لياۋ، شيا، جىن سۇلالىلىرى

لياۋ، شيا، جىن

شىمالىي سۇڭ ۋە جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان 300 نەچچە يىل جەريانىدا، جۇڭگونىڭ شىمالىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۈچ ھاكىمىيەت بارلىققا كەلدى، ئۇلار قىتانلار قۇرغان لياۋ سۇلالىسى، تاڭغۇتلار قۇرغان غەربىي شىيا سۇلالىسى ۋە جۇرجىتلار قۇرغان جىن سۇلالىسىدىن ئىبارەت. 

ئۇيغۇرچە نامى لياۋ، شيا، جىن
خەنزۇچە نامى 辽夏金

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىتانلار − سىيانپىيلارنىڭ بىر تارمىقى، ئۇلار ئىزچىل تۈردە لياۋخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ياشاپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەنىدى، نۇرغۇن قەبىلىلەرگە بۆلۈنەتتى. مىلادىيە 916-يىلى ياللۇغ ئاباۋجى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، قىتان خانلىقىنى قۇردى، كېيىن دۆلەت نامىنى لياۋ سۇلالىسىگە ئۆزگەرتىپ، لىنخۇاڭ(ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ بالىن سول خوشۇنى ئەتراپى) نى پايتەخت قىلدى. ئاباۋجىنىڭ ئوغلى ياللۇغ دېگۇاڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن دۆلەت كۈچىيىپ تەسىر دائىرىسى شەرقتە دېڭىزغا، غەربتە ئالتاي تېغىغا، شىمالدا موڭغۇل ئېگىزلىكىدىكى قۇرۇلۇن دەرياسىغا، جەنۇبتا خېبېينىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا يېتىپ، شەرقتىن غەربكە تۈمەن چاقىرىمغا سوزۇلغان ئەينى دەۋردە شىمالدىكى كۈچلۈك خانىدانلىققا ئايلاندى.

قىتان خانىدانلىقى قۇرۇلغاندا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بەش دەۋر، ئون پادىشاھلىقنىڭ بۆلۈنمىچىلىك دەۋرىدە تۇرۇۋاتاتتى. كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ خېدۇڭ ھېراۋۇلى شى جىڭتاڭ كېيىنكى جىن ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن، يۇجۇ، يۈنجۇ قاتارلىق 16 ئايماقنى كېسىپ بېرىش قاتارلىق شەرتلەر بىلەن لياۋ سۇلالىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن لياۋ سۇلالىسىنىڭ تەسىر كۈچى سەددىچىننىڭ ئىچكىرىسىگە سىڭىپ كىرىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى دائىم قىتان ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇردى.

شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى يۇجۇ، يۈنجۇ قاتارلىق 16 ئايماقنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئىككى قېتىم شىمالغا جازا يۈرۈشى قىلىپ، ھەر ئىككى قېتىمدا مەغلۇپ بولدى.1004-يىلى لياۋ سۇلالىسى قوشۇنلىرى كەڭ-كۆلەمدە جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ خۇاڭخې دەرياسى بويىغىچە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا غەلىبىگە ئېرىشەلمىدى. كېيىن سۇڭ سۇلالىسى بىلەن لياۋ سۇلالىسى سۈلھىلىشىپ، «چەنيۈەن ئىتتىپاقى» نى تۈزدى، ئىككى تەرەپ بەيگۇخې دەرياسىنى پاسىل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇڭ سۇلالىسى بىلەن لياۋ سۇلالىسى تىنچ بېرىش-كېلىش قىلىپ، سودا ئالاقىسىنى يولغا قويدى.

لياۋ سۇلالىسى مىلادىيە 1125-يىلى جىن سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلدى، ئۇ 210 يىل مەۋجۇت بولۇپ، شىمالدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە شىمال ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينىدى.

تاڭغۇتلار - ئەسلىدە چاڭلارنىڭ بىر تارمىقى ئىدى، شۇڭلاشقا تاڭغۇت چاڭلىرى دەپمۇ ئاتالغانىدى، ھازىرقى شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا ئەتراپلىرىدا ياشايتتى. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، تاڭغۇتلارنىڭ سەردارى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇتۇغات نامىنى قوبۇل قىلدى. مىلادىيە 1032-يىلى تاڭغۇتلارنىڭ سەردارى يۈەن خاۋ سۇڭ سۇلالىسىگە تەقلىد قىلىپ بىر يۈرۈش ئەمەلدارلىق تۈزۈمى، لەشكىرىي تۈزۈم ئورناتتى، يېزىق ئىجاد قىلدى. 1038-يىلى يۈەن خاۋ ئۆزىنى پادىشاھ، دەپ ئاتاپ، شيا سۇلالىسىنى قۇرۇپ، شىڭچىڭ(ھازىرقى نىڭشيادىكى يىنچۇەن) نى پايتەخت قىلدى، بۇ سۇلالە تارىختا غەربىي شيا سۇلالىسى دەپ ئاتالدى. 1040-يىلىدىن باشلاپ غەربىي شيا سۇلالىسى سۇڭ سۇلالىسىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قوزغاپ، ئانچە-مۇنچە غەلىبە قىلدى. غەربىي شيا سۇلالىسىنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى 400 مىڭ كىشىلىك قوشۇن يۆتكەپ چېگرىنى قوغدىدى. غەربىي شيا سۇلالىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 1044-يىلى سۇڭ سۇلالىسى بىلەن شيا سۇلالىسى سۈلھىلىشىش ئارقىلىق يۈەن خاۋنىڭ پادىشاھ دېگەن نامىنى بىكار قىلىش، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى ئۇنىڭغا شيا خانىدانلىقىنىڭ پاسىبانى دېگەن ئوتۇغات نامى بېرىش، سودا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بەلگىلىدى.

غەربىي شيا ھاكىمىيىتى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇڭ سۇلالىسى بىلەن لياۋ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەنە سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ھۆكۈمرانلىقىنى ئىككى ئەسىرگە يېقىن ساقلىدى. 1227-يىلى غەربىي شيا سۇلالىسى موڭغۇللار تەرىپىدىن يوقىتىلدى. غەربىي شيا سۇلالىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 190 يىلدا غەربىي شىمال رايونىنىڭ ئېچىلىشىدا ئىجابىي رول ئوينىدى.

جۇرجىتلار - جىن سۇلالىسىنى قۇرغان جۇرجىتلار ئۇزاقتىن بۇيان شەرقىي شىمالدىكى چاڭبەيشەن تېغى رايونى ۋە خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا، يەنى» بەيشەن، خىشۇي «(ئاق تاغ بىلەن قارا دەريا) ئارىلىقىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشايتتى، ئىلگىرى لياۋ سۇلالىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغانىدى. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇرجىتلارنىڭ ۋەنيەن قەبىلىسى قۇدرەت تېپىشقا باشلاپ، جۇرجىت قەبىلىلىرىنى پەيدىنپەي بىرلىككە كەلتۈردى. مىلادىيە 1113-يىلى ۋەنيەن قەبىلىسىدىكى ئاگۇدا جۇرجىتلارنىڭ سەردارى بولدى. 1115-يىلى ئاگۇدا ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ، جىن سۇلالىسىنى قۇرۇپ، خۇينىڭ(ھازىرقى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ئاچېڭ ناھىيىسىنىڭ جەنۇبى) نى پايتەخت قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي جىن سۇلالىسى لياۋ سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، لياۋ سۇلالىسىنىڭ نۇرغۇن زېمىنىنى تارتىۋالدى. 1125-يىلى جىن سۇلالىسى لياۋ سۇلالىسىنى يوقاتتى.

جىن سۇلالىسى لياۋ سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن سۇڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلدى، مىلادىيە 1127-يىلى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىمۇ يوقىتىپ، تەسىر دائىرىسىنى شەرقىي شىمالدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كېڭەيتتى. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا جىن سۇلالىسى لەشكەرلىرى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقاتماقچى بولدى، بىراق قاتتىق قارشلىققا ئۇچراپ، 1130-يىلى شىمالغا چېكىندى. شۇنىڭدىن كېيىن، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىسى چىنلىڭ، خۇەيخې دەرياسىنى چېگرا قىلىپ تىركىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. 

1141-يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى بىلەن جىن سۇلالىسى «شاۋشىڭ كېلىشىمى» نى ئىمزالىغاندىن كېيىن جۇرجىت خەلقى توختىماستىن ئىچكىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلاشتى، خەنزۇ خەلقى بىلەن ئۇزاق مەزگىل ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىپ، خەنزۇلار بىلەن نىكاھلىنىپ فامىلىسىنى خەنزۇچە فامىلىگە ئۆزگەرتىپ، بارا-بارا خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#