پۇسان شەھىرى
چاۋشيەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى پورت شەھىرى. جەنۇبىي چاشيەننىڭ سېئول شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى چاۋشيەن بوغىزى بىلەن دۇيما بوغۇزى ياقىسىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چاۋشيەننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى پورت شەھىرى. جەنۇبىي چاشيەننىڭ سېئول شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى چاۋشيەن بوغىزى بىلەن دۇيما بوغۇزى ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 3 مىليون 122 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980) . بۇ جاي ئەسلى بېلىقچىلىق يېزىسى بولۇپ، 1443-يىلى پورت بولۇپ ئېچىلغان.
پۇسانبۇ جاي ئەسلى بېلىقچىلىق يېزىسى بولۇپ، 1443-يىلى پورت بولۇپ ئېچىلغان. 1876-يىلى سودا پورتى ئالغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى سېئۇل-پۇسان، سېئۇل-سىنئۇجۇ تۆمۈر يوللىرىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان. 1929-يىلى كيوڭساڭ-نامدۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان. پۇسان جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، توقۇمىچىلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيە، كېمىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، مېتالچىلىق سانائەتلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان. شەھەر ئەتراپىدا شال، مېۋە-چىۋە ئۆستۈرۈش ھەم چارۋىچلىق، بېلىقچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ۇسان جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. شەھەر ئەتراپىدا ئارشاڭ بۇلاقلار، مۇھىم ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.
چاۋشىيەن بولسا بىر مىللەتلىك دۆلەت ،پۇساندىمۇ پەقەتلا چاۋشىيەن مىللىتىلا بار .
كورىيەدە 6 ياشلىق ~ 11 ياشقىچە بولغان بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدىن باشلاپ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى . 14 ~ 12ياشلىق ئوقۇغۇچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ، 15 ~ 17 ياشقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى قوبۇل قىلىدۇ، 18 ياشتىن ئاشقاندا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرسە بۇلىدۇ.
پۇساندىكى داڭلىق ئۇنۋېرستىتلار :
چىڭ شىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ،
دۇڭمىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
، شەرىق-غەرىب ئۇنىۋېرسىتېتى
،شەرقىي ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى
پۇسان چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى
پۇسان ، كاتولىك دىنى ئۇنىۋېرسىتېتى،
كورىيە دېڭىز - ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتى ،
جەنۇبىي ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتى
داتۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
شەرقىي پۇسان ئالىي كەسپىي تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى
پۇسان قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى
پۇسان ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتى
مىتروفۇشەن شەھەر تۆمۈر يولللار تۇتاشتۇرۇلغان . ئاساسلىق ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى ، مەدەنىيەت مالىيە گۇرۇھىلىرى ، مال سېتىۋېلىش مەركىزى , كۈتۈم زال , شياڭ جىنخېنى قاتارلىق سورۇنلار بىر-بىرگە تۇتاشتۇرۇلغان .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كورىيە تىلى، ئىنگلىز تىلىدا , خەنزۇ تىلى , ياپون تىلى ئارقىلق يول باشلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.