شاتىرەنجى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك شاترەنجىنىڭ يىلتىزى بولۇپ،بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى شاترەنجى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
يىلتىزى
پالەچ، لەقۋا، پەي - مۇسكۇللار بوشاپ كېتىش، ھەزىم ئاجىزلىقلىرى، بوغۇم ئاغرىقى،بەل ئاغرىقى، بەرەس، بەھەق، قىچىشقاق، تەمرەتكە، تېرە قاسراقلىشىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
تېرىنى قۇۋۋەتلەش، چىراينى پارقىرىتىش، تېرىلەرنى قىزارتىش، غىدىقلاش، پەي - مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، باھنى قۇۋۋەتلەش، قۇيۇق خىلىتلارنى سۈرۈش، ئاۋازنى ساپ قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .
مەركىزىي نېرۋا سىستېمسىنى قوزغىتىدۇ، مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە پالەچلەندۈرىدۇ، باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش رولى بار.
1. شاتىرەنجى ۋە سامساقتىن 10 گرام، باپچىدىن 7 گرام، زەيتۇن يېغىدىن 10 گرام ئېلىپ مەلھەم تەييارلاپ چېپىپ بەرسە بەرەس، بەھەققە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. شاتىرەنجى، ئاقىرقارھا دىن 10 گرام ، قارامۇچتىن 5 گرامنى ئىككى دانە تۇخۇم سېرىقى بىلەن قوشۇلۇپ سۇپۇپ قىلىپ بەرسە باھ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. شاتىرەنجى، ھوماما، بەدىيان، زەنجىۋىل قاتارلىقلاردىن 10 گرام، ئاقىرقارھادىن 7 گرام، توربوتتىن 5 گرام، ھەسەل
ئىككى ھەسسە ئېلىپ مەجۇن تەييارلاپ بەرسە بەدەندىكى غەيرى تەبىئىي خىلىتنى سۈرىدۇ.
4. سىركە بىلەن قوشۇپ شۈمۈپ بەرسە ياكى يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە بوغۇم ئاغرىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.