باينام تەبىئىي مەنزىرە رايونى
باينام تەبىئىي مەنزىرە رايونى شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسى ماندان يېزىسى چىگرا ئىچىگە، ناھىيە بازىرى شەرقىي جەنۇبىغا 35 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1600 مېتىردىن 2000 مېتىرغىچە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
باينام تەبىئىي مەنزىرە رايونى جىڭ ناھىيەسى ماندان يېزىسى چىگرا ئىچىگە، ناھىيە بازىرى شەرقىي جەنۇبىغا 35 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1600 مېتىردىن 2000 مېتىرغىچە.
بۇ يەردە ئېگىز تاغلار، قارغايلىق ئورمان، ئېرىقتىكى بۇلاق سۈيى بۇلدۇقلاپ ئېقىپ تۇرغان، گۈل-گىياھلار بۈك-باراقسان، كىگىز ئۆي، ئەتكەن چاي ھىدى، سۈزۈك بۇلاق سۈيى قاتارلىق مەنزىرلىرى ۋە ئەۋزەل شارائىتلىرى بىلەن ئالاھىدە جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان تىپىك ئېگىز تاغ ۋېرتىكال تارقىلىش مەنزىرە رايون.
تاغ باغرىدا تۇتاش قارغايلىق، توغراقلىق، ئازغانلار باھاردا يېشىل رەڭگە كىرىپ، ياز پەسىللىرىدە چېچەكلەيدۇ، كۈز پەسلىدىكى رەڭگى تېخىمۇ مول، قىشتا ئاپپاق قاردىن لىباس كىيگەن بۇلۇپ مەنزىرىسى كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. تاغ ئارىسىدىكى تاغنىڭ تەسكەي تەرىپى ئېگىز تاغ ئورمان كېدىر قارىغىيى بۇلۇپ، بۈك-باراقسان كۆككە تاقىشىپ تۇرىدۇ. تاغ چوققىسىغا يەر يۈزى تۈز ھەم كەڭ، نەمخۇش تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق كېلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.