ئاكسىيە

ئاكسىيە
ئاكسىيە(证券 )تۇتۇپ تۇرغۇچىنىڭ ھوقوق مەنپەئەتى يېزىلغان قانۇنىي كۇچكە ئىگە بولغان يازما دوكۇمىنت بولۇپ قانۇنلۇق بولۇشى،يازمىچە بولۇش ئۇنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھىساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاكسىيە
چەتئەلچە نامى bond;security
خەنزۇچە نامى 证券

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاكسيە(证券 )تۇتۇپ تۇرغۇچىنىڭ ھوقوق مەنپەئەتى يېزىلغان قانۇنىي كۇچكە ئىگە بولغان يازما دوكۇمىنت بولۇپ قانۇنلۇق بولۇشى، يازمىچە بولۇش ئۇنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھىساپلىنىدۇ. ئۇ بىر خىل قىممەتكە ئىگە بولۇپ تۇتۇپ تۇرغۇچى تۇتۇپ تۇرۇش مەزگىلىدە مەلۇم تاۋارغا،پۇلغا ۋە ئۆسۈمگە ئىرىشىش ھوقوقىغا ئىگە بولىدۇ، شۇڭا بۇ بىر خىل ئوبوروت قىلىنىش (سودا قىلىش) باھاسىغا ئىگە بولىدۇ. قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە (有价证券 )كەڭ مەنىدىكى ۋە تار مەنىدىكى دەپ بۆلۈنىدۇ. 

كەڭ مەنىدىكى ئاكسىيە تاۋارلىق ئاكسىيە(商品证券)، پۇل مۇئامىلىلىك ئاكسىيە (货币证券) ۋە كاپىتاللىق ئاكسىيە (资本证券) دەپ 3 تۇرگە بۆلۈنىدۇ. 

كاپىتاللىق ئاكسىيە

كاپىتاللىق ئاكسىيە (资本证券)بولسا پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى بىلەن بىۋاستەمۇناسىۋىتى بولغان مەبلەغ سېلىش (جۇغلاش) جەريانىدا شەكىللەنگەن دوكۇمنىتلارنى كورسىتىدۇ، ئۇ پاي (股票)، قەرز چېكى (债券) ،فوند (基金)،پۇل مۇئامىلە قەرەللىك مېلى (金融期货) ۋە ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان ئاكسىيەلەرنى (可转换证券) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئۇلار يەنە بازارغا سېلىنغان ۋە بازارغا سېلىنمىغان دەپ 2 گە بۆلىنىدۇ. ھازىر كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەھلىل قىلىۋاتقىنى بازارغا سېلىنغان ئاكسىيەلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار تەڭ قىممەتتىكى مۈلۈككە ئىگە بولۇش، مەلۇم پايدىغا ئىگە بولۇش، ئوبوروتچانلىققا ئىگە بولۇش ۋە خىيىم- خەتەرلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ھازىر دۇنيادا 88 دۆلەتتە پاي بازىرى بۇلۇپ، كۆلەم جەھەتتىن دۋلىتىمىز پاي بازىرى 3-ئورۇندا  تۇرىدۇ، دۆلەت ئىچىدە ئىككى ( شاڭحەي، شىنجىن) ئاكسىيە بىرفىسى ،135ئاكسىيە شىركىتى بۇلۇپ، بۇ بازاردا پىيىنى بازارغا سالغان شىركەتلەر 2500 دىن ئاشقان(رايۇنىمىزدىن پىيىنى بازارغا سالغان شىركەت 39) ھازىر مەبلەغ سالغۇچىلار 180 مىلوندىن ئېشىپ، 3 ئائىلىدىن بىر ئادەم،9 ئادەمدىن بىر ئادەم پاي سودىسى قىلىدىغان غايەت زور  زامانىۋى بازارغا ئايلانغان. رايۇنىمىزدا 7 ئائىلىدىن بىر ئادەم 20 ئادەمدىن بىر ئادەم پاي ئوينايدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلاردىن پاي ئوينايدىغانلار 200 دىن بىرگىمۇ يەتمەيدىغان بۇلۇپ،  ھازىر كوچىدا ئىشتان-پايپاق، گازىر -پۇرچاق ساتقانلار  تىجارەتچى ھىسابلانمايدۇ.

نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە، پۇل مۇئامىلە بازىرى، ئاكسىيە بازىرى، ئالتۇن بازىرى، تاشقى پىرۋوت بازىرى، قەرەللىك مال بازىرىدىن ئىبارەت 5 چوڭ بازار بۇلۇپ ھازىر ھاياتى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى ئاكسىيە بازىرى بىلەن ئالتۇن بازىرى بۇلۇپ، سودىگەر مىللەتلەر ئۈچۈن ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ئەڭ ياحشى بىخەتەر سۇرۇن ھىساپلىنىدۇ.

دۆلىتىمىزدە 1986-يىلى شاڭخەيدە 6 پاي بازارغا چىقىپ، پاي بازىرى ئىچىلغان، 1992-يىلىمۇ 8 پاي بار بۇلۇپ ، 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۇنى بازاردا بىر تىيىنلق سودا بولمىغان. ھازىر بازار قىممىتى 4 مىلىيوندىن ئىشىپ كۈنلۈك سودا مىقدارى 100مىلىيارت يۇەندىن ئاشىدۇ. دىمەك بازارنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز بولغان. بۇ بىز ئۇچۇن يۈزلەنمىسە بولمايدىغان ساھە بۇلۇپ ،كىيىنكى مەۋجۇتلىقىمىزنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم كۈچ بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    25%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    25%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#