تاماكا يوپۇرمىقى
تاماكا يوپۇرمىقى بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى بۇلۇپ «تاماكا»نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.مېڭىدىكى ھۆللۈكللەرنى تازىلاش ۋە مېڭە ئەسەبلەرنى قوزغىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تاماكا يوپۇرمىقى بولسا پىدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تاماكا بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى «تاماكا»نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك ياكى ئېللىپسسىمان تېمىنە شەكىللىك يوپۇرماق ساپىقى قىسقا، پەيسىمان بولىدۇ. ئالدى يۈزى سارغۇچ خورما رەڭلىك، ئارقا يۈزى سۇسراق، ئاساسىي تومۇرى كەڭ ھەم تومپىيىپ چىققان، نۇرغۇنلىغان بەز تۈكچىلىرى بار، سەل نەمدەلسە يېپىشقاقلىق پەيدا قىلىدۇ. پۇرىقى ئۆتكۈر، تەمى ئاچچىق بولىدۇ.ئۆسۈملىكى يېتىلىپ، يوپۇرمىقىدىكى تۇكچىلەر چۈشۈپ پارقىراق ھالەتكە كەلگەندە يېغىۋېلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ ياكى قاقلاپ قۇرىتىپ ساقلىدىدۇ.شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
تاماكىنىڭ پۈتۈن چۆپىدە زەھەرلىك تەركىپلەر بولۇپ،قوزغۇتۇش، روھلاندۇرۇش، ،ئۇيقىنى قاچۇرىش تەسىرى بار. تاماكىنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى بىمارلارغا ناچار تەسىرى بار. ئادەتتە يۈرەك رىتىمى نورمالسىز بولۇش ۋە تاجسىمان قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تاماكىنى كۆپرەك چەكسە يەنە باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق نېرۋا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۈنۈملۈك تەركىبى
تەركىبىدە %1~%9 كىچە ئالكولوئىد ۋەروتىن (Rutin)، ئورگانىك كىسلاتالار، ماي، دېۋىرقاي، ئانئورگانىك ماددىلارنى تۇتىدۇ، تاماكا يوپۇرمىقىدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان ئالكولوئىد 41 خىل بولۇپ، بۇنىڭدىن21 خىلىنىـڭ قۇرۇلمىـسى بېـكىتىلىپ بولـدى، بـۇلاردىن ئاساسلىقـى نىـكوتىـن (Nicotine)،ئانابازى (Anabasine)، ئاناتابىن (Anatabine) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
تاماكىنىڭ پۈتۈن چۆپىدە نىكوتىن تۇتىدۇ. پەقەت يوپۇرمىقىنىڭ تۇتقان مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، پۈتۈن چۆپىدە تۇتقان مىقدارىنىڭ %64 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا يىلتىزىدا %13، غولىدا %18، گۈلىدە %5 بولىدۇ.
1. ھۆللۈكتىن بولغان چىش ئاغرىقى، يۆتەل، دەم سىقىلىش، بۇرۇن قاناش، ھەرخىل كونا جاراھەتلەرگە، چىش ئاغرىقىغا سۇپۇپ قىلىپ تەييارلاپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2.تاماكىدىن 0.1 گرام، قىزىل گۈل يېغىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، زەخىملەرگە سۈرسە تېز ساقىيىدۇ. جاراھەتلەرنى تازىلايدۇ.
3.قەلەمپۇر، پىلپىل، قارىمۇچ قاتارلىقلاردىن 5 گرامدىن، تاماكىدىن 0.5 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ بۇرنىغا تارتىپ بەرسە، مېڭىدىكى ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتىدۇ.
سىرتقى جاراھەت، بۇرۇن قاناش، ھەر خىل كونا جاراھەتلەر، چىش ئاغرىقى،ئىششىق تارقىتىش،پۇت تەمرەتكۈسىقاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.