ھەيز قالايمىقانلىشىش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھەيز قالايمىقانلىشىشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدان پائالىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ھەيز كۆپ كېلىش، ھەيز بەك ئاز كېلىش، ھەيز بوغۇلۇش (18 ياشقا كىرگەندىمۇ ھەيز كەلمەسلىك) ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ھەيزنىڭ نورمالسىزلىق ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان فىزىيولوگىيەلىك ئامىللار
1. كەيپىيات نورمال بولماسلىق
كەيپىيات بىنورمال ئۇزۇن مەزگىل روھى بېسىم بولۇش، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇش ياكى بەك چوڭ روھى زەربىگە ئۇچراش ۋە پىسخىكىلىق زەخمەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز بولسا تۇخۇمدان ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە تەسىر قىلغاندىن كېيىن شەكىللىنىدىغان بولۇپ، تۇخۇمداننىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشى يەنە مېڭە ئاستى بېزى ۋە تۆۋەنكى دۆڭچە مىڭنىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنىڭ تىزگىنلىشىدە بولىدۇ. شۇڭا، مەيلى تۇخۇمدان، مېڭە ئاستى بېزى بولسۇن ۋە ياكى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە بولسۇن قايسى بىرىنىڭ ئىقتىدارىدا ئۆزگىرىش بولسا ھەيزنىڭ نورمال ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2. سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرى
تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە سوغۇققا ئۇچرىسا، داس بوشلۇقىدىكى قان-تومۇرلار ھەددىدىن زىيادە قىسقىراپ، ھەيز ئازىيىش ھەتتا توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇڭلاشقا، ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇشى، ھەددىدىن زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىشى بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلىدە سوغۇق ۋە ھۆل مۇھىتتىن ساقلىنىشى كېرەك.
1-رېتسېپ
تەركىبى: سۇمبۇل 12 گىرام، قۇستە شېرىن، قىزىلگۈل، قوۋزاقدارچىن، پىلپىل توققۇز گىرامدىن، جېنتىيانا، رۇمبەدىيان، يىلان پوستى ئالتە گىرامدىن، زەپەردىن ئىككى گىرام، خولىنجان، ئېگىر توققۇز گىرامدىن. ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: ئەنجىبار 100 گىرام، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل، ئانارگۈلى، فۇپەل 30گىرامدىن، شېكەر ئىككى كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلاردىن بىر سوتكا سۇغا چىلاپ قويۇپ، ئاندىن قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، شېكەر بىلەن قىيام تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: سېرىق ئوت، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، ئۈستقۇددۇس ھىندى، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم 30 گىرامدىن، بىستىپايەج ھىندى 15 گىرام، ئاق تۇربۇت 12 گىرام، سانا 21 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئۈستقۇددۇس، سانا، سېرىق ئوتتىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، 400 مىللىلىتىر سۇغا بىر كۈن چىلاپ، سۇس ئوتتا 200 مىللىلىتىر سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ، سېرىق ئوتنى خالتىغا ئېلىپ، گۈل دورىلارنى بىرگە سېلىپ، ئىككىلا قايناتقاندىن كېيىن ئوتنى توختىتىپ، قازاننى چۈشۈرۈپ، دورا سوۋۇغاندىن كېيىن پاكىز خام بىلەن سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، چىققان سۇيۇقلۇقنى ۋارونكا ئارقىلىق پاكىز سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ھەيز مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
قىز – ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە
ھەيز قالايمىقانلىشىش نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.