زىراپە

دۇنيادىكى نەچچە مىڭ خىل ھايۋان ئىچىدە زىراپىنىڭ بويى ھەممىدىن ئېگىز. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھايۋان بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا بويىچە ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى زىراپە
خەنزۇچە ئىسمى 长颈鹿
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى
ئائىلىسى زىراپە ئائىلىسى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Giraffe
تارقالغان رايونلار ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۇمى
ئۇرۇقداشلىرى زىراپە ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زىراپەزىراپە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا ياشايدۇ. ئۇلار كەڭ قۇرغاق رايونلاردا توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھايۋان بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا بويىچە ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى. تىنى بىر قەدەر قىسقا، پۇتلىرى ئۇزۇن ھەم كۈچلۈك،  ئالدى پۇتى ئارقا پۇتىغا قارىغاندا سەل ئۇزۇنراق بولۇپ قۇيرۇقى قىسقا كىچىك كېلىدۇ. قۇيرۇق ئۇچىدا قارا رەڭلىك بىر تۇتام تۈكى بولىدۇ.  تىلى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئاساسلىقى چۆپ ۋە يوپۇرماقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.

يېتىلگەن ئەركەك زىراپىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە بەش مېتىردىن ئاشىدۇ. بەزى ئالاھىدە چوڭ ئەركەك زىراپىلەرنىڭ بويى ئالتە مېتىرغا يېتىدۇ.

زىراپىنىڭ بوينى نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا ئۇزۇن بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، زىراپىنىڭ ئۆزگىچە بەدەن شەكلى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق رىقابىتى ۋە مۇھىتقا ماسلىشىش كۈرىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.[0]

زىراپەبەزى ئالىملار «تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق چېكىنىشتىن ساقىلىنىش» نەزەرىيىسى ئارقىلىق زىراپىنىڭ ئېگىز بولۇشىدىكى سەۋەبنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: زىراپىنىڭ ئەجدادى ئوت-چۆپسىز يېرىم قۇملۇق رايونلاردا ياشىغان بولغاچقا، ئۇلار ھاياتلىق ئۈچۈن بوينىنى تازا سوزۇپ دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يېيىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، زىراپىنىڭ بوينى بارغانسېرى ئۇزىراپ، ئاخىر بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن.

يەنە بەزى ئالىملار زىراپىنىڭ ئېگىز بولۇشىنى تەبىئىي شاللىنىش نۇقتىئنەزىرى بويىچە مۇنداق چۈشەندۈرگەن: زىراپىنىڭ ئەجدادلىرى پۈتۈنلەي ئېگىز بويمۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ بوينىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىدا مۇئەييەن پەرق مەۋجۇت. زىراپىلەر ئاپەتكە ئۇچرىغاندا، بوينى ئۇزۇنلىرى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يەپ ھايات قالغان، بوينى قىسقىلىرى بولسا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. تەبىئەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك شاللىشى نەتىجىسىدە، بوينى ئۇرۇن زىراپىلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ بۈگۈنگىچە كەلگەن. قىسقىسى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش جەريانىدۇر.

بوبرا كىيىك قانداق ھايۋان؟

ھازىرقى رېئال دۇنيادا، بوبرا كېيىك دەيدىغان بۇنداق غەلىتە مەخلۇقنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا، بوبرا كېيىك زادى قانداق ھايۋان؟

زوئولوگلار يەر شارىدا بوبرا كىيىكىنىڭ بولۇپ باقمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قەدىمكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى بوبرا كېيىك ھازىرقى ھايۋانات باغچىلىرىدىكى زىراپە بولسا كېرەك. چۈنكى نۇرغۇن قەدىمكى كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە، بوبرا كىيىك مۆرىيەلمەيدىكەن، ئالدى پۇتى توققۇز چى، كەينى پۇتى ئالتە چى، بوينىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر جاڭ ئالتە چى كېلىدىكەن، ئىككى كالتە مۈڭگۈزى، كالىنىڭكىگە ئوخشىشىدىغان قۇيرقى بار ئىكەن، بەدىنى كىيىكنىڭكىگە ئوخشىشىدىكەن، ھايۋانات دۇنايسىدا پەقەت زىراپىنىڭ تۇرقىلا مۇشۇنداق تەسۋىرگە ئەڭ يېقىن كېلىدۇ.

يەنە، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا بوبرا كىيىك ئىسسىق بەلۋاغدا ياشايدۇ دەپ خاتىرىلەنگەن، زىراپىنىڭ ئەسلىي يۇرتىمۇ ئىسسىق بەلۋاغ ئافرىقىدا، ئافرىقا مەملىكىتىمىزدىن بەكلا يىراق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر ھەقىقىي زىراپىنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ قىياسى ۋەپەرەزلىرىگە ئاساسەن بوبرا كىيىكىنىڭ سىياقىنى خىيالىي سۈرەتلەپ چىققان. ئافرىقىدىكى سومالىدا كىشىلەر زىراپىنى «بوبرا كېيىك» دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ «(بوبرا كېيىك)» نىڭ ئوقۇلۇش ئاھاڭى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#