تارباغاتاي ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ

تارغاباتاي ۋىلايەتلىك 2ئوتتۇرا مەكتەپ

 تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1939-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىۋاستە باشقۇرغان ھەم شىنجاڭ ئۆلكىلىك چۆچەك ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ نام بېرىلگەن. 

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى تارغاباتاي ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ
ئوقۇتۇش تىلى قازاق، ئۇيغۇر تىلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 塔城二中

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1939-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىۋاستە باشقۇرغان ھەم شىنجاڭ ئۆلكىلىك چۆچەك ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ نام بېرىلگەن. (يەنى چۆچەك گىمنازىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) . 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تاشكەنت، ئالمائاتا قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزبېك، تاتار، قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتنىڭ زىيالىلىرى چۆچەك ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوقۇتۇش كىتابلىرى بولۇپ، بەش يىللىق تۈزۈم قوللانغان. مەكتەپتە سىنىپ ئۆرلەش، سىنىپ قالدۇرۇش تۈزۈملىرى ئورنىتىلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش، دىپلوم ئېلىش رەسمىيىتى ئىنتايىن قاتتىق. مەكتەپ قۇرۇلۇپ 1-يىلى قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋە 

رۇس، تاتار سىنىپى تەسىس قىلىنغان. ئوقۇتۇش مەزمونىدا ئادەتتىكى دەرسلىكلىرىدىن باشقا يەنە رۇس تىلى، ئىنگلىز تىلى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مائارىپ ئىلمىي، دىنىي بىلىم قاتارلىق دەرسلىكەر بار ئىدى. 1950-يىلنىڭ ئاخىرىدا دىنىي بىلىم دەرسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا  خەنزۇ تىلى ئېچىلغان. 1952-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك چۆچەك ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1972-يىلى چۆچەك ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. 1945-يىلدىن 1966-يىلغىچە بۇ مەكتەپ مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولدى. 1939-يىلدىن 1945-يىلغىچە مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ بولدى. 1966-يىلدىن 1982-يىلغىچە قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرىلدى. 1982-يىلدىن ھازىرغا قەدەر قازاق، ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ مەكتەپ ئەڭ دەسلەپتە ئوغۇللار مەكتىپى ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ قىز-ئوغۇللار ئارىلش  مەكتەپكە ئايلانغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 34000 كۋادرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 4106 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ شتاتى 194. 

1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى، 174 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 1450 نەپەر.

بۇ مەكتەپ ئادەتتىكى سىنىپلارنى تەسىس قىلغاندىن سىرت، يەنە ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردە پېداگوگىكا سىنىپى، بوغالتىرلىق سىنىپى، مال دوختۇرلۇق سىنىپى، سىستېرالىق سىنىپى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سىنىپى قاتارلىق ھەرخىل كەسپىي تېخنىكا سىنىپى تەسىس قىلغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تارغاباتاي ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مىكرو بىلوگى 

http://weibo.com/p/1002062729897224/photos?from=page_100206&mod=TAB#place

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#