- تاش (ئۆلچەم بىرلىكى)
- تاش (چالغۇ)
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قەدىمدە ئۇيغۇرلار «تاش» دېگەن ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكىنمۇ قوللانغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى زامانلاردا يول مۇساپىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن يول بويلىرىغا تاش بەلگە قويۇلاتتى ۋە ئۈستىگە مۇساپە سانى يېزىلاتتى. ھەر بىر بەلگىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن سەككىز چاقىرىم كېلەتتى. ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنغان «پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدا بىر تاش 8.5 كىلومېترغا تەڭ دەپ كۆرسىتىلگەن. بەزى ماتېرىياللاردا يەنە بىر تاش 18 چاقىرىم، يەنى 12 مىڭ قەدەم دەپ كۆرسىتىلگەن. «قەشقەرىيە» دېگەن كىتابتا يېزىلىشىچە تاشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 مىڭ چامدام ئىكەن، شۇ كىتاب ئاپتورى كروپاتكىنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 7-9 روسىيە چاقىرىمغا تەڭ ئىكەن. خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىغا سۇندۇرغاندا 7.3-9.4 كىلومېتر ئارىلىقىدا بولۇپ، تەخمىنەن سەككىز كىلومېتر ئەتراپىدا ئىكەن
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.