شىر

شىرنىڭ باشقا مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار بىلەن بولغان پەرقى شۇكى، ئۇلار توپلىشىپ ياشايدۇ، بىر شىر توپى ئادەتتە 4-12 گىچە تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولغان چىشى شىر، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھەم 1-2 ئەركەك شىردىن تەركىب تاپىدۇ . 

ئۇيغۇرچە نامى شىر
ئىنگلىزچە نامى Lion
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى گۆشخورلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى يىلپىز ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 狮子
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى مۈشۈك ئائىلىسى
تۈرى شىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىرشىر دۇنيادىكى بىردىنبىر ئىككى ھالەتتىكى مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋان . ئەركەك شىر يېلى بار، ھالبۇكى چىشى شىرنىڭ يوق . شىر مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار ئىچىدە  ئەڭ چوڭ باش سۆڭىكى بىلەن مۈرىسى ئېگىز ھايۋان. ئەركەك  شىرنىڭ بېشى تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 35-38 سانتىمېتىر، چىشى شىرنىڭ ئادەتتە 28-32 سانتىمېتىر. جەنۇبىي ئافرىقا ، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى شىرنىڭ بېشى تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 37 سانتىمىتىر ئېشىپ، 38 سانتىمىتىر ۋە 39 سانتىمىتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلىقى 40.2 سانتىمېتىغا يېتىدۇ . شەرقىي ئافرىقىدىكى شىرلارنىڭ بېشىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئادەتتە 35 -37.5 سانتىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ . ئادەتتىن تاشقىرى بەدەن شەكلى دەپ قارىلىدۇ ، شىمالىي ئافرىقىدىكى شىرنىڭ باش سۆڭىكى ئانچە چوڭ ئەمەس ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئاران 36 سانتىمىتىر ، بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ دائىرىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەرقىي ئافرىقا شىر بىلەن ئوخشاش كېلدۇ. ئاسىيا شىرنىڭ تېنى بىلەن ئافرىقا شىرىنىڭ تېنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا سەل كىچىك ، ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3-3.2 مېتىر . بۇنىڭ ئىچىدە ئەركەك شىرنىڭ ئېغىرلىقى 180-220 كىلوگىرام، چىشى شىرنىڭ ئېغىرلىقى 130-200 كىلوگىرام كېلىدۇ. ئافرىقا شىرنىڭ تۈكى ئاسىيا ئەركەك شىر تۈكىگە قارىغاندا قويۇقلۇقى بىر قەدەر ئاز، ئۇنىڭ قورساق قىسمىغا ۋە ئالدى پۇتىنىڭ جەينەك قىسملىرى ئاز مىقداردا ئۇزۇن تۈكلۈك ، قۇيرۇق ئۇچى شارسىمان تۈكلۈك ھەم سەل چوڭراق بولىدۇ . 

شىرنىڭ جۇغى چوڭ، گەۋدىسى تەكشى ، پۇت - قولىدا ئوتتۇرا-ئۇزۇن پۇت بارمىقى بولىدۇ . بېشى چوڭ ھەم يۇمىلاق ، تۇمشۇق قىسمى بىرقەدەر قىسقا، ئاڭلاش،  پۇراش سېزىمى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان . شىرنىڭ قۇلىقى بىرقەدەر قىسقا ، قۇلىقى بەك يۇمىلاق ، ئانا شىرنىڭ قۇلىقى ئاساسەن قىسقىغىنا يېرىم يۇمىلاق ، ئالدى پۇتى كەينى پۇتىغا قارىغاندا تېخىمۇ قاۋۇل، تىرناقلىرى ئىنتايىن كەڭ . قۇيرۇقى نىسبەتەن ئۇزۇن ، ئۇچى  قېنىق رەڭلىك ئۇزۇن تۈكلۈك. قوزۇق چىش ۋە كەسكۈر چىشلىرى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان؛ ئۈستۈنكى كەسكۈر چىشلىق ئۈچ ئۇچلۇق چىشلىق، كەسكۈر چىشلىقلار ئىككى چىشلىق ئۇچلۇق ،  ئادەتتە باشقا ئىسسىق قانلىق ھايۋانلارنى يوشۇرۇن ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈپ ئۇرۇقلۇق قىلىدۇ. 

ئافرىقا شىرى ۋە ئاسىيا شىرى دەپ ئىككى خىل كەنجى تۈرى بار. 

ئافرىقا شىرى

ئافرىقا شىرىئافرىقا شىرى (شىر نامىنىڭ كەنجى تۈرى) : 

ئىلمىي نامى:  Panthera 

ئىنگىلىزچە نامى : West 

شىرنىڭ كەنجى تۈرى ئافرىقا شىرى ئاساسەن غەربىي ئافرىقىنىڭ ، ئوتتۇرا قىسم، شەرقى قىسم، جەنۇبى قىسم، شىمال قىسىم رايونلىرىغا كەنجى توپى  تارقالغان . 

بېنىن ، بۇركىنا فاسو ، نىگېر ، نىگېرىيە ، سېنېگال قاتارلىق جايلار ئەسلىي جايى؛

گانا ، گۋىنىيە قاتارلىق جايلاردا نەسلى قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ئېغىر؛ 

كوتىدئىۋۇئېر ، گامبىيە ، گۋىنىيە بىسساۋ ، مالى ، ماۋرىتانىيە ، سېررالېئون ، توگو قاتارلىق جايلاردا رايون خاراكتېرلىك نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. 

ئاسىيا شىرى 

ئاسىيا شىرىئاسىيا شىرى (ھىندىستان شىرى) 

ئىلمىي نامى∶Panthera leossp.persica ؛ 

ئىنگىلىزچە نامى : Asiatic Lion, Indian Lion ؛

ئاسىيا شىرى بىر مەھەل ئوتتۇرا دېڭىزدىن ھىندىستانغا ، كۆپ قىسمى غەربىي جەنۇبىي ئاسىياغا  تارقالغان، شۇڭا ئۇنىڭ نامى « شىر پارس كەنجى تۈر» دىيىلگەن. ئاسىيا شىرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى دالىدىكى شىر سانى پەقەت 250-350، ھەممىسى پەقەت ھىندىستاننىڭ گۇجراتنىڭ جىر ئورمان دۆلەت باغچىسىدا. گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ئوۋلايدىغىنى ئاساسلىقى ، سۇ بۇغىسى ، چىپار بۆكەن ، كۆك كالا بۆكەن بۇقىسى ، ھىندىستان ئاھۇ ، ياۋا توڭگۇز ۋە ئۆي ھايۋانلىرى.

شىرشىر سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ـــــ گۆشخورلارئەترىتى ـــــ مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە گۆشخور ھايۋان. ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شالاڭ ئورمانلىقلىرى ۋە ئوتلاقلىرىدا ياشايدۇ ،  ياۋا كالا، بۆكەن، زىراپە ۋە تاغىل ئات قاتارلىقلارنى يېمەكلىك قىلىدۇ.

شىرنىڭ باشقا مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار بىلەن بولغان پەرقى شۇكى ، ئۇلار توپلىشىپ ياشايدۇ ، بىر شىر توپى ئادەتتە 4 - 12 گىچە تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولغان چىشى شىر ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھەم 1 - 2 ئەركەك شىردىن تەركىب تاپىدۇ . شىر ئادەتتە بىر قەدەر چوڭراق بولغان ئوۋلارنى ئوۋلايدۇ . مەسلەن ، ياۋا كالا، بۆكەن ، تاغىل ئات ، ھەتتا كىچىك بىگېموت ، پىل ، زىراپە قاتارلىقلار.

شىرشىر توپىدىكى ئانا شىر ھەرقانداق ۋاقىتتا كۆپىيىشگە مۇۋاپىق كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانا شىرلار بۇ جەھەتتە ھامان ماس قەدەملىك ، ھەر بىر ئانا شىرنىڭ ھەممىسى بالا ئېمىتىش ، بەزىلىرى سىرتقا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاشنى زىممىسىگە ئالغان، شىر توپىدىكى ئانا شىرنىڭ ئوۋلاش تېخنىكىسى ئىنتايىن يۇقىرى ، شىرلار توپلىشىپ يۈردىغان بولغاچقا ئۇلار ھەمكارلىشىپ ئوۋ ئوۋلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى يۇقىرى. 

ئانا شىرنىڭ قورساق كۆتىرىش مەزگىلى ئادەتتە 100-119 كۈن بولىدۇ، ھەر قېتىم تۇغقاندا 6-1 ( ئادەتتە 4 ~2 تال) گىچە شىر بالىسى تۇغۇلىدۇ. بالىسى ئەمدىلا تۇغۇلغان چاغدا بەدىنىدىن گىل رەڭ داغلار پەيدا بولىدۇ ، بولۇپمۇ قورساق قىسمى ۋە پۇتى ئۈستىدە . بالىسى گۆش يېيىشنى تۆت ھەپتىلىك بولغان ۋاقىتتىن باشلايدۇ،  6 -7-ئايلىق بولغاندا ئاساسىي جەھەتتىن ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ، بۇ چاغدا بەدىنىدىكى داغ ئاستا - ئاستا غايىپ بولدۇ.  شىر بالىلىرى ئادەتتە 2 ياشقىچە ئانىسىغا ئەگىشىپ يۈريدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن مۇستەقىل بولىدۇ ھەم جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ. شىرنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 30 يىل بولىدۇ . 

شىرئەسلىي ئىسسىق بەلباغ رايۇنلىرى يەنى: ئانگولا، بېنىن، بوتسۋانا، بۇركىنا فاسو، كامېرۇن، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، چاد، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، ئېفىئوپىيە، ھىندىستان، كېنىيە، مالاۋى، نامىبىيە، نىگېرىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، سۋېزىلاند، تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى، ئۇگاندا، زامبىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان. 

كوتىدىۋا، گانا، گۋىنىيە، بىسساۋ، مالى، رۋاندا، توگو قاتارلىق جايلاردا بەلكىم نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بۇلۇشى مۇمكىن. 

بىر قىسىم رايونلاردا يەنى: ئافغانىستان، ئالجىرىيە، كونگو، مىسىر، گامبىيە، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئىراق، ئىسرائىلىيە، ئىئوردانىيە، كۇۋەيىت، لىۋان، لېسوتو، لىۋىيە، ماۋرىتانىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، سېررالېئون، غەربىي سەھرا قاتارلىق جايلاردا نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.

شىربارلىق ئافرىقا كەنجى تۈرى «دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» 2008- يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكىگە   كىرگۈزۈلگەن.  (IUCN)___ ئاسان خەتەرلىك (VU).

ئاسىيا شىرى «دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» 2008 - يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.  (IUCN)____ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان (EN) .

شىرزوئولوگىيە ئالىملىرى ئەگەر ئوخشاش ياشتىكى چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولغان شىر بىلەن يولۋاس ئۆز-ئارا يەككە ئۇرۇشسا ، يولۋاس يېڭىۋېلىشى مۇمكىن، چۈنكى يولۋاسنىڭ چىدامچانلىقى ۋە چاققانلىقى شىرنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . ئەگەر  شىر بىلەن يولۋاس ئۆز-ئارا توپلىشىپ ئۇرۇشسا ، شىر يېڭىۋېلىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ،  چۈنكى شىرنىڭ توپلىشىپ ئىتپاقلىشىشچانلىقى  يولۋاسنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دەپ قارايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#