شېكەرتىغال
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆسۈملۈك چوڭ خوخا يوپۇرمىقىنىڭ ئۈستىدىكى قۇرت قاپارتقۇسى بولۇپ، بۇ چوڭ تۇمشۇقلۇق قۇرتنىڭ پارازىتلارچە ياشىشى ئارقىسىدا ھاسىل بولىدۇ، مۇشۇ ھاسىلات «شېكەر تىغال» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆپكە، كاناينى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، سىلىقلاشتۇرۇش، بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش، يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتى بار.
2. سۈيدۈك ھەيدەش،قان بېسىمنى تۆەنلىتىش رولى بار.
1. شېكەرتىغالدىن 10 گرام، بادام مېغىزى، چىلغوزا مېغىزىدىن ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ، ئىچسە كۆكرەكنى يۇمشىتىدۇ.
2. شېكەرتىغال 5 گرام، سەرپىستان 6 گرام، بادام مېغىزى 10 گرام، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە بەلغەم بوشىتىدۇ.
3. شېكەرتىغال 5 گرام، پىرسياۋشان 9 گرام، زۇپا7 گرام، ئەنسىل10 گرام، قايناتما ياكى كاشكاپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە ياللۇغى
ۋە يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.