تۇربۇت
تۇربۇت بولسا ئۆسۈملۈك يىلتىزى ۋە تېنىنىـڭ ياغاچـلىـرى، بۇلۇپ توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش رولىغا ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۇربۇت بولسا ئۆسۈملۈك يىلتىزى ۋە تېنىنىـڭ ياغاچـلىـرى، شەكلى سىلىندىرسىمان شەكلىدە، سارغۇچ ئاق ياكى قارىغا مايىل، ئىچى كاۋاك،تېنى قاتتىق، پۇرىقى سۇس ،تەمى ئاچچىق. يۆگەيلەر ئائىلىسىدىكى پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ، كۈز پەسلىدە يېغۋىلىنىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدىن ھەم ھىندىستان، پاكىستان، ياۋروپا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
1. تۇربۇت ئۈستقۇددۇس 30 گرام، ئەفتىمۇن، بىستىپايەنج، قاتارلىقلاردىن 15 گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ ئىچىپ بەرسە، مېڭىنى تازىلايدۇ.
2. تۇربۇت ھەللە كابىلى، سانائى مەككى، سۆرۈنجان مىسرى، قاتارلىقلارنى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ سوقۇپ تالقانلاپ ئىچىپ بەرسە، چوڭ كىچىك بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. تۇربۇت ئۈستقۇددۇس ، بىستىپايەچ، ئەفتىمۇن، ئامىلە، قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تالقانلاپ ئىچىپ بەرسە، مېڭە، ئاشقازاندىكى ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ.
سىپوپى تۇربوت، ھەببى توربوت ، ھەببى ئايارەچ، سۆرۈنجان كاپسۇلى
سۇلۇق ئىششىق، بوۋاسىر، چوڭ بوغۇم ئاغرىقى، ئۇششاق بوغۇملار ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، يۆتەل، زىققە، مالىخولىيا، پالەچ، لەقۋا، رەئىشە، بەرەس، بەھەق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.