جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ–تۇپراقنى ساقلاش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى

سۇ–تۇپراقنى ساقلاش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ–تۇپراقنى ساقلاش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى 1994-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن. 


ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ–تۇپراقنى ساقلاش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1994-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国水土保持法实施办法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-نومۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ-تۇپراقنى ساقلاش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى» 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

2013-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى

1-ماددا بۇ چارە سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ-تۇپراق بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، سۇ، قۇرغاقچىلىق، قۇم-بوران ئاپەتلىرىنى يېنىكلىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ-تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە سۇ-تۇپراقنى ساقلاشتا مۇشۇ چارىگە رىئايە قىلىش كېرەك.

3-ماددا سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىلمىي باشقۇرۇش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ؛ كىم ئېچىپ پايدىلانسا، شۇ ئاسراش، شۇ تولۇقلىما بېرىش، سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشكە كىم سەۋەبچى بولسا، شۇ تىزگىنلەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى؛ سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ نۇقتىلىق ئالدى ئېلىنىدىغان ۋە نۇقتىلىق تىزگىنلىنىدىغان رايونلاردا، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش نىشانى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە باھالاش، مۇكاپاتلاش، جازالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

5-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرغان ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە سۇ-تۇپراقنى ساقلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات، ئىقتىساد-ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مالىيە، زېمىن بايلىقى، تۇرالغۇ-شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.

يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

6-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سۇ-تۇپراقنى ساقلاشقا دائىر تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، سۇ-تۇپراقنى ساقلاشقا دائىر پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، جامائەتنىڭ سۇ-تۇپراق ساقلاش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش تەشۋىق-تەربىيەسى ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ سۇ-تۇپراقنى ساقلاش پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىغا، ئىلغار، ياراملىق بولغان سۇ-تۇپراقنى ساقلاش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشىگە، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشىغا، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

7-ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ-تۇپراق بايلىقىنى ئاسراش، سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە ئۇلار سۇ-تۇپراق بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ. سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

8-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇ-تۇپراق ئېقىپ كەتكەن جايلارنىڭ تارقىلىشىنى، تۈرىنى، كۆلىمىنى، خەۋپىنى ۋە ئۆزگىرىشىنى، شۇنىڭدەك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلانى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىش كۆلىمى، يالىنىش تۈرى، تارقىلىش ئەھۋالى ۋە دەرىجىسى؛

(2) سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىش سەۋەبى، خەۋپى ۋە يۈزلىنىشى؛

(3) سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھۋالى.

9-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ نۇقتىلىق ئالدى ئېلىنىدىغان رايون بىلەن نۇقتىلىق تىزگىنلىنىدىغان رايوننى ئايرىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئېلان قىلىشى لازىم.

10-ماددا تۆۋەندىكى رايونلارنى نۇقتىلىق ئالدى ئېلىنىدىغان رايون قىلىپ ئايرىش كېرەك:

(1) تاغلىق رايوندىكى تەبىئىي ئورمان، تەبىئىي ئوتلاق؛

(2) دەريا ئېقىنلىرى ھاسىل بولىدىغان، يىغىلىدىغان رايون، دەريا ساھىلىدىكى تەبىئىي ئورمان، ئوتلاق، مۇھىم سۇلۇق يەر؛

(3) بوستانلىق چېتىدىكى چۆل ئورمىنى، چۆل ئوتلىقى؛

(4) سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى؛

(5) سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىش خەۋپى چوڭراق، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكى، سۇ مەنبەسى بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ياكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئېكولوگىيەسى ئاجىزراق، نازۇكراق، سەزگۈر بولغان باشقا رايونلار.

11-ماددا تۆۋەندىكى رايونلارنى نۇقتىلىق تىزگىنلىنىدىغان رايون قىلىپ ئايرىش كېرەك:

(1) بوستانلىقنىڭ ئەتراپىدىكى قۇم– بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش رايونى؛

(2) دەريا قىرغىقىدىكى سۇ يالىغان رايون، كۆل ئەتراپى؛

(3) سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىرراق بولغان، شۇ جاينىڭ ياكى تۆۋەن ئېقىننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىتىدىغان باشقا رايونلار.

12-ماددا سۇ-تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانىنى سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ نۇقتىلىق ئالدى ئېلىنىدىغان رايون ۋە نۇقتىلىق تىزگىنلىنىدىغان رايونلارنى ئايرىش ئاساسىدا، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ تۈزۈش كېرەك.

سۇ-تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، سۇ بايلىقى يىرىك پىلانى، شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى ۋە مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر دەرىجە يۇقىرى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

تەستىقلانغان يىرىك پىلاننى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يىرىك پىلان تۈزۈش تەرتىپى بويىچە، تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك.

13-ماددا مۇناسىۋەتلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قېزىلما بايلىق ئېچىش، شەھەر– بازار قۇرۇلۇشى، سانائەت باغچا رايونى قۇرۇلۇشى، جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش جەريانىدا سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا، يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىنى تەشكىللىگەن ئورگان يىرىك پىلانغا سۇ-تۇپراقنى ساقلاشقا دائىر مەخسۇس باب-پاراگرافلارنى كىرگۈزۈپ، سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى ۋە چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە پىلاننى تەستىقلىتىشتىن ئىلگىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى لازىم.

14-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانى بويىچە، كۆچەت تىكىش، ئوت-چۆپ تېرىش، دائىرىلەپ قوغداش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىش، چارۋا باقتۇرماسلىق، ئوتلاقنى تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئورمان، ئوتلاق بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاپ، سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە يېنىكلىتىشى كېرەك.

15-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش بويىچە كۆزىتىش تورى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزىتىش پونكىتى، نۇقتىسىنى ئىلمىي قۇرۇشى، سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى جانلىق كۆزىتىپ، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ئەھۋالىنى ھەر يىلى ئېلان قىلىشى كېرەك.

16-ماددا گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدىغان، سىيرىلىپ چۈشىدىغان خەتەرلىك جايلار ۋە ئاسانلا لاي-لاتقا ئاقىدىغان جايلاردىن توپا، شېغىل، تاش ئېلىش قاتارلىق سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى زېمىن بايلىقى، سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى، قاتناش-تىرانسپورت تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلارنى تەشكىللەپ گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدىغان، سىيرىلىپ چۈشىدىغان خەتەرلىك جايلارنى ۋە ئاسانلا لاي-لاتقا ئاقىدىغان جايلارنى ئايرىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

17-ماددا قانۇنسىز بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ، يېپىنچا ئۆسۈملۈك، قۇم پوستى، يەر پوستى قاتارلىق سۇ-تۇپراقنى ساقلاش رولى بار ئىپتىدائىي يەر شەكلىنى قاتتىق قوغداپ، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

18-ماددا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويغاندا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تۈرنى تەستىقلىغان تارماق بىلەن تەڭ دەرىجىلىك سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە تەستىقلانغان سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسى بويىچە، سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى لازىم.

ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسى تۈزمىگەن ياكى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىنى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتمىغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلاشقا يول قويۇلمايدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىغاندا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىش باشلاش ئۇچۇرىنى يازما دوكلات قىلىشى كېرەك.

19-ماددا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە، سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىنى تەستىقلىتىشى كېرەك:

(1) تەستىقلىتىلىدىغان تۈرلەرنى مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىنى يوللاشتىن بۇرۇن تەستىقلىتىش؛

(2) تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدىغان تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدىغان تۈرنىڭ ئىلتىماس دوكلاتىنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن تەستىقلىتىش؛

(3) ئەنگە ئالدۇرۇلىدىغان تۈرلەرنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتىگەندىن باشلاپ ئىش باشلانغۇچە بولغان ئارىلىقتا تەستىقلىتىش؛

(4) تۈر تۇرغۇزۇش رەسمىيىتى ئۆتىمىسىمۇ بولىدىغان تۈرلەرنى ئىش باشلاشتىن بۇرۇن تەستىقلىتىش.

20-ماددا قانۇن بويىچە سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسى تەييارلىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان ياكى كولىنىدىغان، تىندۇرۇلىدىغان توپا-شېغىلنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 50 مىڭ كۇب مېتىردىن ئاشىدىغانلىرىدا سۇ-تۇپراق ساقلاش لايىھەسى دوكلاتى تەييارلاش؛ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا توشمايدىغان، تىندۇرۇلىدىغان، كولىنىدىغان توپا-شېغىل ئومۇمىي مىقدارى 50 مىڭ كۇب مېتىرغا توشمايدىغانلىرىدا سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسى دوكلات جەدۋىلى تەييارلاش لازىم.

21-ماددا تەستىقلانغان سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئورنى ۋە كۆلىمىدە زور ئۆزگىرىش بولغاندا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، تولۇقلاش ياكى تۈزىتىش ھەمدە تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك.

سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش تەدبىرىنى چوڭراق ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە، تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش لازىم. بۇنىڭ ئىچىدە سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىدە بېكىتىلگەن تاشلاندۇق ئورنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە، تاشلاندۇق مىقدارى 50 مىڭ كۇب مېتىردىن يۇقىرى بولسا، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىنى تەستىقلىغان سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش؛ تاشلاندۇق مىقدارى 50 مىڭ كۇب مېتىردىن تۆۋەن بولسا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم.

22-ماددا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېرەك، كونكرېتلاشتۇرغاندا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1) ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى دەسلەپكى لايىھەلەش باسقۇچى ۋە قۇرۇلۇش قىلىشنى لايىھەلەش باسقۇچىدا، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئورنى سۇ-تۇپراق ساقلاش لايىھەسى ۋە تەستىقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەلىرىگە مۇناسىپ باسقۇچتىكى لايىھەنى تەڭلا تاماملاش؛

(2) تۈر قۇرۇلۇشى باسقۇچىدا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئورنى سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەسىنىڭ لايىھەسى بويىچە، سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ تۇتۇش قىلىش؛

(3) سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەسىنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش.

23-ماددا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىشتىن ئىلگىرى، سۇ-تۇپراق ساقلاش لايىھەسىنى تەستىقلىغان تارماق سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى لازىم؛ سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان بولسا ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن بولسا، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە بولمايدۇ. باسقۇچ بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان، ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى باسقۇچ بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك.

24-ماددا سۇ-تۇپراق ساقلاش دوكلاتى قانۇن بويىچە تەييارلىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئورنى ئۆز ئالدىغا كۆزىتىشى ياكى ئۇنى سۇ-تۇپراق ساقلاشنى كۆزىتىش ساپاسىغا ئىگە ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلىشى لازىم. ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئورنى شۇ جايدىكى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا كۆزىتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇ-تۇپراق ساقلاش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئورۇنلارنى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش خىزمىتىنى پىلانلىق قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى لازىم.

سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى سۇ بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ-تۇپراق ساقلاش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشى، كىرگۈزۈشى ۋە يۆلىشى، مەبلەغ ياردىمى بېرىش، تۈر ئارقىلىق يۆلەش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار سىياستى چىقىرىپ، ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ھۆددە، ئىجارە قاتارلىق شەكىللەر بىلەن سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى لازىم.

27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆپ يوللار ئارقىلىق مەبلەغ غەملەپ، سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سۇ-تۇپراق ساقلاشقا ئېكولوگىيە ئۈنۈمى تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى لازىم.

28-ماددا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ ياكى باشقا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە يەر يۈزىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئەسلىدىكى سۇ-تۇپراق ساقلاش رولىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەنلەر قانۇن بويىچە سۇ-تۇپراق ساقلاش تولۇقلىما پۇلى تاپشۇرىدۇ، بۇ پۇل مەخسۇس سۇ-تۇپراق ساقلاش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇ-تۇپراق ساقلاش تولۇقلىمىسىنى ئۆز مەيلىچە كېمەيتىشىگە ۋە كەچۈرۈم قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

29-ماددا سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ نۇقتىلىق ئالدى ئېلىنىدىغان رايون ۋە نۇقتىلىق تىزگىنلىنىدىغان رايوندىكى خەلق ھۆكۈمىتى سۇ -تۇپراق ساقلاش يىرىك پىلانى بويىچە، سۇ-تۇپراق ساقلايدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىشى ھەمدە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم:

(1) يانتۇلۇقنى تىزگىنلەش، جىلغا يولىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە تاغ كەلكۈنىنى باشلاش قاتارلىق قۇرۇلۇش تەدبىرلىرى؛

(2) ئورمان بىنا قىلىش، ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش ۋە دائىرىلەپ قوغداش قاتارلىق بىيولوگىيەلىك تەدبىر ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرى؛

(3) سۇ-تۇپراقنى ساقلاشقا پايدىلىق باشقا تەدبىرلەر.

30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ-تۇپراق ساقلاش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش سۇبيېكتى، باشقۇرۇش ۋەزىپىسى ۋە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى لازىم.

سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەسىنىڭ ئىگىدارى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقدارى سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش-ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ رولىنى نورمال جارى قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

31-ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدىغان، سىيرىلىپ چۈشىدىغان خەتەرلىك جايلاردىن ۋە ئاسانلا لاي-لاتقا ئاقىدىغان جايلاردىن توپا، شېغىل، تاش ئېلىش قاتارلىق سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بار ھەرىكەتلەرنى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويىدۇ:

(1) شەخسكە 50 كۇب مېتىردىن تۆۋەن بولسا، 1000 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ، 50 كۇب مېتىردىن يۇقىرى، 100 كۇب مېتىردىن تۆۋەن بولسا، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، 100 كۇب مېتىردىن يۇقىرى بولسا، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

(2) ئورۇنغا 50 كۇب مېتىردىن تۆۋەن بولسا، 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويىدۇ، 50 كۇب مېتىردىن يۇقىرى، 100 كۇب مېتىردىن تۆۋەن بولسا، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، 100 كۇب مېتىردىن يۇقىرى بولسا، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

32-ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئېچىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈك، قۇم پوستى، يەر پوستى قاتارلىق ئەسلىي يەر شەكلىنى بۇزغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان كۆلىمىگە قاراپ، ھەر كىۋادرات مېتىرى ئۈچۈن شەخسكە ئىككى يۈەندىن، ئورۇنغا ئون يۈەندىن جەرىمانە قويىدۇ.

33-ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەسى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشنى ياكى ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنگە قەدەر توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويىدۇ:

(1) سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

(2) سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەسلىھەسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغانلارغا 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

34-ماددا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ:

(1) قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ئىشلىمىگەنلەرنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە تەستىقلانغان سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ھەققىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

(2) ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتكەن بولسىمۇ، سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ئىشلىمىگەنلەرگە تەستىقلانغان سۇ-تۇپراق ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ھەققىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

35-ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ-تۇپراق ساقلاش تولۇقلىمىسىنى تاپشۇرمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلارغا كېچىكتۈرگەن كۈندىن باشلاپ كۈنىگە تاپشۇرمىغان قىسمىنىڭ ئون مىڭدە بەش نىسبەت بويىچە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىغا قاراپ تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) كېچىكتۈرگەن ۋاقتى 30 كۈندىن تۆۋەن بولغانلارغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇ-تۇپراق ساقلاش تولۇقلىمىسىنىڭ بىر ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ؛

(2) كېچىكتۈرگەن ۋاقتى 30 كۈندىن يۇقىرى، 60 كۈندىن تۆۋەن بولغانلارغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇ-تۇپراق ساقلاش تولۇقلىمىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ؛

(3) كېچىكتۈرگەن ۋاقتى 60 كۈندىن يۇقىرى بولغانلارغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك سۇ-تۇپراق ساقلاش تولۇقلىمىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ؛

36-ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) سۇ-تۇپراق ساقلاش لايىھەسىنى قانۇن بويىچە تەستىقلىمىغانلار؛

(2) سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسىنى تەييارلىمىغانلار ياكى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسى تەستىقلانمىغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلىغان، تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ۋە ئەنگە ئالغانلار؛

(3) سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ئەسلىھەسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ گەۋدە قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغانلار؛

(4) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلمىغانلار.

(5) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار؛

(6) مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.

37-ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدىغان باشقا قىلمىشلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ-تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

38-ماددا بۇ چارە 2013-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#