قانداغاي

قانداغاي

قانداغاي (ئىنگىلىزچە نامى: moose): دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بۇغا ئائىلىسىدىكى ھايۋان، قانداغاينىڭ ئىككى ئۇرۇقدىشى 8 كەنجى تۈرى بار. قانداغاينىڭ مۈرىسى ئېگىز، تۆگىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ يەنە مانجۇ تىلىدا 堪达罕 ،犴达罕 دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قانداغاي، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نامى moose (شەرقىي ئابناكى تىلى "moz")، ياۋروپا قىتئەسىدىكى نامى "elk" دەپ ئاتىلىدۇ، ("elk"شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە كانادا بۇغىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئەركىكى ئالىقان شەكىللىك بۇغا مۈڭگۈزى ئارقىلىق ئالاھىدە پەرىقلىق. 

ئۇيغۇرچە نامى قانداغاي
ئىنگلىزچە نامى Moose ياكى Elk
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى قانداغاي ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 驼鹿
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى بۇغا ئائىلىسى
تۈرى ياۋروپا-ئاسىيا قانداغىيى، شىمالىي ئامېرىكا قانداغىيى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قانداغايقانداغاي (ئىنگىلىزچە نامى: moose): دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بۇغا ئائىلىسىدىكى ھايۋان، قانداغاينىڭ ئىككى ئۇرۇقدىشى 8 كەنجى تۈرى بار. قانداغاينىڭ مۈرىسى ئېگىز، تۆگىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ 堪达罕 (مانجۇ تىلى)، 犴达罕 (مانجۇ تىلى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قانداغاي، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نامى moose (شەرقىي ئابناكى تىلى "moz")، ياۋروپا قىتئەسىدىكى نامى "elk" دەپ ئاتىلىدۇ، ("elk"شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە كانادا بۇغىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). ئەركىكى ئالىقان شەكىللىك بۇغا مۈڭگۈزى ئارقىلىق ئالاھىدە پەرىقلىق. قانداغاي تىپىك مۆتىدىل سوغۇق بەلباغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ئوتخور ھايۋان، يالغۇز ياكى توپ ياشايدۇ، كۆپىنچە ئەتىگەن ۋە كەچتە پائالىيەت قىلىدۇ. ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. ئوخشاش بولمىغان كەنجى تۈرلىرىنىڭ يۇڭىنىڭ رەڭگى ئوخشىمايدۇ. 

قانداغايقانداغاي بولسا دۇنيادىكى بەدىنى ئەڭ چوڭ ۋە بوي ئېگىزلىكى ئەڭ ئېگىز بولغان بۇغا (ئىزاھات: زىراپە بۇغا ئائىلىسىگە  تەۋە ئەمەس)، ئادەتتە تېنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 200-260 سانتىمېتىر، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 160-240 سانتىمېتىر، كۆپ ساندىكىلىرىنڭ مۈڭگۈز تۇمشۇقى يۇقىرى؛ جۇڭگودىكىلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئادەتتە 400-600 كىلوگرام، لېكىن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى قانداغايلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 300 سانتىمېتىر، كۆپىنچىلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 700 كىلوگرامغا يەتكەن، ئەڭ يۇقىرى رېكورت ھوسۇلى 1000 كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ، بۇغىلار ئىچىدىكى غايەت زور مەخلۇق.

ئېگىز گەۋدىسى ۋە تۆت تال ئۇزۇن پۇتى خۇددى تۆگىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مۈرە قىسمى بەك ئېگىز، پۈتۈن بەدەن يۇڭىنىڭ رەڭگى ھەممىسى قوڭۇر، يازلىق يۇڭ رەڭگى قىش پەسلىگە قارىغاندا خېلى قېنىق. بېشى چوڭ، كۆزى كىچىك، يۈز قىسمى بەك ئۇزۇن، بويۇن قىسمى ناھايىتى قىسقا، بۇرنى يوغان ھەمدە ساڭگىلاپ تۇرغان، چوڭ ساقاللىق بۇلۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5-6 سانتىمېتىر. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ قوزۇق چىشى يوق، بۇ باشقا بۇغا ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارغا ئوخشىمايدۇ. ئەركەك ھايۋان بىلەن چىشى ھايۋاننىڭ بوغۇز قىسمى ھەممىسىنىڭ ئاستىدا تۈۋرۈك گۆش ئۆسىدۇ، ئۈستىدە نۇرغۇن ساڭگىلاپ تۇرغان ئۇزۇن تۈكىلىرى بار، ئېڭەك خالتىسى دەپ ئاتىلىدۇ، لېكىن ئەركەك ھايۋاننىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان. بەدىنى قىسقا ھەم توم بولۇ ، قارىماققا 4 تال ئىنچىكە ئۇزۇن پۇتى بىلەن توغرا تاناسىپ بولمايدۇ. ئۇنىڭ قۇيرۇقى بەك قىسقا، پەقەت 7-10 سانتىمېتىر.

مۈڭگۈزى 

قانداغايپەقەت ئەركەك ھايۋاننىڭ بىشىدا مۈڭگۈزى بار، شۇنداقلا بۇغا تۈرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلۇڭ شەكلى ئالاھىدە بۇلۇپ، باشقا تۈردىكىلىرى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، شاخ شەكىللىك ئەمەس، بەلكى شەكلى ياپىلاق كۈرەك، بۇلۇڭ يۈزى يىرىك، مۈڭگۈز تەرەپنىڭ ئوڭ-سول تەرەپلىرى ئايرىلىپ گورىزونتال يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان، ئارىلىقتىكى كەڭ، كاكتۇسقا بەك ئوخشايدۇ، ئالدى تەرەپتىكى ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان يېرىنىڭ نۇرغۇن ئۇچى ئاچىماق، ئەڭ كۆپ بولغاندا 30-40 دانە. ھەربىر بۇلۇڭنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 سانتېمېتىر، ئەڭ ئۇزۇنلىرى 180 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئىككى بۇلۇڭى توغرىسىغا سوزۇلغان ھەجىمى 230-160 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 30-40 كىلوگرام.

ياۋروپا-ئاسىيا قانداغىيى (Alces alces)

1. قانداغاي كەنجى تۈرى                     (Alces alces alces)؛ 

2.  كامچاتكا قانداغاي كەنجى تۈرى           (Alces alces burulini)؛       

3. ئۇسسۇرى دەرياسى قانداغاي كەنجى تۈرى    (Alces alces cameloides)؛ 

4. ياقۇت قانداغاي كەنجى تۈرى               (Alces alces pfitzmayeri

شىمالىي ئامېرىكا قانداغىيى (Alces americanus)

1. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمدىكى قانداغاي   (Alces americanus americanus)؛

2. شىمالىي ئامېرىكا غەربىي قىسمىدىكى قانداغاي      (Alces americanus andersoni

3. ئالياسكا قانداغىيى                                (Alces americanus gigas)؛ 

4. ۋيومىڭ شتاتى قانداغىيى                          (Alces americanus shirasi)؛ 

قانداغايقانداغاي تىپىك مۆتىدىل سوغۇق بەلباغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقىدىكى ھايۋان، ئاساسلىق ئىپتىدائىي يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ۋە يىڭنە-كەڭ يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمان ئىچىدە ياشايدۇ. كۆپىنچە ئورمان ئىچىدىكى تۈز، ئويمان، ئورمانلىقتىكى سازلىق، ئورمان ئەزەلدىن يىراق، لېكىن پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

ئەتىياز پەسلىدە كۆپىنچە يىڭنە يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمان، قېيىنزارلىق، تاغ تېرەكلىك ۋە دەريا، كۆل بويىدىكى بۈك-باراقسان تاللىق رايوندا پائالىيەت قىلىدۇ.

ياز پەسلىدە كۆپ قىسىم ۋاقىتتا دەريا بويىدىكى ئورمان، ئوت كەتكەن يەر، كۆيۈپ كەتكەن ئورمان ئىزى، چاتقال ئوت–چۆپ بېسىپ كەتكەن دەريا قولتۇقى، دەريا ۋادىسىدىكى سازلىق، يەم-خەشەك قىلىنىدىغان ئېگىزلىك ئوت چىملىقى، چىم ۋە كونا دەريا قىنى قاتارلىق بەلباغىدا ياشايدۇ، بولۇپمۇ جىلغا ئېقىنلار، كۆپ شىرنىلىك ئۆسۈملۈك باراقسان ئويمانلىق ۋە سازلىقلاردا.

كۈز پەسلىدە كۆپىنچە ئورمان ئارىسىدىكى بوشلۇق، دەرەخ كېسىلگەن جاي، ئورمان بويلىرىدا، ئورمان ئارىسىدىكى سازلىق، ياكى تاغ سۇلىرى يۇقىرى ئېقىنىدىكى شامالدىن دالدا، كۈنگەي جايلاردا توپلىشىپ ياشايدۇ.

قىش پەسلىدە ئاساسەن تاغلىق كۈنگەي يانتۇلۇقتىكى ئورمان، سازلىق، سۆگەتلىك، تاللىق، چاتقاللىق قاتارلىق جايلاردا ھەرىكەت قىلىدۇ. زىمىستان قىشتا دائىم يەر ئاستى سۈيى بار جايلاردا كىچىك توپ بولۇپ يۈرىدۇ. 

قانداغايئەركەك قانداغاي ئادەتتە يالغۇز ياشايدۇ، چىشى قانداغاي ۋە كىچىك قانداغاي توپلىشىپ ياشايدۇ، پۈتۈن كۈن ھەممىسى ئوزۇقلۇقىدىن ئىچىملىك سۇ، 70 نەچچە خىل يېمەكلىك تۈرلىرى بار، يەنى: دەرەخ يوپۇرماقلىرى، يۇمران شاخ ۋە ياتما نېلۇپەر، جامكا قاتارلىق سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.، ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ھەر كۈنى 20 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك يەيدۇ، كالىغا ئوخشاش تاماقتىن كېيىن چوقۇم كۆشەش، يەنە ئىشقار تۇزى يالاش ئادىتى بار.

قاتتىق سوغۇق مۇھىتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، قانداغاينىڭ نۇرغۇن يۇقىرى ياشاش ئىقتىدارى تەدرىجىي تەرەققىيات قىلغان. كۆزنىڭ يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاڭلاش سېزىمى ۋە پۇراش سېزىمى ناھايىتى ئۆتكۈر، گەۋدىسى يوغان قوپال بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قانداغاينىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى جانلىق، 60 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەردە ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ، سائەتلىك سۈرئىتى 55 كىلومېتىر/سائەت، قانداغاينىڭ سائەتلىك سۇ ئۈزۈشى 20 نەچچە كىلومېتىر، 6.5 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇغا چۈشۈپ ئوزۇقلۇق ئىزدىيەلەيدۇ.

قانداغايقانداغاي ئادەتتە شىمالىي يېرىم شاردىكى مۆتىدىل بەلباغدىن تارتىپ كەنجى شىمالىي قۇتۇپ كىلىماتى يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ۋە ئارىلاش ئورمانلىقلاردىن چىقىدۇ. جۇڭگودا ئۇلار پەقەت چوڭ ھىنگان ۋە كىچىك ھىنگان شىمالىي قىسمىغا  تارقالغان. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ئۇلار كانادا، ئالياسكا، يېڭى زىللاندىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، سۇ بويىدىكى خادا تاش تاغ تىزمىسى، مىننېسوتا شىتاتى شەرقىي شىمال قىسىمىغا تارقالغان. قانداغاي 1904-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نېۋفوندلاند ئارىلىغا كىرگۈزۈلۈپ، ھازىر شۇ جايدىكى ئەڭ كۆپ تۇياقلىق بولۇپ قالغان.

قانداغاي تارتىپ 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ كۈيلەيدۇ، قوغلىشىشى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئايدا ئاخىرلىشىدۇ.  ئادەتتە چىشى ھايۋانلارنى ئەركەك ھايۋانلار كەچتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا كۈيلىگەن. كۈيلىگەن ئەركەك ھايۋان ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال بۇلۇپ، تۈكلىرى پاخپىيىپ كەتكەن، مۈڭگۈز پەردىسىگە قان تولۇپ، دائىم دەرەخ غولىغا سۈركەپ سىلىقلايدۇ، دەرەخ قوۋزىقى بىلەن دەرەخ غولىدا نۇرغۇن ئىز قالدۇردۇ. 

جۈپلىشىش رىقابىتى

قانداغايجۈپلىشىش رىقابىتى: ئىككى ئەركەك ھايۋان ئاۋۋال ئۆز-ئارا يىرتقۇچلاردەك تىكىلىپ قارىشىپ، ئارقىدىنلا غايەت زور مۈڭگۈز شىددەتلىك ھالدا «رەقىب» ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، «قاراس» زەربە بۇلۇڭى ھاسىل قىلىدۇ. ئادەتتتىكى ئەھۋالدا بىر تەرەپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قائىدە-يوسۇنلۇق ھالدا كېتىپ قالىدۇ، لېكىن بەزىدە ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى تەڭ بۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش تەس، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. چىشى قانداغايلار غەلىبە قىلغان ئەركەك قانداغايلار بىلەن چېتىشىدۇ.

كۆپىيىشى 

قانداغايبىر غەلبە قىلغان ئەركەك ھايۋان ئادەتتە پەقەت بىر چىشى ھايۋان بىلەنلا چېتىشىدۇ. چىشى ھايۋانلارنىڭ بوغازلىق مەزگىلى 242-250 كۈن، ئادەتتە كېيىنكى يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تۇغىدۇ، ھەر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ، بەزىدە ئىككىنىمۇ تۇغۇپ قالىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 70-82 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 10-12 كىلوگرام، تەن رەڭگى سارغۇچ قوڭۇر، بەزىدە پۈتۈن بەدىنى ئاق تۈكى بار، «ئاق قانداغاي» ياكى «ئاقىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قانداغاي» دەپمۇ ئاتالغان. بالىسىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى تېز بولىدۇ، بولۇپمۇ ئەڭ دەسلەپكى ئالتە ئاي ئىچىدە. 10-14 كۈن كېيىن پائالىيەت قىلىشى باشلىنىدۇ، بىر ئايدىن كېيىن چۆپ ۋە يۇمران يوپۇرماقلارنى يىيىشكە باشلايدۇ، بالا ئېمىتىش مەزگىلى تەخمىنەن ئۈچ يېرىم ئاي بولىدۇ. 1 ياشتىن كېيىن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، ئۈچ-تۆت ياشقا كىرگەندە جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ.

گەرچە ھەر يىلى بىر قىسىم قانداغاي مىلتىق ئاستىدا ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا جېنىدىن ئايرىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي مىقدارى تېخى ناھايىتى كۆپ، تېخى نەسلى قۇرۇش خەۋپى يوق، بەلكى ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئالاقىدار ئۇرۇنلار قانۇن تۈزۈپ، قانۇنلىرى بويىچە قوغدايدۇ. 

شۇ تۈرنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بىئولوگىيەلىك ساقلىنىشى ئاجىز، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان كىرتىك قىممەت ئۆلچىمى (تارقالغان رايونلار ياكى تەۋرىنىش دائىرىسى كىچىكلىكى 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ياشاش سۈپىتى، تۈر توپى كۆلىمى، پارچە-پۇرات تارقالغان رايونلار)، تۈر توپلىرىنىڭ سانىنى يۈزلىنىشى مۇقىم. شۇڭا ھاياتلىق باھالاش كىرزىسىگە بولغان تۈرى يوق.

«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» (IUCN)؛ 2008-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.  ver 3.1-خەتىرى تۆۋەن (LC).

جۇڭگونىڭ دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. [0]

Alces americanus americanus

Alces americanus americanus

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#