جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورال-ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورال-ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورال-ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى قورال-ياراغ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى قوغداش، جامائەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن نىزام. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورال-ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国枪支管理法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1996-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورال-ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 72-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 1996-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن قورال-ياراغ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى قوغداش، جامائەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى قورال-ياراغ باشقۇرۇشتا، بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى قوراللاندۇرۇشقا سەپلەپ بېرىلىدىغان قورال-ياراغلارنى باشقۇرۇشتا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرىغا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا دۆلەت قورال-ياراغلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قورال-ياراغنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ساقلىشى، ياسىشى(جۈملىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىشى، قۇراشتۇرۇشى)، ئېلىپ-سېتىشى، توشۇشى، ئىجارىگە بېرىشى، ئارىيەتكە بېرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

دۆلەت قورال-ياراغ باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق جازالايدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قورال-ياراغ باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. دۆلەت پاش قىلغۇچىلارنى قوغدايدۇ، قورال-ياراغ باشقۇرۇشقا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قورال-ياراغ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى قورال-ياراغ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قورال-ياراغ باشقۇرۇش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

2–باب قورال-ياراغنىڭ سەپلەپ بېرىلىشى ۋە سېتىۋېلىنىشى

5-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، تۈرمە، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورگانلىرىنىڭ خەلق ساقچىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەدلىيە ساقچىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئەدلىيە ساقچىلىرى ۋە دېلو تەھقىقلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان تەپتىش خادىملىرى، تاموژنىلارنىڭ ئەتكەسچىلەرنى تۇتقۇچى خادىملىرىدىن قانۇن بويىچە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا ھەقىقەتەن قورال ئىشلىتىش زۆرۈر بولغانلارغا ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان قورالنى سەپلەپ بېرىشكە بولىدۇ.

دۆلەتنىڭ مۇھىم ھەربىي سانائەت، پۇل مۇئامىلە، ئىسكىلات، پەن تەتقىقات قاتارلىق ئورۇنلىرىدىكى مەخسۇس قوغدىغۇچى، يالاپ ئېلىپ ماڭغۇچى خادىملاردىن قوغداش، يالاپ ئېلىپ مېڭىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە قورال ئىشلىتىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغانلارغا ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان قورالنى سەپلەپ بېرىشكە بولىدۇ.

ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان قورالنى سەپلەپ بېرىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىلەن باشقا ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى قاتتىق تىزگىنلەش پرىنسىپىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

6-ماددا تۆۋەندىكى ئورۇنلارغا خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سېتىپ بېرىشكە بولىدۇ:

(1)ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنتەربىيىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان قارىغا ئېتىش ماھارىتى تەنتەربىيىسى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەستىقلىغان تىجارەت خاراكتېرلىك قارىغا ئېتىش مەيدانلىرىغا قارىغا ئېتىش مىلتىقى سېتىپ بېرىشكە بولىدۇ؛

(2) ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىقنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان ئوۋچىلىق مەيدانلىرىغا ئوۋ مىلتىقى سېتىپ بېرىشكە بولىدۇ؛

(3) ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدايدىغان، باقىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان ئورۇنلارغا كەسپىي ئېھتىياجغا ئاساسەن ئوۋ مىلتىقى، ھوشسىزلاندۇرۇش مىلتىقىنى سېتىپ بېرىشكە بولىدۇ.

ئوۋچىلار ئوۋچىلىق رايونلىرىدا، چارۋىچىلار چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئىشلىتىدىغان ئوۋ مىلتىقىنى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. ئوۋچىلىق رايونلىرى بىلەن چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ رايون تەۋەسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتىدۇ.

خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سېتىۋېلىشقا دائىر كونكرېت چارىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتتىق تىزگىنلەش پرىنسىپىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

7-ماددا ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سەپلەپ بېرىشنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىر تۇتاش تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.

ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سەپلەپ بەرگەندە، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىدىغان قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.

8-ماددا قارىغا ئېتىش ماھارىتى تەنتەربىيىسى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارغا قارىغا ئېتىش مىلتىقى سېتىۋېلىشنى گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مەمۇرىي تارمىقى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ. تىجارەت خاراكتېرلىك قارىغا ئېتىش مەيدانلىرىغا قارىغا ئېتىش مىلتىقى سېتىپ بېرىشنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىغا يوللاپ تەستىقلىتىدۇ.

قارىغا ئېتىش مىلتىقلىرىنى سېتىپ بەرگەندە، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خەلق ئىشلىتىدىغان قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.

9-ماددا ئوۋچىلىق مەيدانلىرىغا ئوۋ مىلتىقى سېتىۋېلىشنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىقنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتىگە ئاساسەن، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تەستىقلىتىدۇ، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سېتىۋېلىش ئىسپاتى بېجىرىپ بېرىدۇ.

10-ماددا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدايدىغان، باقىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان ئورۇنلار ئوۋ مىلتىقى ۋە ھوشسىزلاندۇرۇش مىلتىقىنى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىشتا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مەمۇرىي تارمىقى تارقاتقان ئوۋچىلىق گۇۋاھنامىسى ياكى ئوۋ ئوۋلاشقا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى ۋە ئۆز ئورنىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىگە ئاساسەن، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى لازىم؛ ئوۋچىلار ئوۋ مىلتىقىنى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىشتا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مەمۇرىي تارمىقى تارقاتقان ئوۋچىلىق گۇۋاھنامىسى ۋە ئۆزىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى لازىم؛ چارۋىچىلار ئوۋ مىلتىقىنى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىشتا، ئۆزىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى لازىم.

ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سېتىۋېلىش ئىسپاتىنى بېجىرىپ بېرىشىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

11-ماددا ئوۋ مىلتىقى، ھوشسىزلاندۇرۇش مىلتىقىنى سېتىۋالغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مىلتىقنى سېتىۋالغاندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە، خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سېتىۋېلىش ئىسپاتى بېجىرىپ بەرگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ، خەلق ئىشلىتىدىغان قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسىنى ئېلىشى شەرت.

12-ماددا تىجارەت خاراكتېرلىك قارىغا ئېتىش مەيدانلىرى ۋە ئوۋچىلىق مەيدانلىرىغا سېتىۋالغان خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى تىجارەت خاراكتېرلىك قارىغا ئېتىش مەيدانلىرى ۋە ئوۋچىلىق مەيدانلىرىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ.

ئوۋچىلار بىلەن چارۋىچىلار سېتىۋالغان ئوۋ مىلتىقلىرىنى ئوۋچىلىق رايونلىرى ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ.

3–باب قورال-ياراغنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى ۋە خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنىڭ سېتىلىشى

13-ماددا دۆلەت قورال-ياراغ ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىشقا قارىتا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قورال-ياراغلارنى رۇخسەتسىز ئىشلەپ چىقىرىشى ۋە ئېلىپ سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

14-ماددا ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى دۆلەت بەلگىلىگەن كارخانىلار ئىشلەپ چىقىرىدۇ.

15-ماددا خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلارنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

خەلق ئىشلىتىلىدىغان قورال-ياراغلارنى ساتىدىغان كارخانىلارنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلەيدۇ.

خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلارغا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ئىشلەپ چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ. خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ساتىدىغان كارخانىلارغا ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سېتىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ.

خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ئىشلەپ چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى بىلەن سېتىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ؛ ئىناۋەتلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى داۋاملىق ئىشلەپ چىقىرىش ۋە سېتىشقا ئېھتىياجلىق بولسا، رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسىنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشى لازىم.

 16-ماددا دۆلەت خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش سانىغا قارىتا، نورما بەلگىلەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنىڭ يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش نورمىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، تەنتەربىيە قاتارلىقلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بېكىتىدۇ ھەمدە خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنىڭ نومۇرىنى بىر تۇتاش تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ.

خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنىڭ يىللىق سېتىلىش نورمىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق، تەنتەربىيە قاتارلىقلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بېكىتىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ساتىدىغان كارخانىلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ.

17-ماددا خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلار ئۇنى بېكىتىلگەن نورمىدىن ئارتۇق ئىشلەپ چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئىشلەپ چىقارغان خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىپ بېرىلگەن خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ساتىدىغان كارخانىلارنىڭ سېتىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى شەرت، ئۆز ئالدىغا سېتىشقا بولمايدۇ. خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ساتىدىغان كارخانىلار بېكىتىلگەن نورما چېكى ئىچىدە، كۆرسىتىلگەن كارخانىلار ئىشلەپ چىقارغان خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سېتىشى لازىم.

18-ماددا خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلار خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى دۆلەتنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئىشلەپ چىقىرىشى شەرت، خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ؛ خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنىڭ كۆرسىتىلگەن جايىغا ئىشلەپ چىقارغان زاۋۇتنىڭ نامى، قورالنىڭ تۈر ۋاكالەت نومۇرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىر تۇتاش تۈزگەن قورال نومۇرىنى بېسىشى كېرەك، خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى نومۇر سالماي ئىشلەپ چىقىرىشقا، تەكرار نومۇر سېلىپ ئىشلەپ چىقىرىشقا، ساختا نومۇر ئىشلىتىپ ئىشلەپ چىقىرىشقا بولمايدۇ.

خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلار يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنىڭ ۋە سايمانلىرىنىڭ يىتىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

19-ماددا خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سېتىشتا، ئۇنى قورال-ياراغ سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىغا سېلىشتۇرۇش، قورال-ياراغ سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىدا كۆرسىتىلگەن تۈر، تىپ ۋە سان بويىچە سېتىش كېرەك؛ ئوق-دورىلارنى سېتىشتا، قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسىغا سېلىشتۇرۇش لازىم. خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ساتىدىغان كارخانىلار گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، قورال-ياراغ سېتىش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قويۇش كېرەك.

20-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ساتىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش، ساقلاش ۋە ھېساب دەپتىرى تۇرغۇزۇپ تىزىملاش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، مەخسۇس ئادەمنى زاۋۇتتا تۇرغۇزۇپ، قورال-ياراغ ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكىمۇ بولىدۇ.

21-ماددا خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەش ۋە تىپىنى بېكىتىش ئىشىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى كەسپىي تارماقلىرى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىرلىكتە تەشكىللەيدۇ.

22-ماددا راستقا تەقلىد قىلىنغان قورال-ياراغلارنى ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

4–باب قورال–ياراغلارنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇلۇشى

23-ماددا قورال-ياراغ سەپلەپ بېرىلگەن، قورال-ياراغ سېتىۋالغان ئورۇن ۋە شەخسلەر قورال-ياراغلارنى ياخشى ساقلاپ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

قورال-ياراغ سەپلەپ بېرىلگەن، قورال-ياراغ سېتىۋالغان ئورۇنلار قورال-ياراغ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بەلگىلەپ، ئۇنىڭغا مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىشى، مۇكەممەل بولغان مەخسۇس ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەپ بېرىشى، قورال-ياراغ بىلەن ئوق-دورىلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ ساقلىشى كېرەك. شەخسنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلگەن قورال-ياراغلارغا قارىتا، تىزىملاش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتكۈزۈۋېلىش، تەكشۈرۈش، ئاسراش قاتارلىق قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا يىغىۋېلىش لازىم.

شەخسنىڭ ئىشلىتىشىگە سەپلەپ بېرىلگەن، سېتىپ بېرىلگەن قورال-ياراغلارنى باشقۇرۇشتا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش، ئوغرىلىنىپ كېتىش، بۇلىنىپ كېتىش، يىتىپ كېتىش ياكى باشقا ۋەقە كۆرۈلۈشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

24-ماددا قورال-ياراغ ئىشلەتكۈچىلەر قورال-ياراغنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئىگىلەپ، قورال-ياراغ ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، قورال-ياراغنىڭ قانۇنلۇق، بىخەتەر ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى تۇتقۇچىلار مەخسۇس تەربىيىلەنگەن بولۇشى كېرەك.

25-ماددا قورال-ياراغ سەپلەپ بېرىلگەن، سېتىۋالغان ئورۇن ۋە شەخسلەر تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشى شەرت:

(1) قورال-ياراغنى ئېلىپ يۈرگەن ۋاقىتتا، قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسىنى بىرگە ئېلىۋېلىش كېرەك، قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسىنى بىرگە ئېلىپ يۈرمىگەنلەرنىڭ قورال-ياراغلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تۇتۇپ قالىدۇ؛

(2)قورال-ياراغ ئېلىپ يۈرۈش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە سورۇنلاردا قورال-ياراغ ئېلىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ؛

(3) قورالى ئوغرىلىنىپ كېتىلگەن، بۇلاپ كېتىلگەن ياكى يىتىپ كەتكەندە، ئۇنى دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

26-ماددا ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغ سەپلەپ بېرىلگەنلەر قورال تۇتۇش شەرتىگە ماس كەلمىگەندە، قولىدىكى قورال بىلەن قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورنى قايتۇرۇۋالىدۇ.

خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سېتىۋالغان ئورۇن ۋە شەخسلەر قورال تۇتۇش شەرتىگە ماس كەلمىگەندە، قورال بىلەن قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسىنى ئەسلىدە قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسى تارقاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ ۋاقتىدا تاپشۇرمىغان بولسا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۇنى يىغىۋالىدۇ.

27-ماددا دۆلەتنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدىغان، بىخەتەر ئىشلىتىشكە بولمايدىغان قورال-ياراغلارنى براكقا چىقىرىش كېرەك. قورال سەپلەپ بېرىلگەن، قورالى بار ئورۇن ۋە شەخسلەر براكقا چىقىرىلغان قورال-ياراغلارنى قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسى بىلەن بىرگە قوشۇپ ئەسلىدە قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسى تارقاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تاپشۇرۇشى لازىم؛ ۋاقتىدا تاپشۇرمىغان بولسا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۇنى يىغىۋالىدۇ. براكقا چىقىرىلغان قورال-ياراغلار كۆيدۈرۈۋېتىلىشى كېرەك.

قورال-ياراغ كۆيدۈرۈش ئىشىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇل بولۇپ تەشكىللەيدۇ.

28-ماددا دۆلەت قورال-ياراغلارنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. قورالى بار ئورۇن ۋە شەخسلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدە، كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا كېلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەكشۈرگەن ۋاقتىدا، قورالى بار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى، قورالنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى كېرەك؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەن، قورال تۇتۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياكى براكقا چىقىرىۋېتىشكە تېگىشلىك بولغان قوراللارنى قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسى بىلەن بىرگە قوشۇپ يىغىۋېلىشى كېرەك. تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىغانلارنىڭ قورالى بىلەن قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىدۇ.

29-ماددا جەمئىيەت ئامانلىق تەرتىپىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئالاھىدە ئېھتىياجغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قىسمەن رايونلاردىكى قانۇنلۇق سەپلەپ بېرىلگەن ۋە قانۇنلۇق سېتىۋالغان قورال-ياراغلارغا قارىتا، يىغىپ ساقلاش قاتارلىق ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

5-باب قورال-ياراغلارنىڭ توشۇلۇشى

30-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قورال-ياراغلارنى رۇخسەتسىز توشۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. قورال-ياراغ توشۇشقا تېگىشلىك بولغانلىرى توشۇيدىغان قورال-ياراغنىڭ تۈرى، سانى، توشۇش لىنىيىسى ۋە توشۇش شەكلىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەينەن مەلۇم قىلىپ، قورال-ياراغ توشۇشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىنى ئېلىشى كېرەك. ئۆز ئۆلكىسى، ئاپتونوم رايونى، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھىرى دائىرىسىدە توشۇيدىغانلىرى توشۇپ ئاپىرىدىغان جايدىكى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ، قورال-ياراغ توشۇشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىنى ئالىدۇ؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن ھالقىپ توشۇيدىغانلىرى توشۇپ ئاپىرىدىغان جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ، قورال-ياراغ توشۇشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىنى ئالىدۇ.

قورال-ياراغ توشۇشقا رۇخسەت قىلىش ئىپساتى بولمىغان قورال-ياراغلارنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس توشۇشقا بولمايدۇ ھەمدە ئۇنى دەرھال شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىش لازىم.

قورال-ياراغ توشۇشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى بولمىغان ياكى قورال-ياراغ توشۇشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە توشۇپ ماڭمىغان قورال-ياراغلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تۇتۇپ قېلىشى كېرەك.

31-ماددا قورال-ياراغلارنى توشۇشتا، بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولغان يېپىق شەكىلدىكى ترانسپورت ئۈسكۈنىسىگە قاچىلاپ، مەخسۇس ئادەمنىڭ يالاپ مېڭىشى ئارقىلىق توشۇش كېرەك؛ يول ئۈستىدە توختاپ قونماقچى بولغاندا، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىش لازىم.

قورال-ياراغ، ئوق-دورىلارنى بەلگىلىمە بويىچە بىر-بىرىدىن ئايرىپ توشۇش كېرەك.

32-ماددا قورال-ياراغلارنى پوچتىدىن ئەۋەتىش ياكى پوچتىدىن ئەۋەتىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ ماڭدۇرۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

6-باب قورال-ياراغلارنىڭ چېگرىدىن كىرگۈزۈلۈشى ۋە چىقىرىلىشى

33-ماددا دۆلەت قورال-ياراغلارنى چېگرىدىن كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشنى قاتتىق باشقۇرىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قورال-ياراغنى رۇخسەتسىز ھالدا، ئۆزى خالىغانچە چېگرىدىن ئېلىپ كىرىشى ۋە ئېلىپ چىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

34-ماددا چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ۋاكالەت ئورگانلىرى، كونسۇلخانىلىرىدىكى خادىملار قورالنى بىرگە ئېلىپ چېگرىدىن كىرىشتە، ئىشتىن بۇرۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىشى كېرەك؛ قورالنى چېگرىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشتە، ئىشتىن بۇرۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا نوتا تاپشۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى لازىم.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە چېگرىدىن بىرگە ئېلىپ كىرگەن قورال-ياراغلارنى چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئورگانلىرىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ.

35-ماددا چەت ئەل تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى چېگرا ئىچىگە كىرىپ قارىغا ئېتىش ماھارىتى تەنتەربىيىسىگە قاتنىشىش ياكى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى چېگرىدىن چىقىپ قارىغا ئېتىش ماھارىتى تەنتەربىيىسىگە قاتنىشىشتا، قارىغا ئېتىش مىلتىقىنى بىرگە ئېلىپ كىرىش ياكى بىرگە ئېلىپ چىقىشقا ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

36-ماددا بۇ قانۇننىڭ 34-، 35-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقا خادىملار قورال-ياراغنى بىرگە ئېلىپ چېگرىدىن كىرمەكچى ياكى چېگرىدىن چىقماقچى بولسا، ئىشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى لازىم.

37-ماددا تەستىق ئارقىلىق قورال-ياراغنى چېگرىدىن ئېلىپ كىرگۈچىلەر چېگرىدىن كىرىش ۋاقتىدا، قورال-ياراغنى تەستىق ھۆججىتىگە ئاساسەن چېگرىدىن كىرگەن جايدىكى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىغا تىزىملىتىپ، قورال-ياراغنى بىرگە ئېلىپ مېڭىشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىشى لازىم، تاموژنا قورال-ياراغنى بىرگە ئېلىپ مېڭىشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىغا ئاساسەن ئۇنى كىرگۈزۈشى كېرەك؛ بارىدىغان جايغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، قورال-ياراغنى بىرگە ئېلىپ مېڭىشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىغا ئاساسەن، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىپ، قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئېلىشى لازىم.

تەستىق ئارقىلىق قورال-ياراغنى چېگرىدىن بىرگە ئېلىپ چىققۇچىلار چېگرىدىن چىقىش ۋاقتىدا، تەستىق ھۆججىتىگە ئاساسەن، چېگرىدىن چىقىدىغان جايدىكى تاموژنىغا مەلۇم قىلىشى لازىم. چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى تەستىق ھۆججىتىگە ئاساسەن، چېگرىدىن چىقىشقا رۇخسەت قىلىدۇ.

38-ماددا چەت ئەلنىڭ قاتناش ترانسپورت قوراللىرى قورال-ياراغنى بىرگە ئېلىپ چېگرىدىن كىرمەكچى ياكى چېگرىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، شۇ قاتناش ترانسپورت قورالىنىڭ مەسئۇلى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ئۇنى پېچەتلىۋېتىپ، چېگرىدىن چىقىرىدىغان چاغدا ئېچىپ بېرىدۇ.

7-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

39-ماددا بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، قورال-ياراغلارنى رۇخسەتسىز ياسىغان، ئېلىپ-ساتقان ياكى توشۇغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 112-ماددىسى ۋە «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قارارى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

ئورۇنلاردا ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشلار كۆرۈلگەن بولسا، ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىم بىلەن باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 112-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

40-ماددا قانۇن بويىچە قورال-ياراغ ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ساتىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن ياكى بەلگىلەنگەن كارخانىلار بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىم بىلەن باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 112-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا ياكى ئۇنىڭ قورال-ياراغ ئىشلەپ چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى، قورال-ياراغ سېتىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتسە بولىدۇ:

(1) قورال-ياراغلارنى بەلگىلەنگەن نورمىسىدىن ئارتۇق ئىشلەپ چىقارغان، ساتقانلار ياكى ئۇنى بەلگىلەنگەن تۈر بويىچە ئىشلەپ چىقارمىغان، ساتمىغانلار؛

(2) قورال-ياراغلارنى نومۇر سالماي ئىشلەپ چىقارغان، تەكرار نومۇر سېلىپ ئىشلەپ چىقارغان، ساختا نومۇر بىلەن ئىشلەپ چىقارغانلار؛

(3) قورال-ياراغلارنى ئۆزى بىلگەنچە ساتقان ياكى ئېكسپورت ئۈچۈن ئىشلەنگەن قورال-ياراغلارنى چېگرا ئىچىدە ساتقانلار.

41-ماددا بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، قورال-ياراغلارنى قانۇنسىز تۇتقان، يوشۇرغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 163-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

قورال-ياراغلارنى چېگرىدىن قانۇنسىز توشۇپ ئەكىرگەن، بىرگە ئېلىپ كىرگەن ۋە بىرگە ئېلىپ چىققانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەتكەسچىلىك قىلغان جىنايەتچىلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمىسى» بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

42-ماددا بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، قورال-ياراغلارنى توشۇشتا بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولغان ترانسپورت ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتمىگەن، يالاپ ئېلىپ مېڭىشقا مەخسۇس ئادەم قويمىغان، قورال-ياراغ بىلەن ئوق-دورىلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ توشۇمىغان ياكى سەپەر ئۈستىدە توختاپ قونغاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەنمىگەن بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ.

43-ماددا قورال-ياراغ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىلىدىغان قورال-ياراغلارنى ئىجارىگە بەرگەن، ئارىيەتكە بەرگەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

ئورۇندا يۇقىرىقى تارماقتىكى قىلمىشلار كۆرۈلگەن بولسا، بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىم بىلەن باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلارغا يۇقىرىقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سېتىۋالغان ئورۇنلار ۋە قورال-ياراغ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال-ياراغلارنى ئىجارىگە، ئارىيەتكە بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت ياكى باشقا ئېغىر ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بىۋاسىتە مەسئۇل ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىم بىلەن باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى سېتىۋالغان شەخسلەر قورال-ياراغ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال-ياراغلارنى ئىجارىگە، ئارىيەتكە بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 163-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

قورال-ياراغ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال-ياراغلارنى ئىجارىگە، ئارىيەتكە بېرىپ، قىلمىشى يېنىك بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شەخسكە ياكى ئورۇننىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىمى بىلەن باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلارغا 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇپ 5 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئىجارىگە، ئارىيەتكە بەرگەن قورال-ياراغلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

44-ماددا بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شەخسكە ياكى ئورۇننىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىمى بىلەن باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلارغا 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

(1)خەلق ئىشلىتىدىغان قورال-ياراغلارنى بەلگىلەنگەن تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپ چىقارمىغانلار؛

(2) قورال-ياراغ ئېلىپ يۈرۈش مەنئى قىلىنغان رايون ۋە سورۇنلاردا قورال-ياراغ ئېلىپ يۈرگەنلەر؛

(3)براكقا چىقىرىلغان قورال-ياراغلارنى يۇقىرىغا تاپشۇرمىغانلار؛

(4) قورال-ياراغ ئوغرىلاپ كېتىلگەن، بۇلاپ كېتىلگەن ياكى يىتىپ كەتكەندە، ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلار؛

(5) راستقا تەقلىد قىلىنغان قورال-ياراغلارنى ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلار.

يۇقىرىقىلار ئىچىدە، بىرىنچى تارماقچىدىن ئۈچىنچى تارماققىچە بولغان قىلمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ قورال-ياراغلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇپ 5 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ؛ بەشىنچى تارماقچىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسى بويىچە، ئۇلارنىڭ راستقا تەقلىد قىلىپ ئىشلەپ چىقارغان قورال-ياراغلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇپ ئۇنى ئىشلەپ چىقىرىپ، سېتىپ تاپقان تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان بولسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

45-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىلىرى تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەنمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ:

(1) بۇ قانۇننىڭ بەشىنچى، ئالتىنچى ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەنلەردىن باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قورال-ياراغ سەپلەپ بەرگەن، سېتىپ بەرگەنلەر؛

(2) قورال-ياراغ باشقۇرۇش گۇۋاھنامىلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تارقاتقانلار؛

(3) مۇسادىرە قىلغان قورال-ياراغلارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلار؛

(4) قورال-ياراغ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار.

8–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

46-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قورال-ياراغلار دورا ياكى سىقىلما گاز قاتارلىقلار ئېنېرگىيە قىلىنىپ، تۇرۇبىسىمان ئەسۋاب ئارقىلىق مېتال ئوق ياكى باشقا ماددىلار ئېتىپ چىقىرىلىدىغان، ئادەمگە تەگسە، ئادەمنى تامامەن زەخىملەندۈرىدىغان، ئۆلتۈرىدىغان ياكى ھوشسىزلاندۇرىدىغان قورال-ياراغلارنى كۆرسىتىدۇ.

47-ماددا ئورۇنلار ۋە شەخسلەر كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا، كالبېرى 4.5 مىللىمېتىردىن كىچىك بولغان گاز مىلتىقلىرىنى سېتىۋالسا بولىدۇ. ئۇنى باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.

كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەشتە، سەھنە قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان قورال-ياراغلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مەمۇرىي تارمىقى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ.

مۇزېي، خاتىرە سارىيى، كۆرگەزمىخانىلاردا ساقلىنىدىغان ياكى كۆرگەزمە قىلىنىدىغان قورال-ياراغلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مەمۇرىي تارماقلىرى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ.

48-ماددا قورال-ياراغنىڭ ئاساسلىق سايمانلىرى ھەم شۇ قورالغا ئىشلىتىلىدىغان ئوق-دورىلارنى ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش، توشۇشقىمۇ بۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تەتبىق قىلىنىدۇ.

49-ماددا قورال-ياراغ باشقۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان گۇۋاھنامىلارنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.

50-ماددا بۇ قانۇن 1996-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنجاڭ تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/20/c_131540313_10.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/277108.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#