ياۋرو
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋرو-ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا 12 دۆلەتتە 2002-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىشلىتىشكە باشلىغان پۇل بولۇپ، دوللاردىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ياۋروپانىڭ بەلگىسى C نىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىككى تۈز سىزىق(=) تارتىلغان بولۇپ، قەغەز پۇل ۋە تەڭگىدىن ئىبارەت ئىككى خىل. قەغەز پۇلغا 12 دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان 12 يۇلتۇز بەلگىسى، ياۋروپانىڭ خەرىتىسى ۋە ياۋروپا ئورگاق گەۋدىسىنىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلگەن. قىممىتى لاتىنچە ۋە گرىكچە يېزىلغان. ئۇ بەش 10، 20، 100، 200، 500 ياۋرودىن ئىبارەت يەتتە خىل. تەڭگە پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىدە ياۋروپا خەرىتىسى 12 يۇلتۇز بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بايرىقى ۋە پۇلنىڭ قىممىتى با. كەينى يۈزىنى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرى لايىھىلىگەن. تەڭگە پۇل بىر، ئىككى، بەش، 10، 20، 50 سېنتلىق ۋە بىر ياۋرو، ئىككى ياۋرولىقتىن ئىبارەت سەككىز خىل.
ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.