داۋىد. بېكخام

داۋىد. بېكخام 1975-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگلىيە دە تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىرقى پۇتبول ساھەسىدىكى داڭلىق چولپان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى داۋىد. بېكخام
باشقا نامى Beckham David، بېكخام
يۇرتى ئەنگلىيە
بوي ئېگىزلىكى 183 سانتىمېتىر
كەسپى پۇتبولچى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大卫·贝克汉姆
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1975 - يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 75 كىلوگرام

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېكخام 1975-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگلىيە ده تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىرقى پۇتبول ساھەسىدىكى داڭلىق چولپان. ئۇ ئەنگلىيە مانچېستېر كوماندىسىدا توپ تەپكەن ۋە بۇ كوماندىغا نۇرغۇنلىغان ئۇنتۇلغۇسىز شەرەپلەرنى قالدۇرغان. ئۇ پۈتۈن دۇنيا پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ مەبۇدىسىغا ئايلانغان.

 بېكخام 2006-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزى 6 يىلدىن بېرى ساقلاپ كېلىۋاتقان دۆلەت كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇ قېتىمقى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە بېكخام گەرچە ئۆز ماھارىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان بولسىمۇ 4 كۈچلۈك كوماندىغا كىرىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە نۇقتا توپ تېپىشىپ پورتۇگالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.

1999-يىلىدىن باشلاپ ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى توپچى دەپ ئاتالغان.

2000-يىلى ئەنگىلىيە پۇتبول ئەپەندىسى دەپ ئاتالغان.

1999-، 2001-يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى كۈمۈش توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسى قىزىل كارتا جازاسى بېرىلگەن.

1999-يىلى ئەنگلىيە نىڭ مانچېستېر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبىغا ئەگىشىپ ئۈچ قېتىم ۋاڭ يې (كەسپ  پادىشاھى) بولغان.

بېكخام دۆلەت كوماندىسى كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن بىلەن ئەنگلىيە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#