دېگولل
دېگولل (1890-1970-يىللار) بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش چېغىدا پارىژ ئالىي ھەربىي ئىنستىتۇتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دا يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقانلىقى ئۈچۈن، تانكا برىگادىسىنىڭ قوماندانلىقىدىن گېنېراللىققا ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىر ئورۇنباسارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دا فرانسىيە قولدىن كېتىپ، ۋەتەننىڭ تاغ-دەريالىرى خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن. مىللەت ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان جىددىي پەيتتە، دېگولل دەرھال ئەنگلىيە گە بېرىپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قېلىشقا ھەرىكەت قىلغان. ئۇ لوندون رادىئو ئىستانسىسىدا مەشھۇر «18-ئىيۇن چاقىرىقى» نى ئېلان قىلىپ، «ئەركىن فرانسىيە» ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى كېيىن «فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتى» غا ئۆزگەرتىلگەن. 1943-يىلى ئۇ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى فرانسىيە خەلقىنىڭ داھىيسى بولغان، كېيىن ئەنگلىيە، يېقىن شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ئارىلىقىدا چېپىپ يۈرۈپ، فاشىزمغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، فرانسىيە ۋە پۈتۈن دۇنيادا ئالىي شۆھرەت ۋە ئىززەت-ئېھتىرامغا سازاۋەر بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، فرانسىيە دۆلەتنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشتەك مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، دېگولل نوپۇزلۇق ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ تەشەببۇسى پارلامېنتتىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئۇ ئاخىر1946-يىلى1-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ۋە كىتاب يېزىشقا كىرىشىپ، «ئۇرۇش ۋە ئەسلىمە» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان ھەمدە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، سىياسىي ۋەزىيەتكە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلغان.
دېگولل 1958-يىلىدىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ، فرانسىيە 5-جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى بولغان، 1969-يىلى 4-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە، مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، چوڭ دۆلەتلەر دۇنيانى ئىدارە قىلىۋالىدىغان ۋەزىيەتكە قارشى تۇرغان. فرانسىيىنىڭ ھەربىي ئىشلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈۋېتىلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئاپپاراتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى فرانسىيە غەرب ئەللىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن 1964-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.
دېگولل 1970-يىل 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.