تۈرمىدىن قېچىش 5-بۆلۈم
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھەممىمىزگە مەلۇم تۈرمىدىن قېچىش 4-بۈلۈمى مايكولنىڭ «ئۈلۈمى» ۋە باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى، ھالبۇكى 6 يىلدىن كىيىنى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تۈرمىدىن قېچىش 5-بۈلۈمى يەنى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئاخىرقى بۈلۈمى قويۇلۇشقا باشلىدى، ھەممىڭلارغا تۇنۇشلۇق بولغان ھىيلىگەر تۈلكە «چاي خالتىسى» ( روبېرت كنېپپېر) تۈرمىدىن چىقىپ مەخپىي ئورگانلار تەرىپىدىن مايكولنىڭ تېخى ھاياتلىقى توغرىسىدىكى ئاخباراتقا ئىرىشىپ، مايكولنىڭ ئاكىسى لىنكىنغا مەزكۇر ئاخباراتنى يەتكۈزىدۇ.
مەزكۇر بۈلۈمدىكى ۋەقەلىكلەر، كۆرۈنۈشلەر ناھايىتى ھاياجانلىق بۇلۇپ ھەربىر كۈرۈمەننى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ.
بۇ بۈلۈم 2017-يىلى 4-ئاينىڭ-4-كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتە ئامېرىكا ۋاقتى چارشەنبە كۈنى قويۇلىدۇ، ئۇدا 9 ھەپتە قويۇلىدۇ. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى مەيلى چەتئەللىك مەستانىلەرنى بولسۇن، مەيلى دىيارىمىزدىكى مەستانىلەرنى بولسۇن قاتتىق ھاياجانغا سالغان.
تۈرمىدىن قېچىش 5-بۆلۈمىدە ئۆلۈپ كەتكىلى 7 يىل بولغان مايكولنىڭ يەمەندىكى بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كېلىدۇ.
مايكولنىڭ ئاكىسى لىنكىن ( دۇمىنىك پۇرسېل) شۇنىڭ بىلەن ئىنىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ۋە قېرىنداشلىق مىھرى ئۈچۈن ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەتلىنىدۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ناتونۇش كىشىلەرنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرىشىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئامان قالىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ فوكىس دەرياسىدىن بىرلىكتە قاچقان سەپداشلار بىر بىرلەپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىملىق تۈرمىدىن قېچىش ھەرىكىتى باشلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
تۈرمىدىن قېچىش 5-بۈلۈم ئارتىسلار تىزىملىكى
«تۈرمىدىن قېچىش» فىلىمىنىڭ 5-بۆلۈم 1-قىسمى بۈگۈن قويۇلدى
T-Bag قاتارلىق ئاساسلىق ئەر رولچىلار يېڭى «تۈرمىدىن قېچىش» قا قايتىدۇ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.