالۋىننىڭ پائالىيەت قىلىشى تۈپەيلىدىن، ئۇ «بىدئەت» دەپ ئەيىبلىنىپ، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، كالۋىن ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت گۇمان قىلىش بىلەنلا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن.

كالۋىن 1564-يىلى جەنۋەدە ئۆلگەن، ئۇنىڭ ئايالى 1549-يىلى ئۆلگەن، ئۇ بىرلا پەرزەنت كۆرگەن، ئۇنىڭ بۇ بالىسى تۇغۇلۇپلا ئالەمدىن ئۆتكەن. 

كالۋىننىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ بىۋاستە سىياسىي پائالىيەتلىرىدە بولماستىن، بەلكى بۇ بېكىتكەن ۋە ئېلان قىلغان سىياسەتلەردە، ئۇمۇ لۇتېرغا ئوخشاش رىم كاتولىك دىنى چېركاۋىنىڭ نوپۇزىنى ئىنكار قىلىپ، «ئىنجىل» نىڭ نوپۇزى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#