يامايكا ئارىلى

يامايكا ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ كارىب دېڭىزىدىكى بىر ئارال دۆلەت.

ئۇيغۇرچە نامى يامايكا ئارىلى
كۆلىمى 10 مىڭ 991 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 牙买加岛
باشقا نامى بۇلاق ئارىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يامايكا ئارىلىيامايكا ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ كارىب دېڭىزىدىكى بىر ئارال دۆلەت. بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يېرى سۇ ۋە ئوت-چۆپ بىلەن قاپلانغان بولۇپ، شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق سۈيىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئىندىئانلارنىڭ ئاراۋاك مىللىتىنىڭ تىلىدا «يامايكا» دېگەن سۆز «بۇلاق ئارىلى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

يامايكا ئارىلىيامايكا ئارىلىنىڭ كۆلىمى10991 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارالدا تاغلىقلار كۆپ، بىراق تاغ چوققىلىرى ئانچە ئېگىز ئەمەس، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى2256 مېتىر كېلىدۇ. كىشىلەر ھەمىشە ئېگىز تاغ يېرىقلىرى ۋە چوڭقۇر تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدىن شىلدىرلاپ ئېقىپ چىقىۋاتقان بۇلاق سۇلىرىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ بۇلاق سۇلىرى يىغىلىپ كىچىك ئېقىنلارنى، شارقىراتمىلارنى، ئاخىردا چوڭ-كىچىك دەريالارنى ھاسىل قىلىدۇ. پۈتۈن ئارالدا چوڭ-كىچىك بولۇپ100 دىن ئارتۇق دەريا بار. بۇ دەريالارنىڭ نامى ئىنتايىن قىزىقارلىق. بەزىلىرى قار دەريا دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى كەڭ دەريا دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى مىس دەريا دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بەزىلىرى سۈت دەرياسى، بانان دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. 

يامايكا ئارىلىئارالغا ھاك جىنسلار كەڭ تارقالغان، كىسلاتالىق سۇنىڭ تەسىرىدە بۇنداق ھاك جىنسلاردا ئاسانلا يوچۇق، ئۆڭكۈر پەيدا بولۇپ، تاغ جىنس قاتلاملىرىدا سۇلۇق قاتلاملار ھاسىل بولىدۇ. يامايكا ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدا ھۆل-يېغىن ناھايىتى كۆپ، شۇڭا تاغ جىنىس قاتلاملىرى ئارىسىغا سۈزۈك سۇلار يىغىلىپ قالىدۇ. تاغ جىنس قاتلاملىرى بېسىم كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يېرىقچىلار پەيدا بولغاندا، بۇ سۇلار ئېقىپ چىقىپ بۇلاقلار ھاسىل بولىدۇ. 

يامايكا ئارىلىدا نۇرغۇنلىغان يار بۇلاق ۋە شارقىراتمىلار بولغاندىن سىرت، يەنە ھەر خىل شەكىلدىكى ئۆڭكۈرلەر بار، بۇنىڭغا كۆركەم تروپىك بەلۋاغ مەنزىرىسى قوشۇلۇپ، مەزكۇر جاي مەشھۇر ساياھەت رايونىغا ئايلانغان.

يامايكا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ بائۇكست چىقىدىغان جاي، يامايكىدىن يەنە بانان، شېكەر قومۇشى، قەھۋە، كاكائو قاتارلىق تروپىك بەلۋاغ مېۋىلىرى كۆپ چىقىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#