ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئۈسكىنىسى

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بولسا بىر خىل چاستوتاسى 20 مىڭ گېرتىستىن يۇقىرى بولغان ئاۋاز چاستوتىسىدۇر. ئۇنىڭ يۆنىلىشچانلىقى ياخشى، تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بىر جايغا يىغىش يەنى بىر جايغا مەركەزلەشتۈرۈشكە ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان ئاۋاز ئېنېرگىيەسى، سۇدا تارقىلىش مۇساپىسى يىراق، ئارىلىق ئۆلچەش ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى
ئىنگلىزچە نامى ultrasonic (waves)
قۇۋۋەت زىچلىقى p≥0.3w/cm2
قوللىنىش ساھەسى تېبابەتچىلىك ، ھەربىي ئىشلار ،سانائەت ، يېزا ئىگىلىك
خەنزۇچە نامى 超声波
چاستوتا F≥20KHz
قارىمىقىدىكى پەن فىزىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئۈسكىنىسىئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بولسا بىر خىل چاستوتاسى 20 مىڭ گېرتىستىن يۇقىرى بولغان ئاۋاز چاستوتىسىدۇر، ئۇنىڭ يۆنىلىشچانلىقى ياخشى ، تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، بىر جايغا يىغىش يەنى بىر جايغا مەركەزلەشتۈرۈشكە ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان ئاۋاز ئېنېرگىيەسى ، سۇدا تارقىلىش مۇساپىسى يىراق ، ئارىلىق ئۆلچەش ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، تېزلىك ئۆلچەش ، تازىلاش ، كەپشەرلەش ، شېغىل تاش , دېزىنفېكسىيە قىلىش ، مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ . تېبابەتچىلىك ، ھەربىي ئىشلار , سانائەت , يېزا ئىگىلىك جەھەتتە نۇرغۇن ئىشلىتىلىشى بار . ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ چاستوتا تۆۋەن چېكى ئادەمنىڭ ئاڭلاش سېزىمى يۇقىرى چېكىدىن يۇقىرى بولغاچقا  ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى دەپ ئاتالغان .

قانداق ۋاقىتتا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈش 

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى مىدىتسىنادىكى ئۈسكىنەنۇرغۇنلىغان بولغۇسى ئانىلارنىڭ «مەن قانداق ۋاقىتتا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈشۈم كېرەك؟ » دەپ سورايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئادەتتە، دوختۇر تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. مەسىلەن: بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئېھتىمالى بولغاندا، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى ھەيز تەرتىپسىز بولسا ياكى ھامىلىدار بولغان كۈن سانى ئېنىق بولمىسا، بىنورمال قان كەلسە، ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمراھى ياكى بالا ھەمراھىنىڭ بالدۇر سويۇلۇشىدىن گۇمانلانغاندا، ھامىلىنىڭ بەك چوڭلۇقىدىن گۇمان قىلسا، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى كېيىن دەپ گۇمان قىلسا، موينى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى، باش سۈيىنى تېشىش ئوپېراتسىيەسى ياكى ھامىلىنىڭ كىندىك ۋىناسىنى تېشىش ئوپېراتسىيەسى قىلغاندا، كۆپ كېزەكلىكتە گۇمان پەيدا بولسا، ھامىلە ئورنى نورمال بولمىغانلىق توغرىسىدا ياكى كاسا بالدۇر كېلىپ قالغان ھامىلە توغرىسىدا گۇمان بولسا، باش سۈيى كۆپ ياكى ئاز دەپ گۇمان قىلسا، ھامىلىدارلىق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن، ھامىلىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا مەلۇم مۆلچەرلەش بولغان بولسا، ئۈزۈمسىمان تۆرەلمىدىن گۇمانلانغاندا، ئۈزۈمسىمان تۆرەلمە يەنە سۇ پۈۋەكچىسىمان ھامىلە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بىرخىل پاترولوگىيىلىك تۇغۇت بۆلۈمى ھادىسىسى بولۇپ، ئىپادىسى مويلارنىڭ نورمالسىز ئۆسۈشى(تۆرەلمىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ياكى يوقاپ كېتىشى) . نۇرغۇنلىغان ئىچكى قىسىمدىكى يېپىشقاق ئاجراتمىلاردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. شەكلى ئۈزۈم ساپىقىغا ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن ئۈزۈمسىمان تۆرەلمە دېيىلگەن، ئۈزۈمسىمان تۆرەلمىنى دائىم بالىياتقۇدىن سۈمۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ. ئاز ساندىكى كېسەللىك تۈرلىرىدە سۇ قاپارتمىلىرى بالىياتقۇ مۇسكۇل قاتلىمىغا كىرىپ قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىرراقلىرىنىڭ بالىياتقۇسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئاز بىر قىسىم كېسەللەردە موي پەردە راكىغا تەرەققىي قىلىدۇ. مەسىلەن: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە داس بوشلۇقىدا ئۆسمە بولسا، ھامىلىدە تۇغما غەيرىيلىك بار-يوقلۇقىنى تاللاپ تەكشۈرگەندە، بالدۇر بويىدىن ئاجراپ كېتىش ھادىسىلىرى بولسا.

ئەلۋەتتە، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ تېز-ئاستىلىقىدا باش سۈيىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى ۋە بالا ھەمراھى ئىقتىدارىنىڭ ساغلام بولۇش-بولماسلىقى، ھامىلىنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بولۇشى قاتارلىقلارنى ناھايىتى نازۇك بولغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تەكشۈرگەندىلا، ئاندىن ئوبيېكتىپ ۋە توغرا بولىدۇ.

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ قانداق ئىقتىدارى

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئەسۋابى كۈندىن-كۈنگە ئىلغارلاشقانلىقى ئۈچۈن، ھامىلە قۇرۇلمىسىنىڭ غەيرىي نورمال ئىكەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ. تەجرىبىسى مول دوختۇر مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، توغرىلىق نىسبىتى %99 دىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، ھامىلە تۈزۈلۈشىنىڭ بىنورماللىقىنى بايقىغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ.

1. ئىستاتىستىكىغا ئاساسەن، ئادەتتىن تاشقى ھامىلە بولسا خروموسومىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بولغان پۇرسىتى گە يېتىدىغان بولسا(دوۋن سىندرومىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھامىلىدار بولۇپ 18-20 ھەپتە بولسا، باش سۈيى تېشىش ئوپېراتسىيەسى قىلسا بولىدۇ. 22 ھەپتىدىن كېيىن بولسا، كىندىك ۋېناسىنى تېشىش ئوپېراتسىيەسى قىلسا بولىدۇ. ھامىلىنىڭ خروموزومىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تۇغۇلغاندىكى ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. 24 ھەپتىدىن ئىلگىرى ھامىلىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە غەيرىي نورمال ئىكەنلىكى بايقالسا، ھامىلىدار بولۇشنى توختىتىپ، بالا چۈشۈرۈش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك. ئەلۋەتتە، ھامىلىدار بولۇپ 24 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئەگەر ھامىلىنىڭ بىنورماللىقى ئۆلۈك دەرىجىدىكى بىنورماللىققا (مەسىلەن، مېڭىسىز دېگەندەك) تەۋە بولۇپ، دوختۇر بالدۇر بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.

3. ئەگەر ھامىلىنىڭ خروموزومى نورمال بولسا، ھامىلىدار بولۇشنى ئويلىشىپ باقسا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ خىل ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە، ھامىلىنىڭ غەيرىي نورمال ئىكەنلىكىنى ئالدىن بىلگەچكە، تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئەتراپلىق ئوپېراتسىيە قىلسا ئادەتتە كېسەلنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

4. ئاياللار تۇغۇت بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمى ۋە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى قاتارلىقلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىنى تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، كېيىن بالىياتقۇ ئىچىگە سېلىپ قويۇپ ئاندىن ئاي توشقۇچە تولۇق ھامىلىدار بولسا بولىدۇ.

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى توغرا ھېسابلاپ بېرەلەمدۇ؟

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى سانائەتتىكى ئۈسكىنەئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەيز كېلىپ 6 ~ 10 ھەپتىدىن كېيىن، دوختۇرنىڭ قېشىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، بىرىنچى قېتىملىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ھامىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ھەپتە سانىغا ئالماشتۇرۇپ ھېسابلاش، «ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئېنىقلانغان ھامىلىدار بولغان ھەپتە سانى» دېيىلىدۇ، ئەگەر ھەيز سانى، ھەپتە سانى نورمال بولمىغان كىشىلەرنىڭ، ھەيز ھەپتە سانى بىلەن ئەمەلىي ھامىلىدار بولغان ھەپتە سانى ماس كەلمىسە، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەيز ھەپتە كۈنىنى بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتى دەپ ھېسابلىساق، ناھايىتى چوڭ خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ھېسابلىغاندا، ھەپتە سانىنى ئالماشتۇرۇپ ھېسابلاش تەكلىپنى بېرىمىز شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەيز كۈنىنى ئۆزگەرتىپ، بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى قايتىدىن ھېسابلاش كېرەك. مەسىلەن، دائىم 10 ~ 15 كۈن كېچىكىپ ھەيز كۆرىدىغان كىشىلەر، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەيز كېلىپ ئىككى يېرىم ئايدىن كېيىن(ھامىلىدار بولغىلى 10 ھەپتە بولغان) ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتكەندە، ھامىلىنىڭ ئەمەلىيەتتە سەككىز ھەپتە ئەتراپىدا بولغانلىقى، ئىككى ھەپتە پەرق چىققانلىقى بايقىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەيز كۈنىنىڭ ئىككى ھەپتە ئۇزارغانلىقىنى، يەنى بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنىڭ ئىككى ھەپتە كەينىگە سۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق سىكانتېرلاشنىڭ قوشۇمچە رولى

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنۆۋەتتە تۇغۇت ئالدىدىكى تەكشۈرۈشتە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق سىكانتېرلاش ئەسۋابى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ بىنورماللىق جەھەتتىكى ھادىسىلەرنى بايقاشقا قولايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، تۇغۇت بۆلۈمى دائىم ئىشلىتىدىغان ئەسۋابقا ئايلىنىپ قالدى. ھەربىر بولغۇسى ئانا كەلگۈسىدە تۇغۇلماقچى بولغان پەرزەنتىنىڭ ساغلاممۇ-ئەمەسمۇ؟ قىزمۇ ياكى ئوغۇلمۇ؟ قاتارلىقلارنى بىلىشكە ئىنتىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى نورمالسىزلىقلار تۈپەيلىدىن ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتىدۇ، گەرچە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق سىكانتېرلاش ئەسۋابىنىڭ ئېنېرگىيە دەرىجىسى تۆۋەن، جانلىقلارغا بولغان قوزغىتىش تەسىرى بار بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇنلىغان مېدىتسىنا قۇرۇلمىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يەنىلا بىخەتەر دەپ قارالدى. شۇڭا، ھامىلىدار مەزگىلىدە ئالاھىدە ھەرخىل سەۋەبلەردىن كۆپ قېتىم ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتكەندە، ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى مېدىتسىنادا ئاساسلىقى كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ھازىر كىلىنىكىدا كەم بولسا بولمايدىغان دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا كۆپ قېتىم تەكشۈرتۈش بەدەنگە زىيان يەتكۈزەمدۇ؟ 

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئېنېرگىيەلىك دولقۇن بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتساق، بۇنداق تېمپېراتۇرا كىچىك ھەم ئاستا بولىدۇ. بىراق ئادەم بەدىنىدىكى دوۋساق توقۇلمىسى، ھامىلە توقۇلمىسى دېگەندەك بەزى توقۇلمىلار ئىسسىققا چىدامسىز كېلىدۇ، ناۋادا بۇ توقۇلمىلار ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تەسىرىگە  كۆپ ئۇچرىسا زەخىملىنىشى مۇمكىن.

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئۈسكىنىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈشتېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىلىدىغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ چاستوتاسى 2 ~ 10 مېگاگېرتس ئارىلىقىدا بولىدۇ، بۇ ھەر قېتىملىق تەۋرىنىشى 2 ~ 10 مىليون قېتىم دېگەنلىكتۇر. بۇنداق يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىش ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى باغلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، توقۇلمىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ناۋادا تەۋرىنىشنىڭ ئامپىلىتۇدىسى بەڭ چوڭ بولسا، ھۈجەيرە پەردىسى بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ھەتتا ھۈجەيرە يېرىلىپ كېتىدۇ. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى جانلىقلار تېنىگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئېففېكتقا ئىگە بولۇپ، بۇ «كاۋاكلىشىش ئېففېكتى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىشى تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان سۇيۇقلۇقلاردا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان مىكرو كۆپۈكچىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ كۆپۈكچىلەر ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ قىسىشىغا ئۇچراپ، ئارىلىقى كىچىكلەپ ھەم كۆپلەپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىپ، قىسقا ۋاقىتتا نەچچە مىڭ گىرادۇسلۇق يۇقىرى ھارارەت ھاسىل قىلىپ، ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنى كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرىدۇ، بۇ يۇقىرى ھارارەت يەنە سۇنى ھىدروگېن ئەركىن رادىكالى ۋە ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىغا پارچىلايدۇ، بۇ رادىكاللار ھەممىلا يەردە قالايمىقان «ئۈسۈپ» يۈرۈيدۇ.

 ئالىملار ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن: ھەر كىۋادرات سانتىمېتىردا 0.35 ۋات بولغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ھامىلىنى ئۆلتۈرۈپ بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، 1 ~ 2 ۋات بولغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئۆي توشقىنى دوۋسىقىدىكى ئىسپېرما سانىنى ئازايتىۋېتەلەيدىكەن؛ 60 ۋات بولغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى مېڭە، جىگەر توقۇلمىلىرىنى نېكروزلايدىكەن. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئۇنىڭ كۈچى مەلۇم مىقدارغا يەتكەندە ئاندىن ئىپادىلىنىدىكەن. ئادەتتىكى ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىدىغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى 0.1 ۋاتتان ئېشىپ كەتمەيدىكەن، ئادەم بۇنداق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا ئون مىنۇت تۇرسىمۇ توقۇلمىلارغا تەسىر يەتمەيدىكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنجاڭ كوئىنلون تورىدىن ئېلىندى 

http://tlf.xjkunlun.gov.cn/10060/10180/10000/10003/2014/2100259.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

شىنجاڭ كوئىنلون تورىدىن ئېلىندى

http://tlf.xjkunlun.gov.cn/10060/10180/10000/10003/2014/2100259.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#