كېنىيە

كېنىيە جۇمھۇرىيىتى ( The Republic of ) بولىدۇ. ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،  ئېكۋاتور ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلمىسى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرقتە سومالى، جەنۇبتا، تانزانىيە، ئۇگاندا بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىمالىي بىلەن ئېفىئوپىيە، جەنۇبىي سۇدان چېگرىسىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى كېنىيە جۇمھۇرىيتى
قىسقارتىلغان نامى كېنىيە 肯尼亚
ۋاقىت رايونى UTC+3
دۆلەت شېئىرى 《Ee Mungu Nguvu Yetu》
نوپۇسى 45 مىليون 550 مىڭ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 肯尼亚共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئافرىقا قىتئەسى
پايتەختى نايروبى
دۆلەت تىلى سىۋاخېرې تىلى، ئىنگىلىز تىلى
نوپۇس زىچلىقى 69.7 ئادەم / كىۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېنىيەكېنىيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى-كېنىيە جۇمھۇرىيىتى ( The Republic of ) يەرلىك بەنتۇ تىلىدىكى ‹‹كېنىيە›› نىڭ مەنىسى ‹‹تۆگە قۇشى›› دېگەنلىك بولىدۇ. ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،  ئېكۋاتور ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلمىسى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرقتە سومالى، جەنۇبتا، تانزانىيە، ئۇگاندا بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىمالىي بىلەن ئېفىئوپىيە، جەنۇبىي سۇدان چېگرىسىغا جايلاشقان، شەرقىي جەنۇب ھىندى ئوكيان، دېڭىز قىرغىقى ئۇزۇنلۇقى 536 كىلومېتىر. دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ %18 تېرىلغۇ يەر، باشقا ئاساسلىقى چارۋىچىلىق رايونى. 

جۇغراپىيەلىك ئورنى

كېنىيەنىڭ يەر مەيدانى 582 مىڭ 646 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يېرى ئېكۋاتور سىزىقىغا، شەرقىي ۋە سومالى بىلەن قوشنا، شىمالىي بىلەن ئېفىئوپىيە، جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇريىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ۋە ئۇگاندا چېگرىسىغا جايلاشقان، جەنۇبىي بىلەن تانزانىيە بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىي تەرىپى ھىندى ئوكيان، دېڭىز قىرغىقى ئۇزۇنلۇقى 536 كىلومېتىر. 

يەر شەكلى 

دېڭىز بويلىرى تۈزلەڭلىك بولۇپ، كۆپ قىسم جايلىرى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1500 مېتىر كېلىدىغان ئېگىزلىك. تېيىز  شىمالى قۇملۇق ۋە يېرىم قۇملۇق بەلباغ، تەخمىنەن پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ % 56 ىنى ئىگەلەيدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىك كېنىيە تېغى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5199 مېتىر.

كىلمات ئالاھىدىلىكى 

كېنىيەئىسسىق بەلباغ مۇسسون شامىلى رايونىغا جايلاشقان، ئېگىزلىكنىڭ كۆپ قىسىم رايونى تروپىك بەلۋاغنىڭ ئوتلاق ئىقلىمىغا تەۋە. دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ ھۆل ئىسسىق، ئېگىزلىك كىلىماتى ئىللىق. 3-ئايدىن 10-ئايغىچە يامغۇر پەسلى، باشقا ۋاقىتلاردا قۇرغاق پەسىل بولىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمال تەرىپىدىن مىقدارى 1500 مىللىمېتىردىن ئازلاپ بېرىپ 200 مىللىمېتىر. پايتەختى نايروبى كىلىماتى ئىللىق، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 17.7 سېلسىيە گىرادۇس، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1049 مىللىمېتىر. 

كېنىيەكېنىيە پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسى 45 مىليون 550 مىڭ ئادەم(2013-يىل)، ئاھالىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى %2.7. مەملىكەت بويىچە جەمئىي 42 مىللەت بار، ئاساسلىقى كىكۇيۇ مىللىتى %17، لۇخىيە مىللىتى %14، كالېنجى مىللىتى %13، لۇئو مىللىتى %10  ۋە كامبا مىللىتى  %10 قاتارلىقلار بار . بۇنىڭدىن سىرت ئاز ساندىكى پاكىستانىلق، ئەرەبلەر ۋە ياۋروپالىقلار بار.

دۆلەت بايرىقى

كېنىيەقارا، قىزىل رەڭلىك، ئۆز ئارا تەڭ بولغان توغرىسىغا ئۈچ تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدىن تۈزۈلگەن. قىزىل تىك بۇلۇڭ شەكىلنىڭ ئاستى -ئۈستىدە ئاق رەڭلىك گىرۋەك بولۇپ، بايراقنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا قالقان بىلەن قايچىلاشتۇرۇپ تىكلەپ قويۇلغان ئىككى نەيزىنىڭ شەكىلى بار . نەيزە بىلەن قالقان ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ سىمۋولى .

دۆلەت گېربى

كېنىيەقالقان شەكىللىك بولۇپ، قالقاننىڭ ئوتتۇرىسىدا قولىدا پالتا تۇتۇپ تۇرغان بىر ئاق خورازنىڭ شەكلى بار. قالقان شەكىلنىڭ كەينىدە قايچىلاشتۇرۇپ تىكلەپ قويغان ئىككى نەيزىنىڭ شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە كۈچ-قۇدىرەتكە سىمۋول قىلىنغان ئىككى شىرنىڭ شەكلى بار. گېربنىڭ ئاساسلىق قىسمىدىكى تاغ باغرىسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىمۋولى بولغان قەھۋە ئۆسۈملۈكى، خەنجەر يوپۇرماقلىرى، كەندىر ۋە ئاناناستۇر. ئاستىدىكى قىزىل لېنتىغا ‹‹بىللە ئۆتۈش›› دېگەن خەتلەر بېزەلگەن.

مىنېرال بايلىقى

كېنىيە كان بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى ساپ شۇلتا، تۇزكۋارتس، ھاك تاش، كالتسىي، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، ئاليۇمىن، سىنىك، نىئوبىي، تورىي قاتارلىقلار، ساپ ئىشقار ۋە فلۇئورىت باشقا ، كۆپ سانلىق كان بايلىقلىرى تېخى ئېچىلمىغان.

ئورمان بايلىقى 

كېنىيە ئورمانلىقنىڭ كۆلىمى 87 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ %15 نى ئىگىلەيدۇ، دەرەخ زاپىسى 950 مىليون توننا .

نايروبىنايروبى كېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەر دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1676 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئورۇنغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ(1983) ، نايروبى كېنىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئۇ جايدا توقۇمىچىلىق، سېمونت، تېرە-خۇرۇم، يېمەك-ئىچمەك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلاش، قەغەز ئىشلەش، ئافرىقا بويىچە ئاتاقلىق پاراۋۇز ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. نايروبى شەرقىي ئافرىقا بويىچە خېلى زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى خېلى كۆركەم، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، «كىچىك لوندون» دەپ ئاتىلىدۇ. شەھەردە يەنە ئافرىقا بويىچە خېلى زامانىۋى خەلقئارا ئايرودروم، بىرنەچچە ئالىي مەكتەپلەر، مۇزېيلار، ئاتاقلىق باغچىلار، مېھمانخانىلار، ساياھەت ۋە دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.[0]

كېنىيەكېنىيىنىڭ ياۋايى ھايۋان بايلىقى ئىنتايىن مول ، ئۇ يەردىكى تەبىئىي ھايۋانات باغچىسىغا ،دەرەخ ئۈستى مېھمان سارايلىرى سېلىنغان ،دەرەخ تۈۋىدە يىرىتقۇچ ھايۋانلارنى جەلپ قىلىدىغان سۈزۈك سۇ كۆلچىكى بار ، ھاياھەتچى دەرەخ ئۈستى مېھمانخانىسىدا تۇرۇپ ، دەرەخ تۈۋىدىكى يىرىتقۇچ ھايۋانلارنى جەلپ قىلىدىغان سۈزۈك سۇ كۆلچى بار . ساياھەتچى دەرەخ ئۈستى مېھمان خانىسىدا تۇرۇپ ، دەرەخ تۈۋىدىكى ئاجايىپ مەنزىرىنى تاماشا قىلالايدۇ ، تەبىئەتنىڭ كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يۇتۇپ كېتىدىغان قانۇنىيىتى ساياھەتچىلەرنى كۆز ئالدىدا تولۇق نامايەن بولىدۇ . 

1933-، 1943-يىلى ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى ھېمىڭۋاي كىنكىيىنىڭ ياۋايى ھايۋانات باغچىسىنى زىيارەت قىلغاچ « ئافرىقىنىڭ يېشىل تاغ -دەريالىرى » دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقىپ ، بۇ يەردىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلىگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ نام -ئاتىقى يوق يەرنىڭ داڭقى چىقىپ كېتىپ ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىىدىن ساياھەتچىلەر بەس -بەستە كېلىپ ،ياۋايى ھايۋانلارنى تاماشا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن كىنيىنىڭ « ياۋاىي ھايۋانات جەننىتى » دېگەن نامى پەيدا بولغان . 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#