سۈت دەرىخى

ماراكەشنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تۈزلەڭلىكتە «پەرزەنتلىرى» نى سۈت بىلەن ئېمىتىدىغان بىر خىل دەرەخلەر ئۆسىدۇ، ئۇنىڭ ماراكەش تىلىدىكى ئەسلىي نامى «ئاق كۆڭۈل ئانا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ «مېھرىبان ئانا» نىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىردىن ئاشىدۇ، پۈتۈن تېنى قىزغۇچ قوڭۇر، يوپۇرمىقى ئۇزۇن، قېلىن ھەم پۇختا، شارچە گۈلى ئاپئاق ھەم گۈزەل. ھەر نۆۋەت شارچە گۈلى توزىغاندا، ئېللىپس شەكىللىك بىر سۈت پورىكى شەكىللىنىدۇ، پورەكنىڭ ئۇچىدىن كوكۇس نوتىسىغا ئوخشاش شەكىلدىكى بىر خىل سۈت نەيچىسى ئۆسۈپ چىقىدۇ. سۈت پورىكى پىشقاندىن كېيىن، سۈت نەيچىسىدىن سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك «سۈت شىرنىسى» تامچىلاشقا باشلايدۇ. 

سۈت دەرىخى كۆپىيىشتە ئۇرۇق ئارقىلىق كۆپەيمەي، بەلكى يىلتىزىدىن كىچىك سۈت دەرەخلەر بىخ ئۇرۇپ ئۆسۈپ چىقىدۇ. شۇڭا، چوڭ دەرەخنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن توپلىشىپ ئۆسكەن كىچىك دەرەخلەر(كۆچەتلەر) بولىدۇ. چوڭ دەرەخنىڭ سۈت شىرنىلىرى مۇشۇ كۆچەتلەرنىڭ تار ئۇزۇن يوپۇرماق يۈزلىرىگە تامچىلاپ چۈشۈپ تۇرىدۇ، كۆچەتلەر چوڭ دەرەخنىڭ سۈت شىرنىسىنى يوپۇرمىقى ئارقىلىق سۈمۈرۈپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

ياش سۈت دەرىخى ئۆسۈپ يوغىنىغاندىن كېيىن، يىلتىز قىسمىدا تەبىئىي ھالدا بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ، ياش دەرەخلەرنى «ئەمچەكتىن ئايرىيدۇ» ھەمدە ياش دەرەختىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا چوڭ سۈت دەرىخىنىڭ ئايرىلغان قىسمى سولىشىشقا باشلاپ، ياش دەرەخنىڭ قۇياش نۇرى ۋە يامغۇر سۈيىنى قوبۇل قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.

سۈتلۈك دەرەخ دۇنيادا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۆپىيىش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، ماراكەشتە نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ھازىر ئالىملار سۈت دەرىخىنى قوغداش ۋە سورت يېتىلدۈرۈپ سۈت دەرىخىنى كۆپەيتىش ئۇسۇلى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.

ماراكەش سۈت دەرىخىنىڭ سۈتىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، لېكىن جەنۇبىي ئامېرىكا رايونىدا يەنە بىر خىل سۈت دەرىخىدىن ئېقىپ چىقىدىغان سۈت سۇيۇقلۇقى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى مول بولغان بىر خىل ئىچىملىك بولۇپ، ئەڭ ياخشى كالا سۈتىدىنمۇ قېلىشمايدۇ. شۇ جايدىكى يەرلىك كىشىلەر بۇ خىل دەرەخنى دائىم يېزا-كەنتلەرنىڭ ئەتراپىدا تىكىپ ئۆستۈرىدۇ. بەكە-پىچاقلار بىلەن دەرەخ غولىنى تىلىپ قويسىلا، ئۇنىڭدىن ئېغىزغا تېتىغۇدەك مەززىلىك «كالا سۈتى» ئېقىپ چىقىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#