سەرتان بەھرى

سەرتان بەھرى

بۇ شور دەريا قاتارلىق دېڭىزلاردا ياشايدىغان، بېشى چايانغا ئوخشايدىغان بىر خىل سۇ جانىۋىرى بولۇپ، قابىز، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش رولى بار.

دورا نامى سەرتان بەھرى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 海蟹

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ شور دەريا قاتارلىق دېڭىزلاردا ياشايدىغان، بېشى چايانغا ئوخشايدىغان بىر خىل سۇ جانىۋىرى بولۇپ، ئۇ ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، داۋاملىق دەريادا تۇرسا يۇمشاق تۇرىدۇ، دەريادىن چىقىرىلغاندىن كېيىن ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىش بىلەنلا تاشتەك قاتىدۇ، ئاق، يۇمشاق كېلىدۇ ئۇنىڭ يەنە بىرى بەك ئاق كېلىدۇ، ئاياللار قۇلىقىغا سالىدىغان زىرىگە ئوخشايدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

قابىز، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش.

ئۆپكە سىلى، قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىقى، قاپاق ساڭگىلاش، كۆزگە سۇ چۈشۈش، داغ، سەپكۈن قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. سەرتان بەھرىنىڭ كۆيدۈرۈلگىنىنى تاش سۈرمە بىلەن يۇمشىتىپ كۆزگە تارتسا، كۆزنىڭ ھۆللۈكىنى يوقىتىدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، كۆزنى روشەن قىلىدۇ.

2. سەرتان بەھرىنى ئېزىپ يۈزىگە چاپسا داغ ۋە سەپكۈنگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

سىرتقى تەرەپتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما ئىچكى تەرەپتىن ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەگەر ئىشلىتىلسە ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. 

زەھەرلىك، ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ.

سۈت، ھەسەل سۈيى.

گىل ئەرمىنى.

ھىندى دېڭىزىدىن چىقىدۇ.

سۇپۇپى سەرتان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#