قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى

قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈر

خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىكى خادىملاردىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى 1998-يىلى9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىكى خادىملاردىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى
ئېلان قىلغان ئورۇن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى
خەنزۇچە نامى 人民法院审判人员违法审判责任追究办法
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت 1998-يىلى9-ئاينىڭ 4-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ چارە سوتچى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەدلىيە ئادىللىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيىلەر قانۇنى» ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىكى سوتچى خادىملاردىن سوت قىلىش ۋە ئىجرا خىزمىتىدە سوت خىزمىتىگە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

3-ماددا قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتى، قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتى، سۇبيېكتىپ سەۋەنلىكى ھەمدە قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان ئاقىۋەتكە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

4-ماددا قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، قانۇن-ئىنتىزام ئالدىدا ھەممە ئادەم باپباراۋەر بولۇش ھەمدە جاۋابكارلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش، جازا خاتالىقىغا ماس كېلىش، جازا بىلەن تەربىيىنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.

ئىككىنچى باب سۈرۈشتۈرۈش دائىرىسى

5-ماددا قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك دېلونى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوبۇل قىلمىغان ياكى قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان دېلونى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلغان ۋە ياكى ئۆز ئالدىغا دېلو قوبۇل قىلغان بولسا.قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك دېلونى سەۋەنلىكتىن قوبۇل قىلمىغان ياكى قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان دېلونى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا.

6-ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن چەتلەپ تۇرۇش ئەھۋالى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن قانۇن بويىچە چەتلەپ تۇرماي ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن چەتلەپ تۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن ئىلتىماسلاردا قەستەن چەتلەپ تۇرۇش قارارى چىقارماي، دېلونى ئادىل سوت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزگەن بولسا.

7-ماددا سوتچى خادىملار تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت خىزمىتىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئارىلاشقان بولسا.

8-ماددا دەۋاگەر ۋە ئۇنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دېلونى مۇھىم پاكىتىنى بېكىتىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ئۆز ئالدىغا توپلىيالماي، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ توپلىشىنى تەلەپ قىلغاندا، مۇناسىۋەتلىك سوتچى خادىملار قەستەن توپلىماي ھۆكۈم-كېسىمنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا.

9-ماددا خىزمەت ھوقۇقى بويىچە دېلونىڭ ئاساسىي پاكىتىنى بېكىتىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى باھالاش، تەكشۈرۈش، سۈرۈشتۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ياكى دەلىل-ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، قەستەن ئۇنداق قىلماي ھۆكۈم-كېسىمنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا.

10-ماددا دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئۆزگەرتكەن، يوشۇرغان، يالغاندىن ياسىغان، ئوغرىلىقچە ئالماشتۇرۇۋەتكەن ياكى قەستەن يوقىتىۋەتكەن ۋە ياكى يول كۆرسىتىش، قوللاش، ئەقىل ئۆگىتىش ئارقىلىق باشقىلارغا يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن ياكى تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن دەلىل-ئىسپات توپلىغان بولسا.دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى يوقىتىپ قويۇپ ياكى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇۋېتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا.

11-ماددا سوت خاتىرىسى، كېڭەشمە سوتنىڭ باھالاش خاتىرىسى، سوت ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرە خاتىرىسىنى ئۆزگەرتكەن، يالغاندىن ياسىغان ياكى قەستەن يوقىتىۋەتكەن بولسا.

12-ماددا كېڭەشمە سوتقا، سوت ھەيئىتىگە دېلو ئەھۋالىنى دوكلات قىلغاندا، ئاساسىي دەلىل-ئىسپات ۋە مۇھىم ئەھۋاللارنى قەستەن يوشۇرغان ياكى يالغان ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسا.ئاساسىي دەلىل-ئىسپات ۋە مۇھىم ئەھۋاللارنى چۈشۈرۈپ قويۇپ ھۆكۈم-كېسىمنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا بولغان بولسا.

13-ماددا سوت ھەيئىتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلمىغان ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم-كېسىمىنى ئىجرا قىلمىغان بولسا.

14-ماددا پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، خاتا ھۆكۈم، كېسىم چىقارغان بولسا.سەۋەنلىكتىن ھۆكۈم، كېسىمنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا.

15-ماددا قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە قەستەن خىلاپلىق قىلىپ مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىپ ياكى ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا.مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللانغاندا، سەۋەنلىكتىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا.

16-ماددا خاتا ھالدا ئالدىن ئىجرا قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلار ياكى دېلو سىرتىدىكىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا.

17-ماددا ئىجرا خىزمىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلار، دېلو سىرتىدىكىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا:

1) ئۈچىنچى كىشى ياكى دېلو سىرتىدىكىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى قەستەن قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىجرا قىلىش؛

2) ئىجرا قىلىنغان مال-مۈلۈكنى قەستەن قايتا پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىپ قويۇش؛

3) ئىجرا قىلىنغان مال-مۈلۈكنى قەستەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ پېچەتلەش، توڭلىتىپ قويۇش، تۇتۇپ قېلىش ۋە سېتىۋېتىش؛

4) ئىجرا قىلىنغان مال-مۈلۈكنى باھالاش، ئۇنىڭغا باھا قويۇش ۋە ئۇنى سېتىشتا ئالاقىدار تارماقنىڭ باھانى تۆۋەنلىتىشى ياكى ئۆستۈرۈشىگە يول كۆرسىتىش؛

5) قانۇن بەلگىلىمىسىگە قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، ئىجرانى كېچىكتۈرۈش، توختىتىپ قويۇش ۋە ئاياغلاشتۇرۇش.

18-ماددا دەۋا ھۆججىتىنى ئۆز ئالدىغا تەييارلىغان ياكى دەۋا ھۆججىتىنى تەييارلاشتا كېڭەشمە سوتنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە، سوت ھەيئىتىنىڭ قارارىغا قەستەن خىلاپلىق قىلغان بولسا.سەۋەنلىكتىن دەۋا ھۆججەتلىرىنى خاتا تەييارلاپ ۋە يەتكۈزۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا.

19-ماددا قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە قەستەن خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان بولسا.مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغاندا، سەۋەنلىكتىن ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ياكى ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان بولسا.

20-ماددا دېلو بېجىرىشنى قەستەن كەينىگە سۆرەپ ياكى سەۋەنلىكتىن دېلو بېجىرىشنى كېچىكتۈرۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا.

21-ماددا قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە قەستەن خىلاپلىق قىلىپ جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى كېمەيتىش، ئۇلارنى شەرتلىك قويۇپ بېرىش ھەققىدە كېسىم چىقارغان بولسا.

22-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، سوتچى خادىملار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:

1) قانۇن-نىزاملارنى چۈشىنىش ۋە تونۇش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك تۈپەيلىدىن ھۆكۈم-كېسىم خاتا چىقىرىلىپ قالغان بولسا؛

2) دېلودىكى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى تونۇش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك تۈپەيلىدىن ھۆكۈم، كېسىم خاتا چىقىرىلىپ قالغان بولسا؛

3) يېڭى دەلىل-ئىسپات كۆرۈلگەنلىكتىن ھۆكۈم، كېسىم ئۆزگەرتىلگەن بولسا؛

4) دۆلەت قانۇنىغا تۈزىتىش كۆرۈلگەنلىكتىن ھۆكۈم، كېسىم ئۆزگەرتىلگەن بولسا؛

5) جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغان باشقا ئەھۋاللار بولسا.

ئۈچىنچى باب قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى

23-ماددا تەنھا سوتچى قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلغان بولسا، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

24-ماددا كېڭەشمە سوت ئەزالىرى دېلونى باھالاشتا قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە قەستەن خىلاپلىق قىلىش ياكى پاكىتلارنى بۇرمىلاش، قانۇننى خاتا چۈشەندۈرۈش تۈپەيلىدىن باھالاش يەكۈنى خاتا چىقىرىلغان بولسا، خاتا يەكۈن چىقىرىشقا سەۋەبچى بولغان خادىم جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

25-ماددا سوت ھەيئىتى ئەزالىرى دېلونى مۇزاكىرە قىلغاندا، قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە قەستەن خىلاپلىق قىلىپ ياكى پاكىتلارنى بۇرمىلاپ، قانۇننى خاتا چۈشەندۈرۈپ، خاتا قارار چىقىرىلغان بولسا، خاتا قارار چىقىرىشقا سەۋەبچى بولغان خادىم جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.سوت ھەيئىتى رىياسەتچىسى دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ سوت ھەيئىتىنىڭ خاتا قارار چىقىرىشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا، رىياسەتچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

26-ماددا مەھكىمە باشلىقى، كوللېگىيە باشلىقى قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە قەستەن خىلاپلىق قىلىپ ياكى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، تەنھا سوتچى ياكى كېڭەشمە سوتنىڭ خاتالىقىنى قانۇن تەرتىپى بويىچە ئۆزگەرتمەي، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ھۆكۈم، كېسىم چىقىرىشقا سەۋەبچى بولغان بولسا، مەھكىمە باشلىقى، كوللېگىيە باشلىقى، تەنھا سوتچى ياكى كېڭەشمە سوتتىكى ئالاقىدار خادىملار مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

تۆتىنچى باب قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلىش جاۋابكارلىقىنى بېكىتىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش

27-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم-كېسىمى ۋە قارارىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولغانلىقىنى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت تەشكىلاتى بېكىتىدۇ.

28-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان فۇنكسىيىلىك تارماق؛ ئۇ قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلىش يىپ ئۇچىنى توپلاشقا مەسئۇل بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلىش جاۋابكارلىقىنى تەكشۈرىدۇ ھەمدە جاۋابكارلىقى بولغان خادىملارنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

29-ماددا مەمۇرىي تەپتىش تارمىقى ئىككىنچى سوت ۋە سوت نازارەتچىلىكى جەريانىدا سوتچى خادىملارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلىش يىپ ئۇچىنى سېزىشى لازىم.خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت تەشكىلاتلىرى ۋە سوتچى خادىملىرى مەمۇرىي تەپتىش تارمىقىنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىپ، سوت خىزمىتىدە سېزىلگەن قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلىش يىپ ئۇچىنى ئۇنىڭغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئۇنى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىشى لازىم.

30-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي تەپتىش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلىش يىپ ئۇچى بولغانلىرىدا مەمۇرىي تەپتىش تارمىقى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي تەپتىش تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىشى لازىم.

31-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تارمىقى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار سوتچى خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولسىمۇ سۈرۈشتۈرمىدى دەپ قارىسا، بۇنى مەھكىمە باشلىقىنىڭ قارار قىلىشىغا دوكلات قىلىشى، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنى ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بۇيرۇشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

32-ماددا جاۋابكارلىقى بولغان خادىملارنى سۈرۈشتۈرۈشنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىش لازىم:

1) جاۋابكارلىقى بولغان ئالاقىدار خادىملاردىن قىلمىشى يېنىك بولغانلىرىنى ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇش ياكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق تەنقىد قىلىش كېرەك؛

2) قىلمىشى بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، ئىنتىزام جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىغا «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى سوت ئىنتىزامى جازاسى بېرىش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»غا ئاساسەن مۇناسىپ ئىنتىزام جازاسى بېرىش لازىم؛

3) جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئالاقىدار ئەدلىيە تارمىقىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بېرىش كېرەك.

33-ماددا قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلىش جاۋابكارلىقىغا ئائىت دېلولاردا دېلو ئېچىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش، ئەرز قىلىش ئىشىنى «خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تارمىقى دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى»دا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىش لازىم.

بەشىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ

34-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان سوتچى خادىملار ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىكى سوتچىلار، ياردەمچى سوتچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىجراچىلار، پۈتۈكچىلەر، قانۇن ساقچىلىرى، ئەدلىيە باھالىغۇچىلىرىغا مۇشۇ چارە تەتبىقلانسا بولىدۇ.

35-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#