- يورۇقشەھەر كەنتى ( شايار ناھىيەسى يانتاقشەھەر يېزىسى)
- يورۇقشەھەر كەنتى (توقسۇ ناھىيەسى ئۈچقات يېزىسى)
يورۇقشەھەر كەنتى
يۇرۇقشەھەر كەنتى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى يانتاقشەھەر يېزىسى نىڭ باشقۇرۇش قارمىقىدىكى بىر مەمۇرىي كەنت بۇلۇپ، يېزا بويىچە بىردىن بىر كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت بۇلۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ، خەنزۇلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يورۇقشەھەر كەنتى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى يانتاقشەھەر يېزىسى نىڭ باشقۇرۇش قارمىقىدىكى بىر مەمۇرىي كەنت بۇلۇپ، يېزا بىلەن بولغان ئارلىقى 6 كىلومېتىر، ناھىيە بىلەن ئارلىقى 40 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆتەكساراي كەنتى، يېڭىيەر كەنتى، پوتوغراق كەنتى قاتارلىق كەنتلەر بىلەن قوشنا. جەنۇب تەرىپى شايار-خوتەن يۇقىرى سۇرئەتلىك تاشيولىغا تۇتىشىدۇ. بۇ كەنت يانتاقشەھەر يېزىسى بويىچە بىردىن بىر كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت بۇلۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ، خەنزۇلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
كەنت ئىچىدىكى كارخانىلاردىن مېتال بويۇملىرى زاۋۇتى، سۇلياۋ زاۋۇتى، ماي تارتىش زاۋۇتى، ئۇن تارتىش زاۋۇتى قاتارلىقلار بار.
كەنت ئىچىدىكى قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئوتقا چىداملىق سېغىز توپا، مىس، پىرىت، ھاك تاش.
كەنتتىكى ئورۇنلاردىن يورۇقشەھەر كەنتى باشلانغۇچ مەكتەپ (كەنتتىكى ئوقۇغۇچىلار پەقەت 3-سىنىپقا بارغىچىلا كەنت مەكتەپتە ئوقۇپ، 4-سىنىپتىن باشلاپ ناھىيەگە بېرىپ ئۇقۇيدۇ)، يورۇقشەھەر كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتى، يورۇقشەھەر كەنتى پارتىيە ياچىكىسى، يورۇقشەھەر كەنت شىپاخانىسى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.