پاقا يوپۇرمىقى ئۇرۇقى
پاقا يوپۇرمىقى ئۇرۇقى پاقا يوپۇرمىقىنىڭ پىشقان ئۇرۇقى بولۇپ،
ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پاقا يوپۇرمىقى ئۇرۇقى بولسا پاقا يوپۇرمىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك پاقا يوپۇرمىقى ياكى تۈز يىلتىزلىق پاقا يوپۇرمىقىنىڭ پىشقان ئۇرۇقى بولۇپ، شەكلى ئېللىپسسىمان، توق بېغىررەڭدە، تەمسىز، پۇراقسىز كېلىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىن، ئىچكى ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ.ئېرىق بويلىرىدائۆسۈپ قالىدۇ،تېرىپمۇ ئۆستۈرىلىدۇ.
ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، سەپرا ۋە قان خىلىتىنىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش، قورۇش، تۇتۇش، قان توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بار.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
1. سۈيدۈك ھەيدەش رولىغا ئىگە. كىشىلەر ئادەتتە پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقىنىڭ قاينىتىلمىسىدىن 10 گرام ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، ناترىي خلورىد ۋە سۈيدۈك كىسلاتاسىنى سىرتقا چىقىرىدۇ. 2. بوغۇم خالتىسىغا بولغان تەسىرى: پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى قاينىتىلمىسىدىن ئاز مىقداردا توشقاننىڭ بوغۇم بوشلۇقىغا ئوكۇل قىلىنسا، ئاۋۋال شىللىق پەردە ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ، كېيىن قوشقۇچى توقۇلمىلارنى ئۆستۈرىدۇ ھەم بوشىشىپ كەتكەن بوغۇم خالتىسىنى ئەسلىدىكى ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.
ئەرىقى بارىتەڭ، شەربىتى بۇزۇرى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.