ئادەمگىياھلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 1100 تۈرى بار، بۇلار دېڭىز-ئوكيانلارغا تارقالغان.بۇلارنىڭ ئىچىدە مېيخۇا ئادەمگىياھسى(THELENO—TAANANAS) ئەڭ چوڭ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 60-70 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەنئون سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن سەككىز سانتىمېتىر كېلىدۇ
تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر بۇ يازما 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى يوللانغان
قارىياغاچ يەنە ئاق قارىياغاچ، ئۆي قارىياغىچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارىياغاچ ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. 25 مېتىرغىچە ئېگىز ئۆسەلەيدۇ. غولى تىك، دەرەخ باراقسىنى يوغان. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكىللىك، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ تۈۋى قىسمى قىيپاش.
تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 24-كۈنى يوللانغان
بەزرۇلبەنجى نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، مەست قىلىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، بىھۇش قىلىش، قۇرۇتۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »دورا تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر بۇ يازما 2016-يىلى 07-ئاينىڭ 30-كۈنى يوللانغان
لالە گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، توق سېمىز يەر ئاستى تەڭگىچە غولى بولىدۇ ھەمدە سوغۇققا چىداملىق. كۆپەيتكەندە تەڭگىچە غولى تۇپراققا كۆچۈرۈپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 24-كۈنى يوللانغان
قىچا كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈل رېتى ئومۇم گۈل رېتى بولۇپ، گۈلى ئوچۇق سېرىق رەڭدە بولىدۇ.
تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 24-كۈنى يوللانغان
چۈچۈكبۇيا پۇرچاق ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق يېرىم چاتقالسىمان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 0.5 مېتىر، غولىدا تىكەن تۈكچىلىرى بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقلىرى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق شەكىللەندۈرگەن. يازدا كۆكۈ...
تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر بۇ يازما 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 09-كۈنى يوللانغان
كۆممىقوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بويى ئەڭ ئېگىز بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1 ~4 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. يىلتىز سىستېمىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شامالغا قارشى تۇرالايدىغان تىرەك يىلتىزلىرى بولىدۇ.
تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 24-كۈنى يوللانغان
قىزىلگۈل − ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال، پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، يوپۇرماقنىڭ دۈمبە تەرىپىدە زىچ ئۆسكەن تىۋىت تۈكچىلىرى، شاخلىرىدا زىچ ئۆسكەن قوۋزاق تىكەنلىرى بولىدۇ.
تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 24-كۈنى يوللانغان
قىزىلمۇچنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدۇر. ئۇ پىدىگەن ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، جەنۇبتىكى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا بولسا كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ.
تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 24-كۈنى يوللانغان
قەپەسئوت ھاشاراتخور ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان يېرىم چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 3 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ئۆزگىچە، تۈۋى قىسمى ياپىلاق، ئوتتۇرا قىسمى ناھايىتى ئىنچىكە، ئوق تومۇرى ئۇزىراپ بۇرۇتچىغا ئايلانغان .
تەبىئەت »جانلىقلار »ئۆسۈملۈكلەر بۇ يازما 2016-يىلى 03-ئاينىڭ 24-كۈنى يوللانغان